23
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە گۇرۇپپىلىنىشى
داۋۇت قېرىپ كۈنلىرى توشاي دەپ قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارنى، كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى. لاۋىيلاردىن ئوتتۇز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ تىزىملانغىنى بويىچە، ئۇلاردىن ئەرلەر جەمئىي ئوتتۇز سەككىز مىڭ كىشى ئىدى. داۋۇت: «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا، تۆت مىڭ كىشى دەرۋازىۋەنلىككە ۋە يەنە تۆت مىڭ كىشى مەن ياسىغان سازلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇش ئىشىغا قويۇلسۇن» ــ دېدى. داۋۇت ئۇلارنى لاۋىينىڭ ئوغلى گەرشون، كوھات ۋە مەرارى جەمەتلىرى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلدى: ــ
گەرشونىيلاردىن لادان بىلەن شىمەي بار ئىدى؛ لاداننىڭ ئوغلى: تۇنجى ئوغلى يەھىيەل، يەنە زىتام بىلەن يوئېلدىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ شىمەينىڭ ئوغلىدىن شېلومىت، ھازىيەل ۋە ھاراندىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ئىدى؛ يۇقىرىقىلار لاداننىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 10 شىمەينىڭ ئوغۇللىرى جاھات، زىنا، يەئۇش ۋە بېرىياھ، بۇ تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى شىمەينىڭ ئوغلى ئىدى. 11 جاھات تۇنجى ئوغۇل، زىزا ئىككىنچى ئوغۇل ئىدى؛ يەئۇش بىلەن بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپ بولمىغاچقا، بىر جەمەت گۇرۇپپىسى دەپ ھېسابلانغان. 12 كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىيەلدىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىدى.
13 ئامرامنىڭ ئوغلى ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكلاش، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، مەڭگۈ ئۇنىڭ نامىدىن بەخت تىلەپ دۇئا بېرىشكە ئايرىلغانىدى. 14 خۇدانىڭ ئادىمى مۇساغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىدىن دەپ ھېسابلىنىپ پۈتۈلگەن. 15 مۇسانىڭ ئوغلى گەرشوم بىلەن ئەلىئېزەر ئىدى. 16 گەرشومنىڭ ئوغۇللىرىدىن شەبۇيەل چوڭ ئوغلى ئىدى. 17 ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا ئىدى؛ ئەلىئېزەرنىڭ باشقا ئوغلى بولمىغان، لېكىن رەھابىيانىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. 18 ئىزھارنىڭ تۇنجى ئوغلى شېلومىت ئىدى. 19 ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يېرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئامارىيا، ئۈچىنچى ئوغلى ياھازىيەل، تۆتىنچى ئوغلى جەكامىيام ئىدى. 20 ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى مىكاھ، ئىككىنچى ئوغلى يىشىيا ئىدى.
21 مەرارىنىڭ ئوغلى ماھلى بىلەن مۇشى ئىدى؛ ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار بىلەن كىش ئىدى. 22 ئەلىئازار ئۆلگەندە ئوغلى يوق، قىزلىرىلا بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى كىشنىڭ ئوغۇللىرى ئۇ قىزلارنى ئەمرىگە ئالدى. 23 مۇشىنىڭ ماھلى، ئېدەر ۋە يەرەموت دېگەن ئۈچلا ئوغلى بار ئىدى.
24 يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى جەمەت باشلىرى بويىچە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەركەكلەر رويخەتكە ئېلىنغان؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملانغانىدى.
25 چۈنكى داۋۇت: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئارام بېرىپ، ئۆزى مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ماكان قىلىدۇ؛ 26 شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى قاچا-ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنىدى. 27 شۇڭا داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە، لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرىنىڭ ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 28 ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش ئىدى؛ ئۇلار ھويلا-ئاراملارنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىز تۇتۇش، قىسقىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل ئىدى؛ 29 يەنە «تىزىلغان تەقدىم نان»، ئاش ھەدىيە ئۇنلىرى، پېتىر قوتۇرماچلار، قازان نانلىرى ۋە مايلىق نانلارغا، شۇنداقلا ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا مەسئۇل ئىدى؛ 30 ئۇلار يەنە ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۆرە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى، ھەركۈنى كەچلىكىمۇ شۇنداق قىلاتتى. 31 يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېكىتىلىگەن سانى ۋە نۆۋىتى بىلەن خىزمەتتە تۇراتتى. 32 ئۇلار جامائەت چېدىرىنى ھەم مۇقەددەس جاينى باقاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتتە بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا قارايتتى.
 
 
23:10 «زىنا» ــ 11-ئايەتتە «زىزا». 23:13 «قۇربانلىقلارنى سۇنۇش» ــ ياكى «خۇشبۇي يېقىش». 23:17 «ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەلىئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى». 23:31 «يەنە شابات كۈنى، ھەر يېڭى ئايدا، شۇنىڭدەك بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا سۇنۇلىدىغان بارلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مەسئۇل ئىدى» ــ لاۋىيلار ئۆزلىرى قۇربانلىقلارنى سۇنمايتتى، بىراق ئۇلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى.