14
بابىلنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئىسرائىل خۇدانىڭ رەھىمىنى كۆرىدۇ. بابىلنىڭ پادىشاھىنىڭ تەھتىساراغا چۈشۈشى
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ،
يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛
ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ،
ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ. ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۇلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىدۇ؛
ئىسرائىل جەمەتى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا ئۇلارغا قۇل ۋە دېدەك سۈپىتىدە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛
ئۇلار ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلارنى تۇتىدۇ؛
ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى،
پەرۋەردىگار سىلەرگە ئازابتىن، ساراسىمىدىن ۋە ئەسىر بولۇپ مەجبۇرلانغان مۇشەققەتلىك قۇللۇقتىن ئاراملىق بەرگەن كۈنىدە،
سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ
«قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى،
تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى!
پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ ھاسىسىنى،
ھاكىملارنىڭ زاكون تايىقىنى،
يەنى خەلق-مىللەتلەرنى ئاچچىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرغاننى،
ئەللەرگە غەزەپ قىلىپ تىزگىنسىز زىيانكەشلىك قىلغاننى سۇندۇرۇۋەتتى.
پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛
ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ.
قارىغايلار بولسا ھالىڭدىن شادلىنىدۇ،
لىۋاندىكى كېدىرلارمۇ: ــ «سەن گۆرۈڭدە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن،
ھېچبىر كەسكۈچى بىزنى قورقاتمايدۇ!» ــ دەيدۇ.
سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛
سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى،
جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛
ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛
10 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ
«سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟
بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!»
11 سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛
ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ،
ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ.
12 ئى چولپان، سەھەر بالىسى،
سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن!
ئى تېخى ئۆتكەندىلا ئەللەرنى يەرگە يىقىتقۇچى،
سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ!
13 سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن،
تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛
مەن جامائەتنىڭ تېغىدا،
يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛  
14 مەن بۇلۇتلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن يۇقىرىغا ئۆرلەيمەن؛
ھەممىدىن ئالىي بىلەن تەڭ بولىمەن!» ــ دېدىڭ.
15 ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا،
چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ».
16 سېنى كۆرگەنلەر ساڭا يېقىندىن سىنچىلاپ قاراپ: ــ
«جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ئادەم مۇشۇمىدۇ؟
17 يەر يۈزىنى چۆل-باياۋان قىلىپ،
ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى غۇلاتقان،
تۇتقان ئەسىرلەرنى ئۆز يۇرتىغا ھېچ قويۇپ بەرمىگەن مۇشۇمىدۇ؟» ــ دېيىشىدۇ.
18 مانا ئەللەرنىڭ شاھلىرى بىرىمۇ قالماي «شان-شەرەپ»تە، قاراڭغۇلۇقتىكى ئۆز ئۆيىدە يېتىشىدۇ،
19 بىراق سەن كەمسىتىلگەن چىرىگەن بىر شاخ كەبى،
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دۆۋىسى ئاستىدا،
قىلىچ بىلەن سانجىلغان، ھاڭنىڭ تەھتىگە چۈشىدىغانلارغا ئوخشاش،
ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ-چەيلەنگەن ئۆلۈكتەك،
ئۆز گۆرۈڭدىن مەھرۇم بولۇپ تاشلىۋېتىلدىڭ.
20 سەن ئاشۇ پادىشاھلار بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنمايسەن،
چۈنكى ئۆز يۇرتۇڭنى ۋەيران قىلغانسەن،
ئۆز خەلقىڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنسەن؛
رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ نەسلى ھەرگىز يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ.
21 ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن،
ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قەتل قىلىشقا تەييار قىلىڭلار؛
شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ،
يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ.  
22 چۈنكى مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن،
ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
ــ مەن بابىلدىن ئۇنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى، نەسىل-پەرزەنتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
23 ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛
ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن،
ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.  
24 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچكەنكى،
ــ مەن قانداق ئويلىسام، شۇنداق بولىدۇ؛
قانداق مەقسەتنى كۆڭلۈمگە پۈكسەم، شۇ تىكلىنىدۇ،
25 مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛
ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛
ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن،
ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
26 مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر،
مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر.
