3
نىنەۋەنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى سەۋەبلەر
قانلىق شەھەرگە ۋاي!
ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان،
ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس!
ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى!
چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان،
ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان،
پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى!
قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى،
قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى،
نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى،
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى،
ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە!
جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛
ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ.
ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ،
ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى،
جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛
سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن،
مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ
ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن،
ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى،
پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن.
ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن،
سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن،
سېنى رەسۋا قىلىمەن.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى،
سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ
«نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛
مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟
سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان،
ئەتراپىدا سۇلار بولغان،
ئىستىھكامى دېڭىز بولغان،
سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟
ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى،
ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛
پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛
10 ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛
بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛
ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى،
ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى.
11 سەنمۇ مەست بولىسەن؛
سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛
سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛
12 سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛
بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ.
13 مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛
زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛
ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ.
14 ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي!
قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە!
سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ،
ھاك لاينى چەيلەپ قوي!
خۇمداننى راسلاپ قوي!
15 ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛
قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛
ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛
ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل،
چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل!
16 سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛
مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ!
17 سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك،
سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛
مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛
قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ،
بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
18 چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛
سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛
خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى،
ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛
19 سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز،
سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛
خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛
چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟
3:1 «قانلىق شەھەرگە ۋاي!» ــ «قانلىق شەھەر» نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ 1-3-ئايەتلەردە، بۆسۈپ كىرگەن قوشۇنلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. 3:4 «سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ» ــ «ئۇ» بۇ يەردە نىنەۋە شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ... ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن،...» ــ نىنەۋەدىكىلەر رەھىمسىزلىك، زوراۋانلىقتىن ھەۋەس ئالغان بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپ ئەللەرگە كۆپ جادۇگەرلىك ھەم خۇراپاتلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھەم ئۆزلىرىنىڭ پاسكىنا بۇتپەرەسلىكىنى تارقاتقانىدى. 3:7 «مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟» ــ ناھۇم پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە سۆز ئويىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىسمى («تەسەللى بەرگۈچى» دېگەن مەنىدە) ئۈستىدە كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۇدا خەلقىگە بېشارەتلىرى بىلەن تەسەللى بەرگەنىدى. بىراق «نىنەۋە شەھىرى ئۈچۈن «ناھۇم»لار نەدىن تېپىلىدۇ؟». 3:9 «پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى» ــ «پۇت» دېگەن يۇرت ھازىرقى سومالىيە. «لىۋىيە»، يەنى «لىبيا»نىڭ قەدىمكى ئىسمى «كۇش». 3:10 «ئۇمۇ (نو-ئامونمۇ، 8-ئايەتنى كۆرۈڭ) ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى،....» ــ مىسىردىكى چوڭ شەھەر «نو-ئامون» ئىنتايىن مۇستەھكەم، ھەتتا ئاسۇرىيە شەھىرىدىن تېخىمۇ «يېڭىلمەس» ئىدى. ئۇ نىل (دېڭىزدەك كەڭ بولغان) دەرياسىنىڭ تۆت ئېقىمى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 20000 جەڭ ھارۋىسى، 100 دەرۋازىلىق زور ئېگىز سېپىلى بار، تۆت مەملىكەت بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. شۇڭا ئۇ «يېڭىلمەس بىر شەھەر» دەپ ھېسابلانغان. بىراق ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى ئاشۇربانىپال تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 665-يىلى رەھىمسىزلىك بىلەن بىتچىت قىلىندى. 3:11 «سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن،...» ــ «سەنمۇ مەست بولىسەن» ــ تارىختا كۆپ كۈچلۈك شەھەرلەر ئۆزىدە تۇرغۇچىلارنىڭ بىخەستەلىك قىلىشى ۋە ئۆزلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشى بىلەن، دۈشمەنلەر بۆسۈپ كىرگەن. نو-ئاموننىڭ ئەھۋالىمۇ بەلكىم شۇنداق بولغان، نىنەۋەنىڭ ئاقىۋىتى جەزمەن شۇنداق بولىدۇ. 3:13 «خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى» ــ بۇ ئىككى بىسلىق گەپ. بىرىنچىدىن نىنەۋە شەھىرىدىكى كۆپ ئەرلەر شۇ دەۋردىكى پادىشاھى ساردونوپولىسقا ئەگىشىپ بەچچىۋاز بولۇپ كەتتى. ساردونوپولىس ئۆزى ئايالچە كىيىنىپ يۈرەتتى. بۇ ئىشلار خۇدا ئالدىدا ئۆزلىرىگە جازا ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر گۇناھ ئىدى. ئىككىنچىدىن، جەڭگە كەلگەندە، ئاسۇرىيە خەلقى قىز-ئاياللاردەك قورقۇپ كېتىپ قاچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 3:16 «چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ!» ــ «چېكەتكە لىچىنكىسى ... ئۇچۇپ كېتىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى بەلكىم نىنەۋەنىڭ كۆپ سودىگەرلىرى بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم بەرمەي، «بىكار تەلەپ» چېكەتكىدەك قېچىپ كېتىدۇ؛ 17-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. 3:17 «سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ» ــ چېكەتكىلەر سوغۇق ۋاقىتلاردا «توڭلاپ قېتىپ قالىدۇ»، ھېچ مىدىرلىماس بولۇپ قالىدۇ. ئاسۇرىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ئوخشاشلا جەڭگە كىرگەندە ھېچ ھەرىكەت قىلماي، بەلكىم قورقۇنچتىن «قېتىپ قالىدۇ». ئاندىن ئۇلار قېچىپ «ئۇچۇپ كېتىدۇ». 3:18 «چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى» ــ «چوپانلىرىڭ» يەنى «خەلق پادىچىلىرىڭ»، «خەلق باققۇچىلىرىڭ» بەلكىم مەملىكەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغانلارنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھېچكىم تارقىلىپ كەتكەن ئاسۇرىيە خەلقىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇلارنى يىغمايدۇ، باقمايدۇ. «خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ...» ــ ئاسۇرىيە خەلقى تارقىتىلغاندىن كېيىن ھەرگىز قايتىدىن بىر ئەل-يۇرت بولمىغان.