11
داۋامى
ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛
ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ.
  
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى،
يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى،
نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى،
بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛  
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛
ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ،
ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ.
ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ،
يەر يۈزىدىكى مىسكىن-مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ.
ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ،
رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.
ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق،
چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.

بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ،
يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە،
موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛
ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ.
كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ،
ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ،
شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ.
ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ،
ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوۋىسىغا تىقىدۇ؛
مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛
ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛
چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك،
پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
 
10 شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛
بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛
ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان-شەرەپكە تولىدۇ.
11 شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.
12 ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ.
13 شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ،
يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ،
يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ.
14 بىراق ئۇلار غەرب تەرەپتە فىلىستىيلەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چۈشىدۇ؛
ئۇلار بىرلىكتە شەرقتىكى خەلقلەردىن ئولجا ئالىدۇ؛
ئۇلار ئېدوم ۋە موئاب ئۈستىگە قوللىرىنى ئۇزارتىدۇ؛
ئاممونىيلارمۇ ئۇلارغا بېقىنىدۇ.
15 پەرۋەردىگار مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى»نى يوق قىلىدۇ؛
ئۇ كۈچلۈك پىژغىرىن شامال بىلەن ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۈستىگە قولىنى بېغىرلىتىپ ئۇچۇرىدۇ،
ئۇنى ئادەم ئايىغى قۇرۇق ھالدا مېڭىپ ئۆتكۈدەك يەتتە ئېرىق قىلىپ ئۇرىدۇ؛
16 شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن،
مىسىردىن چىققان كۈنىدە ئىسرائىل ئۈچۈن تەييارلىغان يولغا ئوخشاش،
ئاسۇرىيەدە قالغانلار ئۈچۈن ئاشۇ يەردىن كېلىدىغان بىر كۆتۈرۈلگەن ئېگىز يول بولىدۇ.
 
 
11:1 «بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ» ــ يەسسە بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى. ئىبرانىيلار قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. بىراق مۇشۇ يەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ھەم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ھەم «يەسسەنىڭ يىلتىزى»مۇ (10:11نى كۆرۈڭ) بايان قىلىنىدۇ! بۇ ئىش پەقەت ئىنجىلدىلا چۈشەندۈرۈلگەن (مەسىلەن، «لۇقا» 41:20-44). مۇشۇ ئايەتلەردە يەنە، مەسىھ «يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن» چىقىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇڭا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ خاندانلىقى ھەيۋەتلىك مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى مىسكىن مەزگىلىدە تۇغۇلىدۇ، دېگەن بېشارەت بېرىلىدۇ. 11:1 يەش. 4‏:2؛ روس. 13‏:22،23 11:2 «يورۇتۇش روھى» ــ ئادەمگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلىدىغان روھتۇر. 11:2 يەش. 9‏:5 11:5 «ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ.» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بۆرەكلىرىگە باغلانغۇچى» دېيىلگەن. ئىبرانىي تىلىدا بۆرەكلەر ئادەمنىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكرىلىرى ۋە ۋىجدانىنى بىلدۈرىدۇ چاتراقلىق» ــ ئادەمنىڭ چاترىقىغا يۆگەپ كىيىلىدىغان ئىچكى كىيىم. «چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ» ــ دېمەك، ئىچ كىيىملەر بەدەنگە چاپلاشقىنىدەك، ھەققانىيلىق ۋە سادىقلىق ئۇنىڭدىن ھېچ ئايرىلمايدۇ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىن بولىدۇ. 11:6 يەش. 65‏:25؛ ھوش. 2‏:20 11:10 رىم. 15‏:12 11:11 «رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن...» ــ «ئىككىنچى قېتىم» ــ بىرىنچى قېتىمقى بولسا بەلكىم بابىلدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى) بولىدۇ. بىراق يەشايا مۇشۇ يەردە ئاخىرقى زامانلاردا بولىدىغان بىر «قايتىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بەزى ئالىملار «بىرىنچى قېتىمقى» قايتىشمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇشى كېرەك، شۇڭا يەشايا ئىككى «چوڭ قايتىش» توغرۇلۇق بېشارەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. «رەب ... قالدىسىنى ... ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ» ــ ئاسۇرىيە ۋە مىسىر ئاشۇ دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىدى؛ پاتروس ۋە كۇش مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (ھازىرقى ئېفىئوپىيە)، ئېلام ۋە شىنار شەرق تەرىپىدە (ئاسۇرىيەدىن يىراق)، خامات ئىراقنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىدى. دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربى ئارقىلىق ئۆتكىلى بولىدۇ. دېمەك، مەيلى كۈچلۈك، مەيلى ئاجىز دۆلەتلەر بولسۇن، ئاخىرقى زاماندا خۇدا ئۆز خەلقىنى ھەر تەرەپتىن چاقىرىپ يىغىدۇ. 11:13 «ئەفرائىم» ــ ئەفرائىم ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»غا، يەھۇدا «جەنۇبىي پادىشاھلىقى»غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 11:15 «مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى... ئەفرات دەرياسى...» ــ مۇشۇ يەرلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن خەرىتىنى كۆرۈڭ. 11:16 مىس. 14‏:29