ھاباككۇك
1
1 ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
ھاباككۇكنىڭ داد-پەريادلىرى
2 ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟
مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن،
بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن.
3 سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن،
نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟
چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛
جەڭگى-جېدەللەر بار،
دەۋالار كۆپەيمەكتە.
4 شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى،
ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛
چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛
شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ.
خۇدانىڭ جاۋابى
5 ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار!
چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى،
بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار.
6 چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛
ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن،
ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛
7 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛
8 ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك،
كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛
ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛
ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ،
ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ.
9 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ،
ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ.
10 بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ،
ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛
ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ،
چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ.
11 شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ،
ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛
ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ.
پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بولغان جاۋابى
12 سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟
بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛
سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛
سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى بىزگە ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن.
13 سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى،
رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛
ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن،
رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟
14 سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك،
خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛
15 شۇ كالدىي كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ،
ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ،
ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛
16 ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ،
يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ،
چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول،
نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى.
17 ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە،
شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