12
ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى بىر ناخشىسى
1 ــ ۋە شۇ كۈنى سەن: ــ
ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن؛
سەن ماڭا غەزەپلەنگىنىڭ بىلەن،
غەزىپىڭ مەندىن يۆتكىلىپ كەتتى،
ۋە سەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ.
2 مانا، تەڭرى مېنىڭ نىجاتىمدۇر؛
مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن، قورقمايمەن،
ياھ پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم ۋە ناخشامدۇر؛
ئۇ يەنە مېنىڭ نىجاتىم بولدى، ــ دەيسەن.
3 ــ شادلىق بىلەن سىلەر نىجاتلىق قۇدۇقلىرىدىن سۇ تارتىسىلەر.
4 شۇ كۈنىدە سىلەر: ــ
«پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىڭلار،
ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار؛
ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار،
ئۇنىڭ نامىنىڭ زور ئابرۇي تاپقانلىقىنى جاكارلاڭلار.
5 پەرۋەردىگارغا كۈيلەر ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان؛
مانا بۇ پۈتكۈل جاھانغا ئايان قىلىنسۇن!
6 زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛
چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر.