25
ئامازىيا يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ
2پاد. 14‏:1-22
ئامازىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەھوئاددان بولۇپ، يېرۇسالېملىق ئىدى. ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە توغرا بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن پۈتۈن كۆڭلى بىلەن قىلمىدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى. لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «نە ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ نە ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگىچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى.
ئامازىيا يەھۇدالارنى يىغىپ، جەمەتلىرىگە قاراپ پۈتۈن يەھۇدالارنى ۋە بىنيامىنلارنى مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلار ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇ ئۇلاردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانىنى ئېلىۋىدى، جەڭگە چىقالايدىغان، قولىغا نەيزە ۋە قالقان ئالالايدىغان خىل لەشكەردىن ئۈچ يۈز مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇ يەنە بىر يۈز تالانت كۈمۈش سەرپ قىلىپ ئىسرائىلدىن يۈز مىڭ باتۇر جەڭچى ياللىۋالدى.
لېكىن خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى پادىشاھىم، ئىسرائىل قوشۇنىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارغۇزمىغايلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ياكى ئەفرائىمىيلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن بىللە ئەمەس. ھەتتا سىلى چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن دېسىلىمۇ، خۇدا ئۆزلىرىنى دۈشمەن ئالدىدا يىقىتىدۇ، چۈنكى خۇدا ئىنسانغا ياردەم بېرىشكىمۇ قادىردۇر، ئىنساننى يىقىتىشقىمۇ قادىردۇر، دېدى.
ئامازىيا خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ ئەمىسە مەن ئىسرائىلنىڭ ياللانما قوشۇنىغا بەرگەن يۈز تالانت كۈمۈشنى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ زىيادە كۆپ بېرىشكە قادىردۇر، دەپ جاۋاب بەردى.
 
10 شۇنىڭ بىلەن ئامازىيا ئەفرائىمدىن ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن ياللانما قوشۇننى ئايرىپ چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يەھۇدالارغا بەك غەزەپلىنىپ، قاتتىق قەھر ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. 11 ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ خەلقىنى باشلاپ «شور ۋادىسى»غا بېرىپ سېئىرلاردىن ئون مىڭ ئادەمنى يوقاتتى. 12 يەھۇدالار يەنە ئون مىڭ ئادەمنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تىك يارنىڭ لېۋىغا ئاپىرىپ، ياردىن ئىتتىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارە-پارە قىلىنىپ تاشلاندى. 13 ھالبۇكى، ئامازىيا ئۆزى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا رۇخسەت قىلماي قايتۇرۇۋەتكەن ياللانما ئەسكەرلەر سامارىيەدىن بەيت-ھورۇنغىچە بولغان يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئۈچ مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى بۇلاپ كەتتى.
14 لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئامازىيا ئېدومىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۇ سېئىرلارنىڭ بۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مەبۇد قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى. 15 شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئامازىياغا قوزغالدى، ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: ــ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ خەلقنىڭ ئىلاھلىرىنى زادى نېمە دەپ ئىزدەيسەن؟ ــ دېدى. 16 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا تېخى سۆز قىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تىكلىگەنمۇ؟ قوي، بۇ گېپىڭنى! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ نېمە؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر گەپتىن توختىدى-دە، يەنە: ــ بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ھەم نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىغىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنى يوقىتىشنى قارار قىلدى، دەپ بىلىمەن، ــ دېدى.
17 شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.
18 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى.
19 سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟».
20 ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدادىن كەلدى؛ چۈنكى ئۇلار ئېدومنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىزدىگەنىدى، خۇدا ئۇلارنى يوئاشنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 21 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش جەڭگە ئاتلىنىپ چىقتى؛ ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇ يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيا بىلەن بەيت-شەمەشتە، جەڭ مەيدانىدا يۈز تۇرانە ئۇچراشتى. 22 يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.
23 ئىسرائىل پادىشاھى يوئاش بەيت-شەمەشتە يەھوئاھازنىڭ نەۋرىسى، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ۋە ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى.
24 ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئوبەد-ئېدوم مەسئۇل بولۇپ ساقلاۋاتقان ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى. 25 ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.
26 ئامازىيانىڭ قالغان ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
27 ئامازىيا پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەندىن باشلاپلا يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى.
28 ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «يەھۇدانىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.
 
 
25:6 «بىر يۈز تالانت كۈمۈش» ــ 100 تالانت كۈمۈش بەلكىم 3400 كىلوگرام كۈمۈش بولۇشى مۇمكىن. 25:11 «ئامازىيا جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ...» ــ ياكى «ئامازىيا ئۆزىنى كۈچەيتىپ،...». «سېئىر» ــ ئېدومنىڭ ئىككىنچى ئىسمى. 25:14 «...ئۇلارغا خۇشبۇي ياقتى» ــ ياكى «...ئۇلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى». 25:19 «سەن دەرۋەقە ... يايراپ كەتتىڭ. ... نېمىشقا ... ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟» ــ يەھوئاش ئېيتقان تەمسىلنىڭ ئومۇمىي مەنىسى: «سەن پەقەت بىر تىكەندۇرسەن، ئۆزۈم كېدىردەك ئۇلۇغ ئادەممەن، ئۆزۈڭگە ئۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتمە. سېنىڭ ئۇلۇغ پىلانىڭ ھەرتۈرلۈك تاسادىپىيلىقتىن مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك. گەرچە يەھوئاش پادىشاھنى «بۇتپەرەس كاپىر» دەپ ھېسابلىغىلى بولسىمۇ، مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ نەسىھەتى توغرا ئىدى. 25:23 «يەھوئاھاز» ــ «ئاھازىيا»نىڭ باشقىچە ئىپادىلىنىشى. بۇ يەھوئاھاز (ئاھازىيا) يەھۇدا پادىشاھى، 25-ئايەتتىكى «يەھوئاھاز» ئەمەس. «تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكى..» ــ تەۋراتتا «گەز» (ياكى «جەينەك») قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى، يەنى 0.454 مېتر ئۇزۇنلۇق ئىدى. 25:25 «ئىسرائىل پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، ... ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى» ــ 23-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 25:26 «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «پادىشاھلار»دۇر. 25:28 «يەھۇدانىڭ شەھىرى» ــ بەلكىم «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نى كۆرسىتىدۇ. «2پاد.» 20:14نى كۆرۈڭ.