3
ھوشىيا ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئۆزىدىن ئايرىلغان ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: ــ يەنە بارغىن، ئاشنىسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، زىناخور بىر ئايالنى سۆيگىن؛ گەرچە ئىسرائىللار يات ئىلاھلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن، «كىشمىش پوشكال»لارنى سۆيگەن بولسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈمدەك سەن ئۇنى سۆيگىن، ــ دېدى (شۇڭا مەن ئون بەش كۈمۈش تەڭگە، بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم؛ مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم).  
ــ «چۈنكى ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ.    ۋە كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەۋرىنىپ ئەيمىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ كېلىدۇ».  
 
 
3:1 «كىشمىش پوشكاللىرىنى سۆيىدىغان» ــ بۇ كىنايىلىك گەپ. ئۇلار بەلكىم بۇ پوشكاللارنى ھەرخىل بۇتلارغا ئاتاپ يېگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بۇتپەرەسلىك يولىدا شۇ كىشمىشلەرنى يېگەچكە ھەقىقىي «دىندارلار» بولۇپ قالدى ــ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگۈسىنىڭ ئوبيېكتى ئىسرائىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلنىڭ سۆيۈش ئوبيېكتى ناھايىتى بىر خىل پوشكال بولغانىدى، خالاس. 3:2 «بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا...» ــ «بىر خومىر» 300 لىتر، يەنى 20 كۈرە؛ «يېرىم خومىر» 150 لىتر، يەنى 10 كۈرە. «مەن ... ئۇنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم» ــ قارىغاندا گومەر قۇللۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان، بازاردا (بەلكىم بالىلىرى بىلەن) سېتىلىدىغان ھالغا كەلگەن. ھوشىيا ئۈچۈن ئۇنى سېتىۋېلىش سەل قىيىنراق كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ باھاسىغا يېتىش ئۈچۈن پۇلغا قوشۇپ يەنە ئۇنى-بۇنى ئېلىپ كېلىش كېرەك ئىدى. 3:3 «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن» ــ دېمىسەكمۇ بۇنىڭ مەنىسى، ھوشىيا ئۇنى ھەرقانداق مۇناسىۋەتتىن ئايرىپ يالغۇز تۇرمۇشقا قالدۇرىدۇ. بىراق ئۇ ئۆزى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئايالغا يېقىنلاشماي، ئۇنى كۈتىدۇ. 3:3 قان. 21‏:11 3:4 «ىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بەزى نەرسىلەر ياكى ئىشلار (پادىشاھ، شاھزادە، قۇربانلىق، ئەفود) ئەسلىدە ماھىيىتى ياخشى، بەزىلەر پۈتۈنلەي ياخشى ئەمەس. بۇ بېشارەتتىن قارىغاندا، خۇدا ئىسرائىل ئۈچۈن سەللىمازا يېڭى بىر باشلىنىشنى بېكىتكەن. «تۈۋرۈك» بەلكىم بۇتپەرەسلىككە ئائىت بولغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. «ئەفود» ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇن بويىچە، باش كاھىن كىيدىغان بىر ئالاھىدە كالتە چاپان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تاش ئارقىلىق خۇدادىن يول سورىغىلى بولاتتى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 3:4 ھوش. 10‏:3 3:5 «كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ» ــ «ھوشىيا» دېگەن كىتابتا «ئىسرائىل» ئادەتتە «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇرۇنلا خۇدا ئەسلى بېكىتكەن داۋۇتنىڭ خاندانلىقىغا تەۋە پادىشاھلىقتىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئاخىرقى زامانلاردا ئۇلارنىڭ «داۋۇتنى ئىزدىشى» ئۈچۈن ھەرقانداق تەكەببۇرلۇقنى تاشلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بېشارەت ئاخىرقى زامانلاردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغلى مەسىھ ئەيسانىڭ ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتسە كېرەك. 3:5 يەش. 2‏:2؛ يەر. 30‏:9؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:22؛ مىك. 4‏:1