28
كاھىنلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى
سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز قېشىڭغا كەلتۈرگىن؛ ئۇلارنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنىڭ مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىڭغا كەلتۈرگىن. ئاكاڭ ھارۇنغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىغىن. ھارۇننىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روھى بىلەن قەلبلىرىنى تولدۇرغان چېۋەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كىيىملەرنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ــ بىر قوشېن، بىر ئەفود، بىر تون، كەشتىلەنگەن بىر خالتا كۆڭلەك، بىر سەللە ۋە بىر بەلۋاغ. مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇنغا ۋە ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكسۇن.
 
ئەفودنىڭ لايىھىلىنىشى
ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەخت ئىشلىتىلسۇن؛ ئەفودنى ئۇلار ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەرنى تەييارلاپ، چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ئىشلەتسۇن. ئەفودنىڭ ئىككى بېشىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن. ئەفودنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، كەشتىلەنگەن بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالسۇن. ئىككى ئاق ھېقىقنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويدۇرغىن؛ 10 ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئالتىسى بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، قالغان ئالتىسى بولسا يەنە بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، ھەممىسى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە پۈتۈلسۇن. 11 خۇددى ياقۇت نەقىشچىلىرى ئىشلىگەندەك، مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئىككى ياقۇتقا ئويدۇرغىن؛ ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كۆزلۈككە بېكىتىلسۇن. 12 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا قادىغۇزغىن؛ شۇنداق بولغاندا، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ.
13‏-14 بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئالتۇندىن يەنە ئىككى كۆزلۈك ۋە ساپ ئالتۇندىن شوينىدەك ئېشىپ ئېتىلگەن ئىككى زەنجىر ياساتقىن؛ ئاندىن ئېشىلمە زەنجىرلەر كۆزلۈكلەرگە بېكىتىلسۇن.
 
قوشېننىڭ ياسىلىشى
15 «ھۆكۈم قوشېنى»نى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياساتقىن؛ ئۇنى ھەم ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ياسىغان، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىغىن.    16 ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولسۇن. 17 ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتقىن: ــ بىرىنچى قاتارغا قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن؛ 18 ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن؛ 19 ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن؛ 20 تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلسۇن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈك ئىچىگە ئورنىتىلسۇن. 21 بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلسۇن.
22 قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن ئىككى ئېشىلمە زەنجىر ياسىغىن. 23 قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ 24 ئاندىن ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، 25 ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، كۆزلۈكلەرنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن. 26 بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالسۇن. 27 مۇندىن باشقا سەن ئالتۇندىن يەنە ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، يەنى ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن قىلىپ، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتكىن. 28 قوشېننىڭ ئەفودنىڭ كەشىتىلەنگەن بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشېننىڭ ھالقىسىنى كۆك شوينا بىلەن ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويغىن.
29 شۇنداق قىلغاندا، ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھۆكۈم قوشېنىنى تاقىغاچقا، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. 30 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇرىم بىلەن تۇممىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە بولۇشى ئۈچۈن، بۇلارنى ھۆكۈم قوشېنىنىڭ ئىچىگە ئالغىن؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن ئىسرائىللارغا باغلىق ھۆكۈملەرنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز يۈرىكى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ.
 
باش كاھىن كىيىدىغان باشقا كىيىملەر؛ باش كاھىننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرى
31 ئەفودنىڭ ئىچىدىكى توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلغىن.    32 توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولسۇن؛ ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى باپكار توقۇغاندەك، ساۋۇتنىڭ ياقىسىغا ئوخشاش چۆرىسىگە پەۋاز چىقىرىلسۇن. 33‏-34 ئۇنىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئاسقىن ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، چۆرىسىدىكى ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويغىن؛ توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتكۈل چۆرىسىگە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار... بېكىتىلسۇن. 35 ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ.
 
36 ئاندىن كېيىن سەن ساپ ئالتۇندىن نەپىس بىر ئوتۇغاتنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە نەقىشلەنگەندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويغىن؛    37 ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگكىن؛ ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تاقالسۇن؛ 38 ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدە تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؛ ھەدىيەلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتۇغات ھەمىشە ئۇنىڭ پېشانىسىگە تاقاقلىق تۇرسۇن.
39 بۇنىڭدىن باشقا ئاق كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن، شۇنىڭدەك كاناپ رەختتىن توقۇلغان بىر سەللە تەييارلىغىن؛ كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن.  
40 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا خالتا كۆڭلەكلەرنى تىككىن؛ ئۇلارغىمۇ بەلۋاغلارنى تەييارلا، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تىككىن؛ بۇلار ئۇلارغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك بولسۇن. 41 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرگىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىغىن.
42 ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ يېپىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا كاناپ رەختتىن تامبال ئەتتۈرگىن؛ ئۇ بېلىدىن يوتىسىغىچە يېپىپ تۇرسۇن. 43 ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ياكى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن قۇربانگاھقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تامبالنى كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەسىللىرى ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.
 
