7
ئىسرائىللار فىلىستىيلەر بىلەن يەنە سوقۇشىدۇ
شۇنىڭ بىلەن كىرىئات-يېئارىمدىكى ئادەملەر كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە قويدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېكىتتى. ئەھدە ساندۇقى كىرىئات-يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل ئۆتتى. ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى پەرۋەردىگارنى سېغىندى.
ۋە سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە: ــ ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ياتلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن ئاشتاروتلارنى ئۆز ئاراڭلاردىن يوقىتىپ، كۆڭلۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، خاس ئۇنىڭ ئىبادىتىدىلا بولساڭلار ئۇ سىلەرنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى.    شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بائاللار بىلەن ئاشتاروتلارنى تاشلاپ خاس پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىلا بولدى.
ئاندىن سامۇئىل: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلنى مىزپاھ شەھىرىگە جەم قىلساڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلاي، دېدى. ئەمدى ئۇلار مىزپاھقا جەم بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ تارتىپ ئۇنى پەرۋەردىگار ئالدىغا قۇيدى ۋە ئۇ كۈنى روزا تۇتۇپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل مىزپاھتا ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىنى ئاڭلىدى؛ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ فىلىستىيلەردىن قورقتى. ئىسرائىللار سامۇئىلغا: ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى. سامۇئىل ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئېلىپ تولۇق بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار دۇئاسىنى ئاڭلىدى. 10  سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى يېقىنلاپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل ئالدىدا تارمار بولدى. 11  ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ ئۇلارنى بەيت-كارنىڭ تۈۋىگىچە قوغلاپ قىردى.
12  ئۇ ۋاقىتتا سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىزپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ: ــ «پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن-ئەزەر دەپ ئاتىدى.  
13  شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر بېسىقىپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا يەنە تاجاۋۇز قىلمىدى؛ سامۇئىل ھاكىم بولغان بارلىق كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قارشى بولدى؛ 14  شۇنداق قىلىپ ئەكروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىيلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلغا ياندۇرۇلدى؛ شەھەرلەرگە تەۋە زېمىنلارنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى.
15  سامۇئىل بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى سورىدى. 16  ھەر يىلى ئۇ بەيت-ئەل، گىلگال ۋە مىزپاھلارنى ئايلىنىپ، مۇشۇ يەرلەردە ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. 17  ئاندىن ئۇ راماھقا يېنىپ باراتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى ھەم ئۇ ئۇ يەردىمۇ ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغانىدى.
 
 
7:1 2سام. 6‏:4. 7:3 «ئاشتاروتلار» ــ ياكى «ئاشەراھلار» ــ ئالاھىدە دەرەخلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايال بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ؛ دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 7:3 قان. 6‏:13؛ 10‏:20؛ مات. 4‏:10؛ لۇقا 4‏:8 7:6 «...سامۇئىل ... ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى» ــ سامۇئىل پەيغەمبەر ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرگەن «باتۇر ھاكىملار» ياكى «قۇتقۇزغۇچى باتۇرلار»نىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. 7:10 يە. 10‏:10. 7:12 «سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ.... پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن-ئەزەر دەپ ئاتىدى» ــ «ئەبەن-ئەزەر» دېگەننىڭ مەنىسى: «ياردەم تېشى». 7:12 1سام. 4‏:1. 7:17 1سام. 8‏:4.