9
قۇرۇق خۇشاللىق ۋە ھېيتلار
ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛
چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛
ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ.
خامان ۋە شاراب كۆلچىكى ئۇلارنى باقالمايدۇ؛
يېڭى شاراب ئۇنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛
ئەفرائىم بەلكى مىسىرغا قايتىدۇ،
ئۇلار ئاسۇرىيەدە ھارام تاماقنى يەيدۇ.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچ «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيمايدۇ،
ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۇنىڭغا ھېچ خۇرسەنلىك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛
ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛
بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ.
ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ ئىبادەت سورۇنلىرى» كۈنىدە،
«پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟
چۈنكى مانا، ئۇلار ھەتتا ھالاكەتتىن قاچقان بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ،
ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ.
ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛
ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ.
ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى،
يامانلىق قايتۇرىدىغان كۈنلەر كەلدى؛
ئىسرائىل بۇنى بىلىپ يەتسۇن!
سېنىڭ قەبىھلىكىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن،
زور نەپرىتىڭ بولغىنى تۈپەيلىدىن،
پەيغەمبەر «ئەخمەق»، روھقا تەۋە بولغۇچى «ساراڭ» دەپ ھېسابلىنىدۇ.
پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛
بىراق ئۇنىڭغا بارلىق يوللىرىدا قىلتاقلار قويۇلغان،
خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە.
گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان،
ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ،
ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ.
 
10 ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛
ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛
ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى،
ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى،
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى.
  
11 ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ
ــ خۇددى تۇغۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك،
ھامىلە بولۇپ باقمىغاندەك،
بويىدا ئاپىرىدە بولۇش بولۇپ باقمىغاندەك!
12 ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ،
مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛
بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
13 مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى؛
بىراق ئەفرائىم بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
14 ئۇلارغا بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار ــ زادى نېمە بەرگىنىڭ تۈزۈك؟ ــ ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن!  
15 ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ؛
چۈنكى مەن شۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم؛
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن،
ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن؛
مەن ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن؛
ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرسالىق قىلىدۇ.  
16 ئەفرائىم ئەمدى ئۇرۇۋېتىلدى؛
ئۇلارنىڭ يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ئۇلار ھېچ مېۋە بەرمەيدۇ؛
ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ،
بالىياتقۇسىنىڭ سۆيۈملۈك مېۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
17 مېنىڭ خۇدايىم ئۇلارنى چەتكە قاقتى،
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛
ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا سەرسان بولىدۇ.
 
