22
ئاندىن پەرىشتە ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ،    شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى.   لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ. ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
 
ئاخىرقى ئاگاھ-گۇۋاھ
پەرىشتە ماڭا:
ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى.  
 
(«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!»)  
بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ ماڭا:
ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى.
10 ئۇ ماڭا يەنە:
ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى.   
11 قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك-مۇقەددەس كىشى بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى.
 
ئەيسا مەسىھ بىۋاسىتە يۇھانناغا سۆزلەيدۇ
12  «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.   13 مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».  
 
14 ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر! 15 شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.
 
16 «مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»
 
17 روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ.
ئاڭلىغۇچى: «كەل!» دېسۇن.
ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.  
 
خاتىمە
18 مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ. 19 كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
20 ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ:
 
ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!»
 
ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!»
 
21 رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!
22:1 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەب.» 38:36، 4:46، «ئەز.» 1:47-9، «زەك.» 8:14. 22:1 ئ‍ەز. 47‏:1؛ زەك. 14‏:8. 22:2 «ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى» ــ ياكى «ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى». 22:2 ۋەھ. 2‏:7. 22:4 ۋەھ. 3‏:12. 22:5 يەش. 60‏:19؛ زەك. 14‏:7؛ ۋەھ. 21‏:23. 22:6 «يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلار» ــ ياكى «تۇيۇقسىز يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلار». «بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر» ــ بۇ سۆزلەر 9:19 ۋە 5:21دىمۇ تېپىلىدۇ، شۇ يەردە ئالدىنقى ئىشلارنى (1:21-5) تەستىقلاش ئۈچۈن ئېيتىلغان. ئەمما مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ياكى ھەتتە ياكى پۈتكۈل ئىنجىلنىڭ مەزمۇنىنى ياكى پۈتكۈل تەۋرات-ئىنجىلنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. «پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى» ــ مۇشۇ يەردە رەب ئەيسانى كۆرسەتسە كېرەك (1:1نى كۆرۈڭ). 22:6 ۋەھ. 1‏:1؛ 19‏:9؛ 21‏:5. 22:7 «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!» ــ بۇ سۆزلەر رەب ئەيسانىڭ، ئەلۋەتتە. 22:7 ۋەھ. 1‏:3. 22:9 روس. 10‏:26؛ 14‏:14؛ ۋەھ. 19‏:10. 22:10 «بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە» ــ ــ مەنىسى بەلكىم، ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق بولسۇن، مەخپىي بولمىسۇن. 22:10 دان. 8‏:26؛ 12‏:4؛ ۋەھ. 1‏:3. 22:12 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 10:40، 11:62. 22:12 زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23. 22:13 «مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»...» ــ گرېك تىلىدا «ئالفا» بىرىنچى ھەرپ، «ئومېگا» ئاخىرقى ھەرپتۇر. دېمەك، ئەيسا مەسىھ باش ۋە ئاخىردۇر. 22:13 يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:8؛ 21‏:6. 22:15 1كور. 6‏:10؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ كول. 3‏:5، 6. 22:16 يەش. 11‏:10؛ رىم. 15‏:12؛ 2پېت. 1‏:19؛ ۋەھ. 1‏:1؛ 5‏:5. 22:17 «روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دەيدۇ» ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھتۇر. «توي بولىدىغان قىز» دەگەنلىك جامائەتنى كۆرسىتىدۇ. 19-باب 7-، 8-ئايەتلەرگە قارالسۇن. 22:17 يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 7‏:37. 22:18 «مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى» ــ «مەنكى» دېگەن سۆز بەزى ئالىملار، 18-19-ئايەتتىكى سۆزلەرنى روسۇل يۇھاننانىڭكى دەپ قارايدۇ. بىراق يۇھاننا ئۆزىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمىگەچكە (9:1نى كۆرۈڭ)، شۇنداقلا 20-ئايەتتە رەب ئۆزى ئېنىق كۆرسىتىلگەچكە بىز سۆزلەرنى رەبنىڭكى، دېگەن پىكىرگە مايىلمىز. 22:19 قان. 4‏:2؛ 12‏:32؛ پەند. 30‏:6؛ ۋەھ. 13‏:8؛ 17‏:8.