3
ئىبادەتخانىنى سېلىش
1پاد. 6‏:1-38؛ 7‏:13-51
سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگار ئاتىسى داۋۇتقا ئايان بولغان مورىيا تېغىدا، يەنى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىدا، داۋۇت تەييار قىلىپ قويغان يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش ئىشىنى باشلىدى. سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ قۇرۇلۇشنى باشلىدى. سۇلايمان سالغان خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى مۇنداق: ــ ئۇزۇنلۇقى (قەدىمكى زاماندا قوللانغان ئۆلچەم بويىچە) ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى. ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ، ئۆينىڭ كەڭلىكىگە توغرا كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئۇ ئۆينىڭ چوڭ زېلىنىڭ تاملىرىنى ئارچا-قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلاتتى، ئاندىن كېيىن ساپ ئالتۇن قاپلاتتى ۋە ئۈستىگە خورما دەرىخىنىڭ شەكلى بىلەن زەنجىر نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. ئۇ ئۆينى ئالامەت چىرايلىق قىلىپ تاملىرىنى يەنە ئېسىل تاش-ياقۇتلار بىلەن زىننەتلەتتى. ئۇ ئىشلەتكەن ئالتۇنلار پۈتۈنلەي پارۋايىم ئالتۇنى ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئۆينى، ئۆينىڭ لىملىرى، ئىشىك بوسۇغا-كېشەكلىرى، بارلىق تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ تامغا كېرۇبلارنىڭ نەقىشلىرىنى ئويدۇردى. سۇلايمان يەنە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياساتتى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز بولۇپ (ئۆينىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ ئىدى)، كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى؛ ئالتۇن جەمئىي بولۇپ ئالتە يۈز تالالنت ئىدى. ئالتۇن مىقنىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي ئەللىك شەكەل بولدى. بالىخانىلىرىنىڭ ئىچىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى.
10 ئەڭ مۇقەددەس جاي ئىچىدە ئۇ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 11 ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز ئىدى؛ بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز بولۇپ، ئۆينىڭ تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئىككىنچى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 12 يەنە بىر كېرۇبنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئۇمۇ ئۆي تېمىغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىنچى بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش گەز بولۇپ، ئالدىنقى بىر كېرۇبنىڭ قانىتىغا يېتەتتى. 13 بۇ ئىككى كېرۇبنىڭ قاناتلىرى يېيىلغان ھالدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى جەمئىي يىگىرمە گەز كېلەتتى؛ ئىككىلا كېرۇب ئۆرە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، يۈزلىرى ئۆينىڭ ئىچىگە قارايتتى.
14 سۇلايمان يەنە كۆك رەڭلىك، سۆسۈن رەڭلىك، توق قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك يىپ توقۇلمىلىرىدىن ۋە نەپىس كاناپتىن ئۆينىڭ ئىچىدىكى پەردىسىنى ياساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلارنى كەشتە قىلىپ توقۇتتى.
15 ئۆينىڭ ئالدىغا يەنە ئېگىزلىكى ئوتتۇز بەش گەز كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ياساپ قويدۇردى؛ ھەر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلەتتى. 16 ئۇ يەنە (ئىچكى كالامخانىدىكىدەك) مارجانسىمان زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك باشلىرى ئۈستىگە ئورناتتى؛ ئۇ يۈز دانە ئانار ياسىتىپ ئۇلارنى زەنجىرلەرگە ئورناتتى. 17 ئۇ بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى ئۆينىڭ ئالدىغا، بىرسىنى ئوڭ تەرىپىدە، بىرسىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزدى؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتىكىسىنى ياقىن، سول تەرەپتىكىسىنى بوئاز دەپ ئاتىدى.
 
 
3:2 «سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاي...» ــ بۇ ۋاقىت بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 966-يىلى، 4-5-ئايدا بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 3:3 «ۇزۇنلۇقى ... ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولىنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى. 3:4 «ئۆينىڭ ... ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى» ــ كونا كۆچۈرمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ يەردە «بىر يۈز يىگرىمە گەز ئىدى» دېيىلىدۇ. بىز مۇشۇ يەردە كونا «سۇرىياك» تەرجىمىسى ۋە گرېك تىلىدىكى بىر كونا تەرجىمىسىگە ئەگىشىمىز. 3:8 «ئالتە يۈز تالالنت» ــ 600 تالانت بەلكىم 18.4 توننا ئىدى. 3:9 «ئەللىك شەكەل» ــ 50 شەكەل بەلكىم 600 گرام. 3:16 «كالامخانا» ــ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ «كالامخانا» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان «ئەھدە تاش تاختىلىرى» (خۇدانىڭ كالامى) سېلىنغان «ئەھدە ساندۇقى» بار ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلكىم بەزى ۋاقتىدا، باش كاھىن شۇ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرگەندە، خۇدانىڭ بېشارەتلىرى ئۇلارغا كېلىشى مۇمكىن ئىدى. 3:17 «ياقىن» ... «بوئاز» ــ «ياقىن» دېگەن سۆز «ئۇ مۇستەھكەملەيدۇ» دېگەن مەنىدە؛ «بوئاز» بەلكىم «كۈچ بىلەن» ياكى «قۇدرەتتە» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ مەنىسى شۇ چاغدا «ئۇ (خۇدا) بۇنى (مۇقەددەس ئۆيىنى) قۇدرەت بىلەن مۇستەھكەملەيدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.