27 پەرۋەردىگار مۇنداق مەقسەتنى پۈككەنىكەن،
كىم ئۇنى توسالىسۇن؟
ئۇنىڭ قولى ئۇزارتىلغانىكەن، كىم ئۇنى ياندۇرالىسۇن؟
 
فىلىستىيە توغرۇلۇق بىر سۆز
28 ئاھاز پادىشاھ ئۆلگەن يىلىدا مۇنداق ۋەھىي يۈكلەندى: ــ
29 ئى فىلىستىيە، ھەممىڭلار،
«بىزنى ئۇرغان تاياق سۇندى» دەپ شادلانماڭلار؛
چۈنكى يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ،
ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ.
30 شۇنىڭ بىلەن يوقسۇللارنىڭ تۇنجى بالىلىرى ئوزۇقلىنىدۇ،
مۆمىنلەر بولسا تىنچ-ئامانلىقتا ياتىدۇ؛
بىراق مەن يىلتىزىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن يوقىتىمەن
قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
31 شۇڭا ئى قوۋۇق، نالە كۆتۈرگىن،
ئى شەھەر، پەرياد چەككىن!
ئى فىلىستىيە، سەن بولساڭ ئېرىپ كەتكەنسەن!
چۈنكى شىمال تەرەپتىن ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ؛
ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنلىرىدا ھېچكىم سەپسىز قالمايدۇ.
32 ئەمدى بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ ــ
«زىئوننى تىكلىگۈچى پەرۋەردىگاردۇر؛
ئۇنىڭ خەلقى ئىچىدىكى ئېزىلگۈچىلەر ئۇنىڭدىن باشپاناھ تاپىدۇ» ــ دېگىن!»
 
 
14:1 «پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛....» ــ ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇغان بولسا ئېسىدە بار بولىدۇكى، خۇدا ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن. يەھۇدىي خەلقى (ئىسرائىللار) ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا «يەشايا» كىتابىدا، «ياقۇپ» ياكى «ئىسرائىل» ئادەتتە يەھۇدىيلار، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېكىست ھەزرىتى ياقۇپ (ئىسرائىل)نىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئىزاھات بېرىمىز. 14:3 قان. 28‏:48 14:8 «قارىغايلار» ۋە «كېدىرلار» ــ شۈبھىسىزكى، ھەرخىل پادىشاھلار ياكى پادىشاھلىقلارنى كۆرىستىدۇ. كېدىر دەرىخى بولسا يوغان، ئىنتايىن چىرايلىق دەرەخ بولۇپ، ئۇلۇغ پادىشاھلارنى ياكى پادىشاھلىقلارنى بىلدۈرىدۇ. 14:10 «ئۇلارنىڭ ھەممىسى (ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى) ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟» ــ خۇداغا ئېتىقاد قىلمىغان، تەھتىسارادا ياتقان ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ يەردە ئايان قىلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئالەمدىكىلەرگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھالى ئاللىقاچان «بوشاپ كەتكەن» بولىدۇ. 14:12 «ئى چولپان، سەھەر بالىسى، سەن قانداق قىلىپ ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشكەنسەن!» ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى بېشارەتلەردە، كۆرۈنگەن مەنزىرە بابىل پادىشاھىدىن دەججال ۋە دەججالنىڭ كەينىدىكى كۈچ-يۆلەنچۈكى بولغان شەيتانغا يۆتكىلىدۇ. دەججال بەلكىم كەلگۈسىدە بابىلنىڭ پادىشاھىمۇ بولىدۇ. شەيتاننىڭ ئەسلىدە چىرايلىق، كۈچلۈك، پارلاق بىر پەرىشتە، يەنە «چولپان» بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەردىمۇ يۇلتۇزلار ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ. «سەن يەر يۈزىگە تاشلىۋېتىلدىڭ!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن يەر يۈزىگە كېسىۋېتىلدىڭ». 14:13 «جامائەتنىڭ تېغىدا»... «شىمال تەرەپلەردە» ــ بەلكىم پەرىشتىلەرنىڭ ساماۋى جامائىتىنى ياكى ئىسرائىلنىڭ جامائىتىنى بىلدۈرىدۇ ــ دېمەك، شەيتان خۇداغا مەنسۇپ بولغان جامائەتنىڭ تېگىشلىك ئىبادىتىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا قىزىقىدۇ. 14:13 زەب. 48‏:2 14:14 «يۇلتۇزلار... بۇلۇتلار...» ــ 13- ۋە 14-ئايەتتىكى «يۇلتۇزلار» ۋە «بۇلۇتلار» بەلكىم پەرىشتىلەر، ئاسماندىكى ساماۋى قوشۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. 14:18 «قاراڭغۇلۇقتىكى ئۆز ئۆيى» ــ ھەم يەر يۈزىدىكى مازارى ھەم تەختىسارادا ياتقان جاينىمۇ كۆرسىتىدۇ. 14:19 «ھاڭنىڭ تەھتىگە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھاڭنىڭ تاشلىرىغا». 14:20 ئايۇپ 18‏:19؛ زەب. 21‏:10؛ 37‏:28؛ 109‏:13 14:21 «ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ يەر-جاھاننى ئىشغال قىلمايدۇ، يەر يۈزىنى شەھەرگە توشقۇزۇۋېتەلمەيدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر تۇنجى «بابىل» شەھىرى، يەنى «بابىل مۇنارى» جايلاشقان شەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ نامىنى چوڭ كۆرسىتىپ، ئۆز شەھىرىنى پۈتكۈل يەز-زېمىننى باشقۇرىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى («يار.» 11-بابنى كۆرۈڭ). 14:21 مىس. 20‏:5؛ مات. 23‏:25 14:22 ئايۇپ 18‏:19؛ زەب. 21‏:10؛ 37‏:28 14:23 «ھۇۋقۇش» ــ باشقىچە تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇ چوقۇم خىلۋەت جايلاردا تۇرىدىغان بىر جانىۋار. 14:23 يەش. 34‏:11؛ زەف. 2‏:14 14:25 «ئۆز زېمىنىمدا ...ئۆز تاغلىرىمدا...» ــ خۇدانىڭ «ئۆز زېمىنى»، «ئۆز تاغلىرى» بولسا ئىسرائىلنىڭ زېمىنى پەلەستىندۇر. 14:27 2تار. 20‏:6؛ ئايۇپ 9‏:12؛ پەند. 21‏:30؛ دان. 4‏:32 14:28 2پاد. 16‏:20 14:29 «يىلاننىڭ يىلتىزىدىن زەھەرلىك بىر يىلان چىقىدۇ، ئۇنىڭ نەسلى بولسا دەھشەتلىك ئۇچار يىلان بولىدۇ» ــ ئاھاز ئۆلگەندە، فىلىستىيلەرنىڭ بەش شەھەر ئىتتىپاقدىشى ئاسۇرىيەگە قارشى يەھۇدا بىلەن بىر ئىتتىپاقنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەھۇدانىڭ يېڭى پادىشاھى ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. بېشارەت شۇ چاغدا بېرىلگەن (32-ئايەتنى كۆرۈڭ). يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ بېشارەتتە، ئىتتىپاقلىشىشنى رەت قىلىش، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا تايىنىش كېرەك، دېمەكچى (يەنە 32-ئايەتنى كۆرۈڭ). «تاياق»، يەنى «يىلان» بەلكىم ئاھازنىڭ ئۆزى بولۇشى مۇمكىن. فىلىستىيە ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىن بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغانىدى. ئاھاز پادىشاھ بەلكىم ئۇلار بىلەن ئاشۇ زېمىن ئۈستىدىن ئۇرۇشقان بولۇشى مۇمكىن (تەۋراتتىكى «2تار.» 28-بابنى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا بولسا فىلىستىيەگە تاقابىل تۇرۇپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋالىدۇ (تەۋراتتىكى «2پاد.» 18-بابنى كۆرۈڭ). شۇڭا ھەزەكىيا بەلكىم بېشارەتتىكى «زەھەرلىك يىلان» بولۇشى مۇمكىن. «دەھشەتلىك ئۇچار يىلان» بولسا، ئەڭ خەتەرلىك يىلان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن تولۇق قۇتقۇزىدىغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. 14:30 «قالغان قىسمىڭمۇ ئۇ تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ» ــ دېمەك، ئوخشاشلا ئاچارچىلىقتىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. 14:31 «ئىس-تۈتەكلىك بىر تۈۋرۈك ئۆرلەيدۇ» ــ بەلكىم دۈشمەن قوشۇنلىرى پۇرقىرىتىدىغان چاڭ-توزاڭلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇشۇ ئايەتنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكىسىنى چۈشىنىش تەس. 14:32 «بۇ ئەلنىڭ ئەلچىلىرى» ــ فىلىستىيلەرنىڭ ئەلچىلىرى بولسا كېرەك.