16
داۋامى
«ئەمدى غەللە-پاراق قوزىسىنى سېلا رايوندىن ئېلىپ،
چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا،
يەنى زىئون قىزىنىڭ تېغىغا ئەۋەتكىن!»
ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك،
موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە ئالاقزادە يۈرىدۇ.
 
موئاب بەگلىرىنىڭ بىر-بىرىگە سۆزلىشى
«پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار!»
«ئى زىئون قىزى، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ،
شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛
قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز!
مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز،
ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!».

 
خۇدانىڭ موئاب بەگلىرىگە بەرگەن ۋەدىسى
«ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ،
ھالاكەت يوق بولىدۇ،
ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ.
ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛
«داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ.
ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان،
ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ.
  
ــ بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)،
يەنى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، نوچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق؛
بىراق ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ!
شۇڭا موئاب موئاب ئۈچۈن زار يىغلايدۇ؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زار-زار يىغلايدۇ؛
قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈپ كىر-ھارەسەتنىڭ «كىشمىش پوشكاللىرى» ئۈچۈن زار-زار يىغلاڭلار!
ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار،
سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛
ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛
ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛
پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى.  
شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛
ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن!
چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ.
  
10 خۇشاللىق مېۋىلىك باغلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ،
شادلىقمۇ يوق قىلىنىدۇ؛
ئۈزۈمزارلىقلاردا نە ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ،
نە تەنتەنە قىلىنمايدۇ؛
دەسسىگۈچىلەر ئۈزۈم كۆلچەكلىرىنى چەيلىمەيدۇ.
چۈنكى مەن ئۈزۈم كۆلچەكلىرىدىكى خۇشال ۋارقىراشلارنى توختاتتىم.
11 شۇڭا ئىچ-باغرىلىرىم موئاب ئۈچۈن چالغان چىلتاردەك ئاغرىپ مۇڭلۇق ياڭرايدۇ،
ئىچىم كىر-ھەرەسدىكىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق؛
12 شۇنداق بولىدۇكى، موئاب ئۆزىنى ئۇپرىتىپ دۇئا قىلغىلى ئۆزىنىڭ «يۇقىرى ئورنى»غا چىقىپ كەلگەندە،
ياكى دۇئا قىلغىلى «مۇقەددەس ئۆيى»گە كىرگەندە،
ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
13 مانا مۇشۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار موئاب توغرۇلۇق بۇرۇن ئېيتقان.
14 بىراق ھازىر پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئۈچ يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك،
موئابنىڭ كۆپلىگەن قوشۇن-ئاھالىسى بولغىنى بىلەن،
ئۇنىڭ پەخىرلەنگەن شۆھرىتى يەكسان بولىدۇ؛
ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئىنتايىن ئاز ۋە ھالسىز بولىدۇ».
 
