27
قۇربانگاھ
سەن قۇربانگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىنسۇن. ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىغىن؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىغىن. قۇربانگاھنىڭ ياغ ۋە كۈلىنى ئېلىشقا داسلارنى ياسىغىن؛ ئۇنىڭغا خاس بولغان گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىغىن؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ياساشقا مىس ئىشلەتكىن. قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىغىن؛ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت مىس ھالقا ياساپ بېكىتىپ قويغىن. شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلغىن، شۇنداقتا شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. قۇربانگاھقا ئىككى بالداق ياسىغىن؛ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بولسۇن، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىغىن. قۇربانگاھنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. قۇربانگاھنى تاختايلاردىن ياسىغىن، ئىچى بوش بولسۇن؛ ئۇ تاغدا ساڭا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ھۈنەرۋەنلەر تەييار قىلسۇن.
 
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسى
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىغىن. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى توقۇغىن؛ شۇ تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز بولسۇن. 10 پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن.
11 شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن.
12 ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئون خادىسى ۋە ئون تەگلىكى بولسۇن.
13 ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز بولسۇن. 14 بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. 15 يەنە بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. 16 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىگىرمە گەز كېلىدىغان بىر پەردە قويۇلسۇن؛ پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن تۆت تەگلىكى بولسۇن.
17 ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن، تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. 18 ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ھەر ئىككى تەرىپى ئەللىك گەز بولسۇن؛ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ئىشلەنگەن پەردىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز قىلىنسۇن؛ خادىلارنىڭ تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن.
19 مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرى ھەمدە بارلىق مىق-قوزۇقلىرى، شۇنداقلا ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن.
 
يېنىق تۇرىدىغان چىراغ ھەققىدىكى بەلگىلىمە
20  ــ چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن، چىراغقا ئىشلىتىشكە زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى قېشىڭغا كەلتۈرۈشكە ئىسرائىللارنى بۇيرۇغىن. 21 جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ تاشقىرىدا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنىڭ يېنىق تۇرغۇزۇش ئىشىدا بولسۇن. بۇ ئىش دەۋردىن-دەۋرگىچە ئىسرائىللارغا ئەبەدىي بىر قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن.
 
 
27:1 مىس. 38‏:1 27:5 «شالا» ــ بارلىق ئايەتلەردىن قارىغاندا، شالانىڭ فۇنكسىيىسى مۇنداق: (1) قۇربانگاھنىڭ ئوتخانىسىدىكى ئوتنى كۆتۈرۈش؛ (2) شالانى كۆتۈرگەندە قۇربانگاھمۇ تەڭ كۆتۈرۈلۈش؛ شالا قۇربانگاھنىڭ ئاستى تەرىپىگە، يەنە گىرۋەكنىڭ ئاستىغا قويۇلغاچقا، شالانى كۆتۈرگەندە گىرۋەككە تېرىلىپ قۇربانگاھمۇ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ھەم چېدىرنىڭ سخېمىلىرىنى كۆرۈڭ (مۇناسىۋەتلىك سېخمىنى كۆرۈڭ). 27:9 مىس. 38‏:9 27:10 «بالداقلار» ــ ئۇلار خادىلارنى ئۆزئارا چېتىپ تۇرىدىغان تاياقچىلار بولۇپ، خادىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە پەردىلەرنىمۇ كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ (17:38نى كۆرۈڭ). «بالداقلار»نىڭ باشقا تەرجىمىلىرى: «ھالقىلار» ياكى «چەمبەرلەر». 27:20 لاۋ. 24‏:2 27:21 «جامائەت چېدىرى» ــ بۇ ئىبادەت چېدىرىغا بېرىلگەن باشقا بىر نام.