 
9:1 «ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ *چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ *ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ» ــ (بۇ بابتىكى خەۋەر توغرۇلۇق) ئىسرائىل بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى «ھەممە دىن ئوخشاش» دەپ، بۇتپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنى «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا» ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، شۇنداقلا شۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ يۈرمەكتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلار يەنىلا مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇلغان كونا ھېيتلارنىمۇ ساقلاپ قالغانىدى، ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى؛ مۇشۇنداق ھېيتلارنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولۇشۇپ، ھېيت-بايرام تەرەپلىرىدە خېلى «دىندار» بولۇپ كېتىشتى. ھوشىيا پەيغەمبەر مۇشۇ بابتىكى خەۋەرنى كۈز بايرىمىدا، يەنى «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)دا ئۇلارغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك. «خامان» يىلنىڭ ئەجىرىنىڭ نەتىجىسىنى يىغىدىغان جاي بولۇپ، خۇشاللىق بولىدىغان بىر سورۇن، ئەلۋەتتە. بىراق پاھىشە ئاياللار (خەقنىڭ پۇلى بىلەن) پات-پات شۇ سورۇنلارغا چىقاتتى. ئىسرائىللار خامانلىرىدا بەلكىم ئىككى جەھەتتە پاھىشىلىك قىلاتتى؛ (1) مۇشۇ ئاياللار بىلەن؛ (2) روھىي جەھەتتە «بائال»غا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش پائالىيەتلىرىدە. 9:4 «... ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئادەم بولسۇن، نەرسە بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسىلا، «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى. «ناپاك» ئاشنى يېگەن ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ «ناپاك» بولاتتى. شۇڭا «ماتەم تۇتقان» ئادەملەرنىڭ ھەممىسى (بىر مەزگىلگىچە) «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى. ئەمدى خۇدانىڭ جازاسى بىلەن ئىسرائىل يات ئەل ئارىسىدا ھەردائىم «ھارام-ناپاكلىق» بىلەن ئۇچراشقاچقا، ھەردائىم «ناپاك» بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ «خۇدانىڭ ئۆيىگە» ئۆزلىرى كىرىشى، شۇنداقلا ھەرقانداق «ئاش ھەدىيە»نى ئېلىپ كىرىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان. 9:5 «ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ ئىبادەت سورۇنلىرى» كۈنىدە، «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟» ــ بۇ بۇتپەرەس خەلقنىڭ «ناپاك بولىدىغانلىقى» «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلىيەلمەسلىكى»، «ئىبادەت سورۇنلىرىغا قاتنىشالماسلىقى» قاتارلىقلار ئۇلارغا ئېغىر كەلگەنلىكى بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بىراق ئەسلىدە دۇرۇس بولغان بۇ پائالىيەتلەر خۇراپىي ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلار «بۇلارنى ھەردائىم قىلمىساق «يامان بولىدۇ»» دەپ ئويلاپ، قورقۇپ يۈرگەن بولسا كېرەك. تىرىك خۇدادىن قورقماي، خۇراپىيلىق يولىغا خىلاپلىق قىلىشتىن قورقۇش، ھەربىر خەلققە ناھايىتى نومۇس كەلتۈرىدىغان بىر ئىشتۇر. 9:6 «ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ» ــ مېمفىس شەھىرى يوغان، ھەيۋەتلىك يەر بولغانلىقى ئۈچۈن داڭقى چىققان. «ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ» ــ بۇ ئايەتتە «قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرى» ۋە «چېدىرلىرى» بولسا كۈمۈش بىلەن ھەللەنگەن بۇتلار، شۇنداقلا شۇ بۇتلارغا «ماكان بولغان» چېدىرلار كۆزدە تۇتۇلۇشى مۇمكىن. 9:7 «ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى» ــ «ھېسابلىشىش كۈنلىرى» ئىبرانىي تىلىدا «يوقلاش كۈنلىرى». 9:8 «پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ ... خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە» ــ ھەقىقىي پەيغەمبەرنىڭ دۈشمەنلىرى (كاھىنلار ۋە ساختا پەيغەنبەرلەر بولسا كېرەك) ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىمۇ ئۇنى قەستلىمەكچى بولۇۋاتاتتى. 9:9 «گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان،...» ــ گىبېئاھ شەھىرىدە بەچچىۋازلىق ھەم قاتىللىق يۈز بەرگەن، ئىسرائىلنى ناھايىتى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرغان («ھاك.» 17-19-بابلار). 9:10 «ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى» ــ «بائال-پېئور» دېگەن بۇت ۋە بۇ بۇتقا مۇناسىۋەتلىك نومۇسسىسزلىق «چۆل.» 25-بابتا خاتىرىلەنگەن. دېمىسەكمۇ، بۇ ئىشلار ئىسرائىل چۆل-باياۋاندا يۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. «ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى» ــ دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرى چوقۇنغان يىرگىنچلىك بۇتقا ئوخشاش بولدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... ئۆز سۆيگىنىگە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى». 9:10 چۆل. 25‏:3؛ زەب. 106‏:28 9:11 «ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ» ــ «ئەفرائىمنىڭ شان-شەرىپى» ئۇلارنىڭ پەخرى بولغان ئەۋلاد-پەرزەنتىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئەۋلاد-پەرزەنتىڭلار مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك بولىسىلەر (12-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 9:13 «مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى» ــ «تۇر» لىۋانغا جايلاشقان كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم پورت-دۆلەت ئىدى. باشقا تۆت خىل تەرجىمىسى بار. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. 9:14 «ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن!» ــ پەيغەمبەرنىڭ بۇ دۇئاسى بەلكىم ئۇلارنى بالىلارنىڭ قەتل قىلىنىشى ئازابىنى كۆرمىسۇن، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. 9:14 لۇقا 23‏:29 9:15 «ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ» ــ «گىلگال» ئۇلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ بۇتپەرەس تاۋاپگاھى ئىدى. 9:15 يەش. 1‏:23؛ ھوش. 4‏:15؛ 12‏:12 9:16 «ئۇلارنىڭ (ئەفرائىمنىڭ) يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ» ــ مۇشۇ يەردە بالىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.