28
تۇرنىڭ پادىشاھىنى ئەيىبلەيدىغان بىر بېشارەت
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛
مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛
(بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!)
سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ.
مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن؛
ھېچقانداق سىر سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛
دانالىقىڭ ۋە ئەقلىڭ بىلەن سەن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇڭ،
ئالتۇن-كۈمۈشنى خەزىنىلىرىڭگە توپلاپ قويدۇڭ؛
تىجارەتتە بولغان زور دانالىقىڭ بىلەن بايلىقلىرىڭنى ئاۋۇتتۇڭ؛
بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ: ــ
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ كەتكەنلىكىڭدىن،
ئەمدى مانا، مەن يات ئادەملەر،
يەنى ئەللەرنىڭ دەھشىتىنى ئۈستۈڭگە ئېپكېلىمەن؛
ئۇلار دانالىقىڭنىڭ پارلاقلىقىنى يوقىتىشقا قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ،
شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ؛
ئۇلار سېنى ھاڭغا چۈشۈرىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ قوينىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلىسەن.
ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟
بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن.
10 سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن؛
چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلغان»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
 
تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق بىر مەرسىيە
11 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
12 ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇ مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان،
دانالىققا تولغان، گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەنىدىڭ؛  
13 سەن ئېرەم باغچىسى، يەنى خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغانسەن؛
ھەربىر قىممەتلىك تاشلار، يەنى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە ئالماس، بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق، ئانارتاش، كۆك ياقۇت، زۇمرەت ۋە كۆك قاشتاش ساڭا يۆگەك بولغان؛
ياقۇت كۆزلىرىڭ ۋە نەققاشلىرىڭ ئالتۇن ئىچىگە ياسالغان؛
سەن يارىتىلغان كۈنۈڭدە ئۇلار تەييارلانغانىدى.
14 سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن،
چۈنكى مەن سېنى شۇنداق بېكىتكەنىدىم؛
سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس تېغىدا بولغانسەن؛
سەن ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدا يۈرەتتىڭ؛

15 سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ.




16 قىلغان سودىلىرىڭنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن سەن زورلۇق-زۇمبۇلۇق بىلەن تولۇپ، گۇناھ سادىر قىلغان؛
شۇڭا مەن سېنى خۇدانىڭ تېغىدىن ھارام نەرسە دەپ تاشلىۋەتكەنمەن؛
مەن سېنى، ئى مۇھاپىزەتچى كېرۇب، ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدىن ھەيدەپ يوقاتقانمەن؛
17 سېنىڭ كۆڭلۈڭ گۈزەللىكىڭ بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتتى؛
پارلاقلىقىڭ تۈپەيلىدىن سەن دانالىقىڭنى بۇلغىغانسەن؛
مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛
پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ياتقۇزدۇم.
18 سېنىڭ قەبىھلىكلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن،
قىلغان سوداڭنىڭ ئادىلسىزلىقى تۈپەيلىدىن،
ئۆز مۇقەددەس جايلىرىڭنى بۇلغىغانسەن؛
مەن ئۆزۈڭدىن بىر ئوتنى چىقاردىم،
ئۇ سېنى كۆيدۈرۈپ يەۋەتتى؛
شۇنىڭ بىلەن ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆز ئالدىدا،
مەن سېنى يەردە قالغان كۈللەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتىم.
19 سېنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ ساراسىمىدە قالىدۇ؛
سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن».
 
زىدوننى ئەيىبلەيدىغان بىر بېشارەت
20 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
21 ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى زىدونغا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ
22 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مانا، مەن ساڭا قارشى، ئى زىدون؛
ئۆزۈم ئاراڭدا ئۇلۇغلىنىمەن؛
مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا،
ئۆزۈمنى ئۇنىڭدا پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىمنى كۆرسەتكىنىمدە،
ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
23 مەن ئۇلارغا ۋابانى ئەۋىتىپ، رەستە-كوچىلىرىدا قان ئاققۇزىمەن؛
ئۇنىڭغا قارشى چىققان قىلىچنىڭ ھەر ئەتراپىدا بولغانلىقىدىن ئوتتۇرىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛
24 ئۇلار يەنە ئىسرائىل جەمەتىنى كۆزگە ئىلمىغان ئەتراپىدىكىلەر ئارىسىدا،
ئىسرائىل ئۈچۈن ئادەمنى سانجىغۇچى جىغان ياكى دەرد-ئەلەملىك تىكەن بولمايدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
25 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار تارقىتىلغان ئەللەر ئارىسىدىن ئىسرائىل جەمەتىنى قايتىدىن يىغقىنىمدا، ئۇلاردا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مەن ئۆز قۇلۇم بولغان ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئولتۇرىدۇ؛ 26 ئۇلار ئۇنىڭدا تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ياشاپ، ئۆيلەرنى سېلىپ ئۈزۈمزارلارنى تىكىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ».
 
