8
«ئۇلار شامال تېرىيدۇ، قارا قۇيۇننى ئورىدۇ!»
كاناينى ئاغزىڭغا سالغىن!
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ!
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان،
تەۋرات-قانۇنۇمغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان.  
ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ.
ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن؛
شۇڭا دۈشمەن ئۇنى قوغلايدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛
ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛
ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن،
ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان.
ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى!
مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا قوزغالدى؛
ئۇلار قاچانغىچە پاكلىقتىن يىراق تۇرىدۇ؟
شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ
ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛
سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ!
چۈنكى ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ!
ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛
ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى.
ئىسرائىل يۇتۇۋېلىندى؛
ئۇلار يات ئەللەر ئارىسىدا يارىماس بىر قاچا بولۇپ قالدى؛
چۈنكى ئۇلار يالغۇز يۈرگەن ياۋايى ئېشەكتەك ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ چىقتى؛
ئەفرائىم «ئاشنا»لارنى ياللىۋالدى.
10 گەرچە ئۇلار ئەللەر ئارىسىدىن «ياللىۋالغان» بولسىمۇ،
ئەمدى مەن ئۇلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛
ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ.
11 ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن،
بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى.
12 مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنۇمدا كۆپ تەرەپلىمە نەرسىلەرنى يازغان بولساممۇ،
ئۇلار يات بىر نەرسە دەپ ھېسابلانماقتا.
13 ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ،
بىراق پەرۋەردىگار بۇلاردىن ھېچ خۇرسەنلىك ئالمايدۇ؛
ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ھازىر ئېسىگە كەلتۈرۈپ،
گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛
ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ!
14 چۈنكى ئىسرائىل ئۆز ياسىغۇچىسىنى ئۇنتۇپ، «ئىبادەتخانا»لارنى قۇرىدۇ؛
يەھۇدا بولسا ئىستىھكاملاشتۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆپەيتكەن؛
بىراق مەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن،
ئوت بۇلارنىڭ قەلئە-ئوردىلىرىنى يەپ كېتىدۇ.
 
 
8:1 «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈستىدە بىر قورۇلتاز ئايلىنىپ يۈرىدۇ!» ــ قورۇلتاز پەقەت ئۆلۈكلەرگە ياكى «ئۆلەي دەپ قالغان» جانىۋارلارغا قىزىقىدۇ، ئەلۋەتتە (باشقا خىل تەرجىمىلىرىدە «بۈركۈت» دېيىلىدۇ). 8:1 قان. 28‏:49؛ ھوش. 6‏:7 8:3 «ئىسرائىل ياخشىلىق-مېھرىبانلىقنى تاشلىۋەتكەن» ــ بۇ ئىككى بىسلىق سۆز؛ ئۇلار ئۆزلىرى ياخشىلىق قىلىشتىن قول ئۈزگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، خۇدانىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم بولغان. 8:4 «ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس» ــ «ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق» ــ دېمەك، بۇ ئىش ماڭا يات بولدى، مەن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدىم. 8:5 «ئى سامارىيە، سېنىڭ موزىيىڭ سېنى تاشلىۋەتتى!» ــ بۇ كىنايىلىك گەپ. ئىسرائىلدىكى موزاي شەكلىدىكى بۇت ئۇلارنى قۇتقۇزمىغان. «بائال» ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تاۋاپگاھى «بەيت-ئەل»دىكى بۇتمۇ «موزاي شەكلى»دە ئىدى (باشقا خىل تەرجىلىرىمۇ بار). 8:7 «ئۇلار شامال تېرىدى، شۇڭا قارا قۇيۇننى ئورىدۇ! ئۇلارنىڭ شادىسىدا ھېچ باشاقلار يوق، ئۇ ھېچ ئاش بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئاش بەرگەن بولسىمۇ، يات ئادەملەر ئۇنى يۇتۇۋالغان بولاتتى» ــ ئىسرائىللار ھەردائىم «بائال»دىن ياخشى ھوسۇل تىلەتتى. ئۇلارنىڭ ئويلىشىچە «بائال»نىڭ «ئالاھىدىلىكى» «مول ھوسۇل بېرىش»مىش. 8:10 «ئۇلار تېزلا «ئەمىرلەرنىڭ شاھى»نىڭ بېسىمى ئاستىدا تولغىنىپ كېتىدۇ» ــ «ئەمىرلەرنىڭ شاھى» ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ مەخسۇس بىر ئۇنۋانى. 8:11 «ئەفرائىم «گۇناھ قۇربانلىق»لىرى ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى كۆپەيتكىنى بىلەن، بۇلار گۇناھ قوزغايدىغان قۇربانگاھلار بولۇپ قالدى» ــ «گۇناھ قۇربانلىقى»لار توغرۇلۇق «لاۋ.» 4-5-بابلارنى كۆرۈڭ. مەزكۇر قۇربانگاھلارنى «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» ياسالغانىدى. ئەسلىدە خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىندىكى ئىبادەتجانىنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا، ئىسرائىللارنىڭ ھېچقانداق قۇربانگاھنى ياسىماسلىقى كېرەك. دەرۋەقە، ئۇلار ياسالغاندىن كېيىن، تېزلا بۇتپەرەس تاۋاپگاھلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى. 8:13 «ئۇلار قۇربانلىقلارغا ئامراق! ئۇلار ماڭا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، گۆشىدىن يەيدۇ،...» ــ بۇ ئايەتنىڭ ھەرخىل تەرجىمىلىرى بولغىنى بىلەن، ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك. «گۇناھلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار مىسىرغا قايتىدۇ!» ــ مىسىر ئىسرائىللار تۇنجى قېتىملىق ئەسىرلىككە ياكى قۇللۇققا چۈشكەن جاي.