15
ئازارىيا پەيغەمبەر ئاساغا ئاگاھ ۋە رىغبەت بېرىدۇ؛ ئاسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ
خۇدانىڭ روھى ئودەدنىڭ ئوغلى ئازارىيانىڭ ئۈستىگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسا بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئاسا، پۈتكۈل يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولغىنىڭلاردا، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر ئۇنى ئىزلىسەڭلار ئۇ سىلەرگە تاپقۇزۇلىدۇ؛ لېكىن سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار ئۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەرگىچە ھەقىقىي خۇدا، تەلىم بېرىدىغان كاھىن ۋە قانۇن-ئەھكاملاردىن جۇدا بولۇپ يۈردى؛ لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قايتىپ، ئۇنى ئىزدىدى ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. ئۇ ۋاقىتلاردا چىقىپ-كىرىپ تۇرغانلارغا ھېچ ئاراملىق بولمىغان، چۈنكى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلار مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى. خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل قىيىنچىلىق-مالىمانچىلىق ئىچىدە قالدۇرغاچقا، مەملىكەت بىلەن مەملىكەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سوقۇشۇپ ۋەيران بولدى. لېكىن سىلەر بولساڭلار، قەيسەر بولۇڭلار، مەزمۇت تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى بوشاتماڭلار، چۈنكى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ئىنئامى باردۇر، دېدى.
ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا ئۇ دادىللىشىپ، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنلىرىدا، شۇنداقلا ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قولغا چۈشۈرگەن ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى يوقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئايۋان ئالدىدا تۇرغان پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن ياساتتى. ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى). 10 ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇلار يېرۇسالېمغا يىغىلدى. 11 شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرىدىن يەتتە يۈز بۇقا ۋە يەتتە مىڭ قوينى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 12 ئۇلار يەنە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبى ۋە بۈتۈن جېنى بىلەن ئىزدەشكە بىر ئەھدە تۈزۈشتى؛ 13 ئەھدىدە، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، دېيىلدى. 14 ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش ۋە كاناي ھەم بۇرغا چېلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بېرىشتى. 15 پۈتكۈل يەھۇدا جامائىتى ئىچكەن قەسىمىدىن شادلاندى؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنى تاپقۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا تۆت ئەتراپىدا ئاراملىق ئاتا قىلدى. 16 ئاسا پادىشاھ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشېراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ، ئاياغ ئاستىدا چەيلىدى ۋە كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.  
17 «يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. 18‏-19 ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى.
 
 
15:8 «ئاسا بۇ گەپلەرنى ۋە ئودەد پەيغەمبەر بەرگەن بېشارەتنى ئاڭلىغاندا...» ــ ئىككى ئىمكانىيەت بار: (1) ئازارىيا ئاتىسى ئودەدنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلاتتى؛ (2) ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ ئاساغا بېشارەت بەرگەنىدى. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز؛ چۈنكى تېكىستتە «بۇ گەپلەرنى ۋە... بېشارەتنى ئاڭلىدى» دېيىلىدۇ. «يىرگىنچلىك بۇتلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى». 15:11 «شۇ كۈنى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن جەڭ غەنىمەتلىرى...» ــ 14:14-15نى كۆرۈڭ. 15:13 «قېرى-ياش» ــ ياكى «چوڭ-كىچىك». 15:15 «تولىمۇ تەلمۈرۈپ ئىزدىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئىنتىزارلىقى بىلەن ئىزدىدى». 15:16 «چوڭ ئانىسى» ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «ئانىسى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «خانىش مەرتىۋىسى» ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مائاقاھ پادىشاھلىقتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. 15:16 1پاد. 15‏:13 15:17 1پاد. 15‏:14 15:18‏-19 1پاد. 15‏:15