15
موئاب توغرۇلۇق بىر بېشارەت
موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛
ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛
ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛
يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن،
مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا بارلىق ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛
موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛
ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ،
جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى.
  
كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛
ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ.
ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ،
ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ.
شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛
ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ.
مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛
مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ،
ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ.
چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ،
ئوت-چۆپلەر سولىشىپ،
گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛
ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ.
شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛
ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا،
ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا،
پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ.
دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ،
چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛
چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن.
 
 
15:1 يەر. 48‏:1؛ ئ‍ەز. 25‏:9؛ ئام. 2‏:1 15:2 «مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا... چىقتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «مانا ئۇ باجىت، دىبون دېگەن جايلارغا، ... چىقتى». مۇشۇ ئايەتتە يەشايا موئابىيلارنىڭ بۇتخانىلىرىدا ۋە بۇتقا چوقۇنىدىغان «ئېگىزلىك»لىرىدە دۇئا قىلىشلىرىنىڭ بىكار بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى» ــ چاچ چۈشۈرۈش ۋە ساقال يۇلۇش قاتتىق ھەسرەت، پۇشايمان قىلىشنى ياكى ماتەم تۇتۇشنىمۇ بىلدۈرەتتى. 15:2 يەر. 48‏:37؛ ئ‍ەز. 7‏:18 15:6 «ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ (5-ئايەت) ...چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ...» ــ بىلىشىمىزچە 5- ۋە 6-ئايەتتىكى شەھەرلەر (زوئار، نىمرىم قاتارلىقلار) موئابنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە. ئار، كىر، نېبو، مەدەبا بولسا شىمالىي تەرىپىدە. قارىغاندا بولىدىغان ھۇجۇم شىمال تەرەپتىن كەلگەچكە، ئۇلار جەنۇبىي تەرەپكە قاچىدۇ. ئاسۇرىيە موئابغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلدى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715- ۋە 711-يىلىدا. 15:9 «دىمون» ــ بەلكىم «دىبون» (1-ئايەت) بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، يەرلىكلەر دىبوننى بەلكىم «دىمون» دەپ ئاتىشى مۇمكىن. «شىر» ــ كەلگۈسىدە موئابقا تاجاۋۇز قىلىدىغان (1) ئاسۇرىيە پادىشاھىنى ياكى (2) بابىل پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.