7
سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ •••• شۇلامىت سۇلايمان ئۈچۈن «ئىككى بارگاھ» ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ
1 «ئى شاھزادىنىڭ قىزى،
كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل!
تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك،
چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر.
2 كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛
ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛
قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر،
ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ.
3 ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛
4 بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛
كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك،
بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛
5 ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛
بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر،
پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر.
6 ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن!
7 سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك،
كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر.
8 مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن،
شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛
كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك،
بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...».
شۇلامىت سۆز قىلىپ، سۇلايماننىڭ گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ
9
«...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ،
لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...!
10 مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن،
ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ».
ئون بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنىڭ ئۆز يۇرتىنى يوقلاشقا بولغان ئارزۇسى •••• {7:11-8:4} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ
11 «ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى،
ئېتىزلارغا چىقايلى؛
يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى،
12 ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى،
ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى،
چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى،
ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛
ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن.
13 مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛
ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر،
يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛
سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!»