6
قوزىنىڭ ئالتە پېچەتنى ئېچىشى
ئاندىن قوزا يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنى ئاچقاندا، مەن قاراپ تۇردۇم. تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى؛ ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى.  
قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىپقىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى.
قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كۆردۈمكى، مانا بىر قارا ئات كەلدى. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: ــ
 
«بىر تاۋاق بۇغداي بىر دىنارىئۇس پۇلغا،
ئۈچ تاۋاق ئارپا بىر دىنارىئۇس پۇلغا سېتىلىدۇ.
ئەمما زەيتۇن يېغىغا ۋە شارابقا زەرەر يەتكۈزمىگىن!»
ــ دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.  
قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى ھايات مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.
قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ئۈچۈن ۋە ئىزچىل گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانگاھنىڭ تېگىدە كۆردۈم. 10 ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا سېلىشىپ:
ــ ئەي ھاكىممۇتلەق ئىگىمىز، مۇقەددەس ۋە ھەقىقىي بولغۇچى! سەن قاچانغىچە يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى سوراق قىلماي، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمايسەن؟ ــ دېيىشەتتى.
11 ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلدى. ئۇلارغا، ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان قۇل-بۇرادەرلىرىڭلار ھەم قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك، دەپ ئېيتىلدى. 12 ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈمكى، مانا دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى، قۇياش بەئەينى قارا يۇڭدىن توقۇلغان بۆزدەك قاپقارا رەڭگە، تولۇن ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.    13 ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن ئەنجۈر غورىلىرى يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. 14 ئاسمان خۇددى ئورام يازمىنىڭ تۈرۈلگىنىدەك غايىب بولدى، ھەربىر تاغ ۋە ئارال ئورنىدىن يۆتكەلدى؛ 15 ھەمدە دۇنيادىكى پادىشاھلار، مۆتىۋەرلەر، سەردارلار، بايلار، كۈچلۈكلەر، قۇللار ۋە ھۆرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. 16 ئۇلار تاغلارغا ۋە قورام تاشلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: ــ
«ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ھەم قوزىنىڭ غەزىپىدىن يوشۇرۇڭلار ۋە ساقلاڭلار!    17 چۈنكى ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك غەزەپ كۈنى كەلدى، ئەمدى كىم پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!».
 
 
6:1 «تۆت ھايات مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم» ــ «كەل!» دېگەن سۆز بەلكىم -2-8ئايەتلەردە كۆرۈنگەن ئاتلىقلارنىڭ ھەربىرىگە چىقىرىلغان بۇيرۇق بولسا كېرەك (3-، 5-، 7-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). بەزى كونا كەچۈرۈلمىلەردە «كەل»نىڭ ئورندا «كېلىپ كۆرگىن!» دېيىلىدۇ. 6:2 «ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى» ــ «تاج» دېگەن بۇ سۆز پادىشاھنىڭكى ئەمەس، بەلكى جەڭ-ئۇرۇشلاردا ياكى ئېلىشىش مۇسابىقىلىرىدا غالىبلارغا بېرىلىدىغان، بىرخىل نەپىس چەمبىرەكنى كۆرسىتىدۇ. «كۆردۈمكى، مانا بىر ئاق ئات كەلدى! ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ئوق-يا بار ئىدى... ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى» ــ «ئاق ئاتقا مىنگۈچى»نىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 6:2 ۋەھ. 19‏:11. 6:6 «بىر تاۋاق بۇغداي» ــ گرېك تىلىدا «بىر ئۆلچەم بۇغداي». «بىر دىنارىئۇس پۇل» ــ ئاساسەن بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئىدى («مات.» 2:20). «بىر تاۋاق» بەلكىم بىر شىڭ ئىدى (گرېك تىلىدا «چۆنىكس»). بىراق بىر تاۋاق بۇغداي ئارانلا بىر كىشىنىڭ كۈنلۈك تامىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا «قارا ئات» ئاچارچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايلار بولسا ئۆز راھەت-پاراغىتىگە كېرەك بولغان «ماي ۋە شاراب»لارنى سېتىۋالالايدۇ. 6:6 ۋەھ. 9‏:4. 6:8 «قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق...» ــ «ۋابا» گرېك تىلىدا «ئۆلۈم». 6:9 ۋەھ. 19‏:10؛ 20‏:4. 6:12 «ئاندىن مەن قوزا ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقىنىدا كۆردۈم...» ــ «يەتتە پېچەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 6:12 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش.13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20. 6:14 «مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «يەش.» 4:34. 6:15 «سەردارلار» ــ گرېك تىلىدا «مىڭبېشىلار». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 21:2. 6:16 «مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «ھوش.» 8:10. 6:16 يەش. 2‏:19؛ ھوش. 10‏:8؛ لۇقا 23‏:30؛ ۋەھ. 9‏:6. 6:17 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20