 
28:2 يەش. 31‏:3 28:3 «مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن» ــ شۇ ۋاقىتتا دانىيال پەيغەمبەر ئاللىقاچان بابىل ئوردىسىدا بىرنەچچە يىل باش ۋەزىر بولغان. 28:7 يەر. 6‏:23 28:10 «سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن» ــ تۇردىكىلەر ئادەتتە «خەتنە قىلىنمىغان»لاردىندۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» دېگەن كىتابتا، «خەتنە قىلىنمىغان پېتىدا ئۆلۈش» دېگەن سۆز «خۇدادىن ئايرىلغان پېتىدا ئۆلۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز «خەتنە» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىتىلىمىز. 28:12 «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان» ــ ياكى «سەن، كامالەتنىڭ مۆھۈرى بولغان». 28:12 ئ‍ەز. 27‏:3 28:14 «سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن» ــ «كېرۇب» توغرۇلۇق 3:9-ئايەتتىكى ئىزاھات، «يار.» 24:3 ۋە »تۆبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «كېرۇب»لار كۈچلۈك پەرىشتىلەردۇر. «مەسىھلىنىش» ياكى «مەسىھ قىلىنىش» ــ تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ، «باش كاھىن» ھەم بەزى چاغلاردا پەيغەمبەرلەرنى تىكلەش ئۈچۈن «مەسىھ قىلىنىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلەتتى. مۇراسىمدا بېشىغا پۇراقلىق ماي قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھلەش» دەپ ئاتالغان. بىراق مۇشۇ يەردە بىر كېرۇب (پەرىشتە) «مەسىھ قىلىنغان»؛ خۇدا ئۆزى ئۇنى ئالاھىدە بىر خىزمەت قىلىشقا تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلىگەن بولسا كېرەك. 28:15 «سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ» ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم ھازىر كۆرىدۇكى، ئەزاكىيال پەيغەمبەر تۇر پادىشاھىغا ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان روھىي كۈچكە سۆز قىلىۋاتىدۇ. ئالدىدىكى 1-10 ئايەتلەر «تۇرنىڭ شاھشزادىسى» توغرۇلۇق ئىدى؛ ھازىر تېما «تۇرنىڭ پادىشاھى»غا ئۆزگەتىلىدۇ. بىزدە ھېچ گۇمان يوقكى، ئۇ شەيتانغا گەپ قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ يەردە شەيتان توغرۇلۇق بىرنەچچە مۇھىم خەۋەرلەر بار: ــ (1) ئۇ خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان. (2) ئۇنىڭ ئېرەم باغچىسىدا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچىلىك قىلىدىغان خىزمىتى بار ئىدى. (3) ئۇ ئەسلى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە كۈچلۈك كېرۇب (پەرىشتە) ئىدى. (4) ئۇ ئېرەم باغچىسىدا بولغان ۋاقىتتا خۇداغا قارشى چىققان. (5) شۇ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋېتىلگەن. 28:17 «... مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا تۇرغۇزدۇم» ــ مۇشۇ 17- ۋە كېيىنكى ئايەتلەردە، ئەزاكىيال ھەم شەيتانغا ھەم تۇر پادىشاھى (ئىتتوبال II)غا سۆز قىلىدۇ. تۇر پادىشاھى شەيتانغا ئىنتايىن ئوخشاپ كەتكەن. 28:21 «زىدون» ــ تۇر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشلىق رايون ئىدى. 28:26 يەر. 31‏:5