 
28:1 ئىبر. 5‏:4 28:4 «ئەفود» ۋە «قوشېن» ــ بۇلار ۋە قاتارلىقلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىلارنى كۆرۈڭ. «ئەفود» جىلىتكىگە ئوخشايدىغان بىرخىل كىيىم، «قوشېن» كاھىننىڭ مەيدىسىگە تاقىلىدىغان مەيدە يانچۇق بولۇپ، ئۈستىگە ئون ئىككى قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئون ئىككى قىممەتلىك تاش بېكىتىلگەن. 28:6 مىس. 39‏:2 28:7 «... ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن» ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. 28:8 «ئەفودنىڭ بەلۋېغى» ــ 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بەلۋاغ ئەمەس. «لاۋ.» 7:8نى كۆرۈڭ. 28:13‏-14 «يەنە ئىككى كۆزلۈك» ــ مۇشۇ ئىككى كۆزلۈك ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىسىگە بېكىتىلگەن، 9-12-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئاق ھېقىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزلۈكلەردۇر. 28:15 «ھۆكۈم قوشېنى» ــ ئىچىدىكى «ئۇرىم ۋە تۇممىم» دېگەن تاشلار ئارقىلىق خۇدانىڭ مەلۇم ئىش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى ياكى ھۆكۈمىنى سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن (30-ئايەتنى كۆرۈڭ). 28:15 مىس. 39‏:8 28:16 «ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن» ــ دېمەك، يانچۇق شەكلىدە. 28:23 «قوشېننىڭ يۇقىرىقى ئىككى بۇرجىكىگە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشېننىڭ ئىككى بېشىغا». 28:26 «قوشېننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىگە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوشېننىڭ ئىككى بېشىغا». 28:29 «قوشېن» ــ قوشېن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. 28:30 «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. ھەمدە ئۇلاردىن ھەرخىل جاۋاب چىقاتتى؛ مەسىلەن، «شۇنداق»، «ياق» دېگەندەك. بەزى ئەھۋاللاردا ھېچقانداق جاۋاب بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن (مەسىلەن، «ھاك.» 23:20، «1سام.» 37:14، 2:23-4، 6:28، «2سام.» 1:2 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). «ئۇرىم»نىڭ مەنىسى «نۇرلار»، «تۇممىم»نىڭ مەنىسى «مۇكەممەللىك» ياكى «مۇكەممەل ئىشلار» دېگەنلىك؛ لېكىن ئۇلارنىڭ تەپسىلاتلىرى ھازىر بىزگە نامەلۇم. 28:31 «ئەفودنىڭ ئىچىدىكى تون» ــ تون ئەفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدۇ (مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ). 28:31 مىس. 39‏:22 28:32 «ساۋۇت» ــ جەڭچىنىڭ ئالاھىدە كىيىمى. 28:33‏-34 «ئانارلار» ــ مۇشۇ «ئانارلار» مارجاندەك چوڭلۇقتا توقۇلغان بولۇشى كېرەك. 28:35 «ھارۇن ... پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ» ــ قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازلىرى خۇداغا باش كاھىننىڭ ئىسرائىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. 28:36 «ئوتۇغات» ــ باش كىيىمىگە تاقىلىدىغان كىچىك تاختا ياكى مەنسەپ بەلگىسىدىن ئىبارەت. 28:36 مىس. 39‏:30 28:38 «ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلار» ــ بۇنىڭ مەنىسى: (1) ئىسرائىللارنىڭ مۇشۇ ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتىن مەقسىتى (خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسەن) گۇناھىنى يېپىشتىن ئىبارەتتۇر، شۇڭا ھەدىيەلەر گۇناھ بىلەن مۇناسىۋەتلكىتۇر؛ (2) ئىسرائىللار ھەدىيە-قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرگىنىدە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىدا دىققەتسىزلىكتىن ھەدىيەلەر گۇناھقا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن ياكى ھەدىيە كەلتۈرگۈچىنىڭ نىيەتلىرىگە مەلۇم يامان غەرەز چېتىلىشلىق بولۇشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى چۈشەنچىگە مايىل. 28:39 «كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن» ــ ياكى «كاناپ رەختتىن ئالىچىپار بىر خالتا كۆڭلەك تىككىن». «كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن» ــ بۇ بەلۋاغ ئەفودنىڭكى ئەمەس. «لاۋ.» 7:8نى كۆرۈڭ. 28:41 «مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇش» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇش» ئىبرانىي تىلىدا «قولغا تۇتقۇزۇش» ياكى «قولغا بېرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كاھىنلىق ۋەزىپىسى ئاساسەن خۇدانىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش بىلەن باشلىناتتى؛ شۇڭا ئۇلار قولىغا ھېچقانداق باشقا ئىشلارنى ئېلىشىغا بولمايتتى. 28:43 «جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە» ــ مۇشۇ يەردە چېدىرنىڭ ھويلىسىغا كىرىشنى كۆرسىتىدۇ.