4
-2قىسىم •••• ھوشىيانىڭ ئايرىم-ئايرىم خەۋەرلىرى ــ «ئى ئىسرائىل، مەن قانداقمۇ سىلەرنى تاشلاپ قويىمەن؟!» •••• يورۇتۇلمىغان بىر خەلق
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ.
ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن!
سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن.
مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.
ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا،
ئۇلارنىڭ جېنى خەلقىمنىڭ قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ.
ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن كاھىنلارنىڭ تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن.  
10 ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ،
ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ؛
چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنى تىڭشاشنى تاشلاپ كەتتى،  
11 ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛
بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ.
12 خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ،
ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش!
چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ،
ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ،  
13 تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ،
دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛
شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ.  
14 مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن،
ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛
چۈنكى ئاتىلىرى ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ،
«بۇتخانا پاھىشە»لىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلمىغان بىر خەلق يىقىتىلىدۇ.
15 سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن،
يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن!
نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار،
نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار.
16 چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟
17 ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛
ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن!
18 ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا،
ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛
ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى.
19 بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى،
ئۇلار قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ.
 
 
4:1 مىك. 6‏:2 4:2 «قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ» ــ ياكى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ياكى (بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە) خالىغانچە ئادەملەرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇلارنى بۇتلارغا «ئىنسان قۇربانلىق»ى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 4:4 «مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خەلقىڭ كاھىن بىلەن دەۋالاشقاندەك بولدى». لېكىن بىزنىڭچە 4-ئايەتتىكى سۆزلەر كاھىنغا قارىتا ئېتىلىدۇ؛ بىزنىڭ تەرجىمىمىز 5-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش سەل تەس. 4:5 «پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ» ــ «پەيغەمبەر» ساختا پەيغەمبەرنى ياكى (بۇتپەرەسلىك ياكى يالاقچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن) ئۆز مەنپەئىتىگە سېتىلىپ كەتكەن پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. 4:6 «مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەن...» ــ بۇ ئايەتتىكى «بىلىم» شۈبھىسىزكى، خۇدانى بىلىش دېگەنلىكتۇر. 4:7 «ئۇلار كۆپەيگەنسېرى... مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن» ــ «ئۇلار» كاھىنلارنى ياكى (6-ئايەتتە ئېيتىلغان) «كاھىنلارنىڭ بالىلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. «مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن» ــ «كاھىن بولۇش» ناھايىتى شەرەپلىك ئىش، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىلىرى خەلققە خۇدانىڭ قانۇن-كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار ئۆزى «خۇدانىڭ قانۇن-كۆرسەتمىلىرىنى ئۇنتۇغان» (6-ئايەت). 4:8 «ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا...» ــ تەۋرات دەۋرىدە بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ «گۇناھ قۇربانلىقى»نى (گۇناھىنى تىلەيدىغان قۇربانلىق)نى سۇنۇشى كېرەك ئىدى. كاھىنلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن مەلۇم بىر قىسىمنى يېيىش ئىمتىيازى بار ئىدى. شۇڭا ئۇلار ھازىر: ــ «خەلق كۆپرەك گۇناھ قىلسا، يەيدىغىنىمىزمۇ كۆپ بولىدۇ!» دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ. 4:9 «خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ» ــ دېمەك، خەلقىم جازايىمنى تارتقانىكەن، سەن كاھىنمۇ بۇنىڭدىن خالىي بولمايسەن؛ ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىڭ سېنى قۇتقۇزمايدۇ، ئەكسىچە تارتىدىغان جازايىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. 4:9 يەش. 24‏:2 4:10 «ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ» ــ بۇ ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ. دېمەك، ئىسرائىل «پاھىشە بولۇپ» (بۇتلارغا چوقۇنغان بولۇپ)، كۆپ «پاھىشىۋازلار» (بۇتلار) بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق پايدا كۆرمىگەن. باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، لېكىن ھېچ پاراۋانلاشمايدۇ». 4:10 مىك. 6‏:14 4:12 «خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش!» ــ ئۇلار «تايىقى»، «ھاسىسى»نى پالچىلىق، رەمچىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. «چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ،...» ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە تىلغا ئېلىنغاندەك، «پاھىشىلىك» بۇتپەرەسلىك ۋە پاھىشىلىكنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بائال» قاتارلىقلارغا چوقۇنۇش پائالىيەتلىرى ھەرخىل پاھىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسرائىل خۇداغا سادىق بولغان ئايالدەك ئەمەس، بەلكى ۋاپاسىز پاھىشە ئايالدەك بولغان. 4:12 ھوش. 5‏:4 4:13 «...دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ» ــ ئۇلار خۇدانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن چىقىپ، ناھايىتى بىر دەرەخ ئاستىدا بىر بۇتتىن ھىمايە سورىماقتا. «سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ» ــ «(سىلەرنىڭ) قىزلىرىڭلار... كېلىنلىرىڭلارمۇ» ــ خۇدا «سىلەر» دېگەن سۆز بىلەن بەلكىم يەنە كاھىنلارغا سۆز قىلىدۇ. 4:13 يەش. 1‏:29؛ 57‏:7؛ ئ‍ەز. 20‏:28 4:14 «مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ چۈنكى (ئاتىلىرى) ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ...» ــ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، خۇدا بۇ قىز-كېلىنلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ؛ خۇدا ئالدىدا، مەسئۇلىيەت ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى (بەلكىم كاھىنلار)نىڭ زىممىسىدىدۇر. 4:15 «سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم يەھۇداغا قارىتىپ ئېيتىلىشى مۇمكىن. «گىلگال» ۋە «بەيت-ئاۋەن» ئىسرائىل زېمىنىدىكى «يېرىم بۇتپەرەس» تاۋاپگاھلار ئىدى. ئاموس پەيغەمبەر ئاللىقاچان ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى بۇ تاۋاپگاھلارغا بارماسلىق، بۇ يەرلەرگە چېتىشلىق گۇناھلارنى قىلماسلىق، جۈملىدىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بىكار-بىھۇدە ئىشلەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى («ئام.» 4:4، 5:5، 14:8). ھوشىيا ئۇنىڭ ئاگاھلىرىنى تەكرارلايدۇ. ئۇ يەنە ئاموس پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ، ئىسرائىللارنىڭ «بەيت-ئەل» (خۇدانىڭ ئۆيى)دە ئۆتكۈزگەن بۇتپەرەسلىكىنى ئەيىبلەپ، شۇ يەرنى «بەيت-ئاۋەن» («يوق بىرنەرسە»نىڭ ئۆيى) دەپ ئاتايدۇ. 4:16 «پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمە: «ئەمدى پەرۋەردىگار ھازىر ئۇلارنى پاخلاننى باققاندەك كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرىدۇ!». بۇ ئىككىنچى خىل تەرجىمىسىنىڭ مەنىسى توغرا بولسا ئۇنىڭ مەنىسى: «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇلارنى سۈرگۈن قىلدۇرىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. 4:17 «ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن!» ــ «ئەفرائىم» ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق)نىڭ ئون قەبىلىسىدىن ئەڭ چوڭى، ئۇ بەزىدە ئىسرائىل (يەنى، ئون قەبىلە)نىڭ ئۆزىگە ۋەكىل بولىدۇ. 4:19 «بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىر سۆز. بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى بەلكىم ئۇلار پاھىشىلىك-بۇتپەرەسلىك بىر پاسىق روھ (جىن) تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئازدۇرۇلۇپ كېتىلدى.