13
سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ
سائۇل ئوتتۇز ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئىلغاپ ئالدى. ئىككى مىڭى مىكماشتا ۋە بەيت-ئەل تاغلىرىدا سائۇلنىڭ قېشىدا، بىر مىڭى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا يوناتاننىڭ قېشىدا ئىدى. ئەمما ئۇ قالغان خەلقنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكۈزىۋەتتى.
يوناتان بولسا فىلىستىيلەرنىڭ گېبادىكى لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلدى، فىلىستىيلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بولسا: ــ پۈتكۈل زېمىندىكى ئىبرانىيلار ئاڭلاپ ئويغانسۇن دەپ، كاناي چالدۇردى. پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى.
فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق لەشكەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەر يىغىلدى. ئۇلار كېلىپ بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماشتا بارگاھ تىكتى.
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلىقلارغا، يۇقىرى جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنىۋېلىشتى؛ بەزى ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا قېچىپ باردى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىترىگەن ھالدا ئەگەشتى.
ئەمدى سائۇل سامۇئىل ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتقىچە يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى؛ لېكىن سامۇئىل گىلگالغا كەلمىدى، خەلق ئۇنىڭدىن تارىلىپ كەتكىلى تۇردى. سائۇل: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ــ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. 10  ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تۈگىتىشى بىلەنلا، مانا سامۇئىل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى.
11  لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم، 12  مەن ئىچىمدە: ئەمدى فىلىستىيلەر گىلگالغا چۈشۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى، مەن بولسام تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم، دېدىم. شۇڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىدىم، دېدى.
13  سامۇئىل سائۇلغا: ــ سەن ئەخمەقلىق قىلدىڭ؛ سەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرنى تۇتمىدىڭ؛ شۇنداق قىلغان بولساڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلاتتى، دېدى. 14  لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى.
15  ئاندىن سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ گىلگالدىن كېتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھغا باردى. سائۇل بولسا ئۆز يېنىدىكى ئادەملەرنى سانىدى؛ ئۇلار ئالتە يۈزچە چىقتى. 16  سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارنىڭ قېشىدا قالغان خەلق بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبادا قېلىپ قالدى، فىلىستىيلەر بولسا مىكماشتا بارگاھ تىككەنىدى.
17  قاراقچىلار دائىم فىلىستىيلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنەتتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھغا بارىدىغان يولغا ئاتلىناتتى، 18  بىر بۆلەك بەيت-ھورونغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭاتتى، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زەبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان زېمىندىكى يولغا ماڭاتتى.
19  ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى تېپىلمايتتى؛ چۈنكى فىلىستىيلەر: ــ ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىيالمىسۇن، دەپ ئويلايتتى. 20  بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. 21  ئۇلار ساپان چىشلىرى ۋە كەتمەنلەر ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى شەكەل، جوتۇ، پالتا ۋە زىخلارنى بىسلاش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەلنى تۆلەيتتى. 22  شۇڭا ئۇرۇش بولغاندا سائۇل ۋە يوناتاننىڭ قېشىدىكى خەلقنىڭ ھېچبىرىدە قىلىچ يا نەيزە يوق ئىدى؛ پەقەت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاندىلا بار ئىدى.
 
يوناتان يالغۇز جەڭگە چىقىدۇ
23  ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ بىر قاراۋۇللار ئەترىتى مىكماشتىكى داۋانغا چىققانىدى.
 
 
13:1 «سائۇل ئوتتۇز ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن...» ــ قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە بۇ ئايەت باشقا شەكىللەردە كۆرۈلىدۇ. «سائۇل ئوتتۇز ياشتا...» دېگەن سۆز تەۋراتنىڭ گرېكچە تەرجىمىسى (LXX)دە كۆرۈلىدۇ. سائۇل جەمئىي قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى («روس.» 21:13). 13:5 «فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ... يىغىلدى» ــ كۆپ كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: «فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئوتتۇز مىڭ جەڭ ھارۋىسى... يىغىلدى» دېيىلىدۇ. لېكىن بۇنداق كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ «جەڭ ھارۋىلىرى» ئىچىدە يۈك-تاقلارنى ئېلىپ ماڭغان ھارۋىلارمۇ بار ئىدى. «بەيت-ئاۋەن» ــ يەنى «بەيت-ئەل». 13:6 «ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقى» ــ «ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقى» بەلكىم قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 13:19 ھاك. 5‏:8.