27
تۇر توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت ــ تۇر شەھىرىنى چىرايلىق كېمىگە ئوخشىتىش
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ
ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ.  
سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛
سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى.
ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛
ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛
پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛
پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ،
كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن.
يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛
سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛
زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛
سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى.
گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛
دېڭىز-ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى.
10 پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛
ئۇلار قالقان-دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛
11 ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛
گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛
ئۇلار قالقان-قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛
ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛
12 تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛
مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن.
13 جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛
ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا-قازانلارنى تېگىشكەن.
14 تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
15 دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛
دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛
ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛
16 سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛
ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
17 يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛
تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
18 دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن،
ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
19 ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى.
20 دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛
21 ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛
ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن.
22 شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛
مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن.
23 ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛
24 ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛
بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا-ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى.
25 تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛
شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛
26 سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛
شەرق شامىلى سېنى دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا پارە-پارە قىلىۋەتتى؛
27 سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ،
كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ،
جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز-ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ.
28 يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ-زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ.
29 پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى،
دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛
ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛
30 ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ،
قاتتىق ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ؛
ئۇلار توپا-چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛
ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ.
31 ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛
ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد-ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ.  
32 ئۇلار ئاھ-زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ــ «تۇر دېڭىز-ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان!
ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟
33 مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە،
سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛
بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن.
34 سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز-ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە-پارە قىلىنغاندا،
تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ-توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى.
35 بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛
ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان.
36 خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛
سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»».  
 
 
27:3 «ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىرىش ئاغزى» دېگەن سۆز «جۈپلۈك شەكلىدە»، چۈنكى تۇرنىڭ ئىككى پورتى بار ئىدى. 27:3 ئ‍ەز. 28‏:12 27:6 يەش. 2‏:13 27:7 «ئېلىشاھ» ــ بەلكىم كۇپروسنى كۆرسىتىدۇ. 27:10 «لىۋىيەدىكىلەر» ــ «لىۋىيە» ياكى«لىبيا» ئىبرانىي تىلىدا «پۇت» دېگەن سۆزدۇر. 27:12 «تارشىش» ــ قەدىمكى زامانلاردا دېڭىز سودىسى بىلەن داڭقى چىققان «تارشىش» دەيدىغان ئۈچ يۇرت بار بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىرىنچىسى، شىمالىي ئافرىقىدا (ھازىرقى ماراكەش ئەتراپىدا)؛ ئىككىنچىسى ئىسپانىيە، ئۈچىنچىسى ئەنگلىيە ئىدى. مۇشۇ يەردە بەلكىم ئىسپانىيىنى كۆرسىتىدۇ. 27:13 «جاۋان» ــ ھازىرقى گرېتسىيەدۇر. تۇبال ۋە مەشەك ئەسلىدە ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىدا ياشىغان ئىككى قەبىلە ئىدى. كېيىن ئۇلار رۇسىيە تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. «ئادەملەرنىڭ جانلىرى» ــ قۇللار دېگەنلىك. 27:16 «سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمە نۇسخىلاردا «ئارام» (سۇرىيە) ئەمەس، «ئېدوم» دېيىلىدۇ: 18-ئايەتتە «دەمەشق» (سۇرىيەنىڭ پايتەختى) توغرۇلۇق سۆز بولغاچقا، «ئېدوم» بەلكىم توغرىدۇر. 27:23 «ئاشۇر» ــ ئاسۇرىيە. 27:25 «ئېغىرلىشىپ كەتكەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق گەپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى مەنىسى «ھۆرمەت-ئابرۇيلۇق بولغان» دېگەن مەنىدە. شۈبھىسىزكى، بۇ كىنايىلىك گەپ ئىدى. 27:26 ئ‍ەز. 17‏:1 27:27 ۋەھ. 18‏:9-19 27:28 ئ‍ەز. 26‏:10، 15 27:31 «بۆز كىيىملەر» ــ ماتەم تۇتۇش ياكى قاتتىق توۋا قىلىشنى بىلدۈرەتتى. 27:31 يەر. 48‏:37 27:36 «سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدىئ» ــ «ئۇش-ئۇش قىلىش» كونا جەمئىيەتتە مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. 27:36 ئ‍ەز. 26‏:21