14
تۇر پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردا سېلىشىغا ياردەملىشىدۇ
1سام. 5‏:11-25
تۇر پادىشاھى ھىرام داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا سېلىشقا كېدىر ياغىچى، تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ چاغدا داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇشقا جەزمەن تىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنىدى.
 
داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن ئوغۇللىرى
داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرمۇنچە خوتۇن ئالدى ھەمدە يەنە ئوغۇل-قىزلارنى كۆردى. تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇيا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، ئىبھار، ئەلىشۇيا، ئەلپەلەت، نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، ئەلىشاما، بەئەلىيادا ۋە ئەلىفەلەت.
 
داۋۇتنىڭ فىلىستىيلەرنى ئىككى قېتىم يەڭگەنلىكى
داۋۇتنىڭ مەسىھ قىلىنىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت بىلەن قارشىلىشىش پۇرسىتىنى ئىزلەپ كەلدى؛ داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. فىلىستىيلەر «رەفايىم جىلغىسى»غا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىردى. 10 داۋۇت خۇدادىن: «مەن فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭگە چىقسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سۆزسىز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى. 11 فىلىستىيلەر بائال-پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتالغان. 12 فىلىستىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانلىقتىن، داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى.
13 فىلىستىيلەر يەنە ھېلىقى جىلغىغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىرىۋىدى، 14 داۋۇت يەنە خۇدادىن يول سورىدى. خۇدا ئۇنىڭغا: «ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىماي، ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۈجمىلىكنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن. 15 سەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا جەڭگە ئاتلان؛ چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ» دېدى. 16 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ زەربە بەردى. 17 شۇ سەۋەبتىن داۋۇتنىڭ شۆھرىتى بارلىق يۇرت-زېمىنلارغا پۇر كەتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قورقۇنچىنى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە سالدى.
 
 
14:7 «بەئەلىيادا» ــ ياكى «ئەلىيا». «2سام.» 16:5نى كۆرۈڭ. 14:11 «بائال-پەرازىم» ــ «ئىگەم بۆسۈپ كىردى» دېگەن مەنىدە. 14:15 «ئۈجمە دەرەخلىرى» ــ بۇ بىزنىڭ قىياسىمىز. ئىبرانىي تىلىدا «يىغلىغۇچى دەرەخلەر». زادى قايسى دەرەخ ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم. باشقا بىر قىياس «خىنە دەرەخلىرى».