 
16:1 «غەللە-پاراق قوزىسى» ــ موئابدىكىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ ئىسرائىلغا بېقىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. ئۇلار بېقىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى قوزىلارنى ئەۋەتكەن. كېيىن ئۇلار بېقىنىشنى رەت قىلغان (تەۋراتتىكى «2پاد.» 3-بابنى كۆرۈڭ). شۇڭا بېشارەتنىڭ مەنىسى، ئۇلارغا: ــ «سىلەر يەھۇداغا يەنە بېقىنىشىڭلار كېرەك؛ «قوزا»نى ئەۋەتىشىڭلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشپاناھلىقىغا ئىگە بولىسىلەر» دېگەن بىر نەسىھەت، ياكى بولمىسا ئۆز-ئۆزلىرىگە دېگەن بىر سۆزمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە (5- ھەم 6-ئايەتكە قارىغاندا) ئۇلار ئاخىردا تەكەببۇرلۇقتىن شۇنداق قىلمىغان. «سېلا» بولسا قويلىرى كۆپ بىر رايون ئىدى. 16:2 «موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە ئالاقزادە يۈرىدۇ» ــ ئارنون دەرياسى موئاب بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئورتاق چېگرىسى ئىدى. موئاب قىزلىرى باشپاناھ ئىزدەپ ئىسرائىلغا ئۆتمەكچى. خەرىتىنى كۆرۈڭ. 16:4 «ئى زىئون قىزى، ... قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز!» ــ بۇ سۆزلەر چوقۇم موئاب بەگلىرىنىڭ زىئوندىن باشپاناھلىق سورىشىنى كۆرسىتىدۇ. «...مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ... باشپاناھ بولغايسىز!» ــ مۇشۇ سۆزلەر (يەنە 3- ۋە 4-ئايەتنىڭ بىرىنچى يېرىمى) بەلكىم موئابنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ (يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتى بىلەن ئالدىنئالا ئېيتقان) سۆزلىرىدۇر. ئۇلار قوغلانغانلار ئۈچۈن ئىسرائىلدىن باشپاناھلىق سورايدۇ. 4-ئايەتنىڭ ئىككىنىچى يېرىمى ۋە 5-ئايەت بەلكىم خۇدانىڭ (يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق) بەرگەن جاۋابى. دېمەك، ئىسرائىل قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئارقىلىق موئاب ئۈچۈن باشپاناھ بولىدۇ (بىراق موئاب تەكەببۇرلۇقىدىن خۇدانىڭ ئىلتىپاتىنى رەت قىلىدۇ ــ تۆۋەندىكى 5-14-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). 16:5 «ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ موئاب بەگلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. «ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا» دېگەن سۆز ئىبرانىي تېكىستىدە يوق. بىراق بىزنىڭچە «چۈنكى» دېگەن سۆز مۇشۇلارنىڭ مەنىسىنى ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا موئابنىڭ ئۆزىدىن باشپاناھلىقنى ئۆتۈنۈشىنى قارشى ئالىدىدىغانلىقىنى يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق بىلدۈرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتىن رەت قىلىدۇ. (6-14-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ــ كەلگۈسى ئىسرائىلغا ۋە ئالەمگە بولىدىغان مەسىھ-پادىشاھ چوقۇم داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن بولىدۇ. «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئەسلىدە يېرۇسالېمدا تىكىلىپ مۇھىم بىر ئىبادەت ئورنىنى («2سام.» 18:6)، ياكى داۋۇتنىڭ ئۆز ئۆيىنى كۆرسەتسە كېرەك. 16:5 يەش. 9‏:6؛ دان. 7‏:14، 27؛ مىك. 4‏:7؛ لۇقا 1‏:33 16:6 يەر. 48‏:29، 30 16:7 «كىر-ھارەسەت» ــ 12-ئايەتتە «كىر-ھەرەس»مۇ دەپ ئاتىلىدۇ. «كىشمىش پوشكاللىرى» ــ «ھوش.» 1:3نى كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇللىرى». 16:8 «يائازەر» ــ موئابنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ نېرىسىدىراق، شەرق تەرىپى «چۆل-دالالار»، غەرب تەرىپى «(ئۆلۈك) دېڭىز». دېمەك، موئاب خىلۋەت جاي بولغىنى بىلەن خېلى يىراقلارغا تەسىرى بولغان بىر مەملىكەتكە ئايلانغان. 16:8 يەر. 48‏:32، 33 16:9 «شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن» ــ 10-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچى خۇدا بولغانىكەن («مەن ..توختىتىمەن...»)، 9-ئايەتتىكى سۆزلىگۈچىمۇ شۈبھىسىزكى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇدا يائازەردىكىلەرنى جازالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىبماھدىكى يوقاپ كەتكەن ئۈزۈمزارلار ئۈچۈن يىغلايدۇ. خۇدا ئۇلارنى جازالاشى بىلەن تەڭ ئۆزىمۇ قايغۇرىدۇ. «ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ» ــ ئادەتتە ھوسۇل ئالغاندا خۇشاللىقتىن ۋارقىراشلار بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق مۇشۇ يەردە، دۈشمىنىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىنكى تەنتەنە ۋارقىراشلار كۆرسىتىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ھوسۇلۇڭغا بولغان تەنتەنە ساداسى ياڭراشتىن توختىدى». 16:9 يەر. 48‏:32 16:10 «دەسسىگۈچىلەر» ــ ئۈزۈم شارابى چىقىرىش ئۈچۈن ئۈزۈملەرنى كۆلچەككە قويۇپ دۆسسەيدىغان ئادەملەر. 16:12 قان. 32‏:37، 38، 39 16:14 «مەدىكار ھېسابلىغاندەك...» ــ مەدىكار ئىشلىگەن ۋاقىتنى ئىنتايىن توغرىلىق بىلەن ھېسابلايدۇ، ئەلۋەتتە ــ دېمەك، مۇشۇ «ئۈچ يىل»، كەممۇ ئەمەس، ئارتۇقمۇ ئەمەس دەل ئۈچ يىلنى بىلدۈرىدۇ.