13
ئابىيا يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ
1پاد. 15‏:1-8
پادىشاھ يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئابىيا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىكايا بولۇپ، ئۇ گىبېئاھلىق ئۇرىيەلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن يەروبوئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. ئابىيا جەڭ قىلىش ئۈچۈن خىللانغان جەڭچىلەردىن تۆت يۈز مىڭنى باشلاپ چىقتى؛ يەروبوئاممۇ خىللانغان باتۇر جەڭچىلەردىن سەككىز يۈز مىڭنى باشلاپ چىقىپ، ئابىياغا قارشى سەپ تۈزۈپ تۇردى.
ئابىيا ئەفرائىم تاغلىق رايونىدىكى زەمارايىم تېغىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى يەروبوئام ۋە ئىسرائىل خەلقى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بىلمەمسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار «تۇزلۇق ئەھدە» قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى پادىشاھلىقنى داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈگە تەقدىم قىلغانغۇ؟ لېكىن داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ قۇلى، نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام قوزغىلىپ ئۆز غوجىسىدىن يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇتتەھەملەر، «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بىلەن قارشىلىشىشقا ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈردى؛ رەھوبوئام ئۇ چاغدا تېخى ياش، سەبىي بالىدەك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى. ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان پادىشاھلىقىغا قارشى چىقىپ «ئۆزىمىزنى كۆرسىتىمىز» دەيسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار دەرۋەقە كۆپتۇر؛ سىلەردە يەنە يەروبوئام سىلەرگە ياساپ بەرگەن، ئىلاھلار دەپ قارىلىدىغان ئالتۇن موزايلار بار. سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى قوغلىۋېتىپ، يەر يۈزىدىكى باشقا ئەللەر قىلغىنىدەك ئۆزلىرىڭلارغا خالىغانچە كاھىن تىكلىۋالغان ئەمەسمىدىڭلار؟ كىمدەكىم بىر تورپاق ۋە يەتتە قوزىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزۈمنى كاھىنلىققا بېغىشلايمەن دېسە، ئۇ خۇدا بولمىغان بۇتلارغا كاھىن بولالايدۇ! 10 لېكىن بىز بولساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولغان كاھىنلار بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا. 11 ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئېسىل خۇشبۇي ياقىدۇ. پاكىز شىرەگە «تەقدىم نانلار»مۇ تىزىپ قويۇلىدۇ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇلار ئالتۇن چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنى ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىڭلار. 12 قاراڭلار، خۇدا بىزنى باشلىغۇچى بولۇپ بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قوللىرىغا كاناي ئالغان، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا سىگنال چىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئۇنىڭ كاھىنلىرىمۇ بىز بىلەن بىللىدۇر. ئى ئىسرائىل بالىلىرى، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ھەرگىز غەلىبە قازىنالمايسىلەر».
13 لېكىن يەروبوئام ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن بۆكتۈرمە قويغانىدى. شۇنداقكى، ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئىدى ۋە بۆكتۈرمە قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە ساقلاپ تۇراتتى. 14 يەھۇدالار بۇرۇلۇپ قارىسا، مانا ئۆزلىرى ئالدى-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتاتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى، كاھىنلارمۇ كانايلارنى چالدى. 15 بۇنىڭ بىلەن يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشتى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدالار قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈشۈۋاتقاندا، خۇدا يەروبوئام بىلەن بارلىق ئىسرائىللارنى ئابىيا بىلەن يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن ئۇرۇپ تېرە-پەرەڭ قىلدى. 16 ئىسرائىللار يەھۇدالارنىڭ ئالدىدىن قاچتى؛ خۇدا ئۇلارنى يەھۇدالارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 17 ئابىيا بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قاتتىق قىرغىن قىلدى؛ ئىسرائىللاردىن خىللانغان بەش يۈز مىڭ ئەسكەر قەتل قىلىندى. 18 بۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەن قىلىندى؛ يەھۇدادىكىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قازاندى. 19 ئابىيا يەروبوئامنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىلكىدىن بىرقانچە شەھىرىنى، يەنى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، يېشاناھ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى، ئەفرون ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازارلارنى تارتىۋالدى. 20 يەروبوئام ئابىيانىڭ كۈنلىرىدە قايتىدىن كۈچلىنەلمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى ئۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆلدى.
21 ئابىيا بولسا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزدى؛ ئۇ ئون تۆت خوتۇن ئېلىپ، يىگىرمە ئىككى ئوغۇل، ئون ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. 22 ئابىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ماڭغان يوللىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى «ئىددو پەيغەمبەرنىڭ تەھلىلى»دە پۈتۈلگەندۇر.
 
 
13:5 «تۇزلۇق ئەھدە» ــ دېمەك، تۇز بىلەن ئىپادىلەنگەن. «لاۋ.» 13:2 ۋە «چۆل.» 19:18نى كۆرۈڭ. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا (ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولغاندەك) تۇز بولسا «مەڭگۈلۈك»نىڭ، «چىرىماسلىق»نىڭ ۋە «تەم»نىڭ سىمۋولىدۇر. 13:7 «بېلىيال» ــ شەيتاننىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر. «بېلىيالنىڭ بالىلىرى» ئىپلاس ئادەملەرنى بىلدۈرىدۇ. 13:10 «لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا» ــ ياكى «لاۋىيلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا» ــ يەنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە. 13:18 «تۆۋەن قىلىندى» ــ ياكى «مەغلۇپ قىلىندى».