9
خۇدا ۋە ئۇنىڭ تاللىغىنى ئىسرائىل
1 مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ
2 قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار.
3-4 چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى نىجات تاپقۇزالىسام خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ــ ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە تەۋرات ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى.
5 ئۇلۇغ ئىبرانىي ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن!
6 ــ بىراق خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛
7 شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن.
8 دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن ئىبراھىمدىن تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولىۋەرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ.
9 چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ».
10 ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەكگە ھامىلىدار بولغاندا،
11-12 پەرزەنتلىرى تېخى تۇغۇلمىغاندا، ھېچقانداق ياخشى ياكى يامان ئىشنىمۇ قىلماستا، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رىۋكاھغا: «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى.
13 خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم».
14 ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق!
15 چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ
«كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن،
كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن».
16 دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر.
17 چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى».
18 دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ.
خۇدانىڭ غەزىپى ۋە شاپائىتى
19 ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن.
20 بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلىۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ
«مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» ــ دېيەلەمدۇ؟
21 خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟
22 خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟
23-24 ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟
25 بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ
«ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم،
ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»؛
26 ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا،
كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ».
27 يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ
«ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛
28 چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ».
29 يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك يوقالغان بولاتتۇق».
ئىسرائىللارنىڭ پۇتلىشىپ كېتىشى
30 ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى.
31 لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى.
32 نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىققا ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛
33 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:
«خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى،
ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم،
ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس».