24
ئاخىرقى زامانلار •••• دۇنيانىڭ گۇناھ ئارقىلىق بۇلغىنىشى
مانا، پەرۋەردىگار يەر يۈزىنى بەربات، ۋەيران قىلىپ،
ئۇنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىپ،
ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىدۇ؛
شۇ ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇكى،
خەلقلەر قانداق بولسا، كاھىن شۇنداق بولىدۇ؛
قۇل قانداق بولسا، خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛
دېدەك قانداق بولسا، ئايال خوجايىنى شۇنداق بولىدۇ؛
سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ؛
ئۆتنە ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆتنە بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ؛
ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ.  
يەر يۈزى پۈتۈنلەي بەربات قىلىنىدۇ،
پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزنى قىلدى.
يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، ئۇ زەئىپلىشىدۇ،
جاھان ھالسىزلىنىپ زەئىپلىشىدۇ،
يەر يۈزىدىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ھالىدىن كېتىدۇ.
يەر-زېمىن ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ؛
چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛
تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن،
مەڭگۈلۈك ئەھدىنىمۇ يوققا چىقىرىۋەتكەن.
شۇڭا لەنەت يەر يۈزىنى يۇتۇۋالىدۇ،
ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار «گۇناھى بار» دەپ ھېسابلىنىدۇ،
شۇڭا يەر يۈزىدىكىلەر يۇتۇۋېلىنىدۇ،
ئىنسانلار ئاز قالىدۇ.
 
بالايىئاپەت تەپسىلاتلىرى
يېڭى شاراب تۈگەي دەپ قالدى،
ئۈزۈم تاللىرى بولسا سولىشىپ كېتىدۇ؛
كەيپلىكتىن كۆڭلى خۇش ئادەملەرمۇ ئۇھ تارتىشىدۇ؛
داپلارنىڭ شوخ سادالىرى توختايدۇ،
كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىمۇ تۈگەيدۇ،
چىلتارنىڭ شادلىق مۇڭلىرىمۇ توختايدۇ.
شاراب ئىچكەنلەرنىڭمۇ ناخشىسى يوقايدۇ؛
ھاراق ئىچكەنلەرگە ھاراق ئاچچىق تۇيۇلىدۇ.
10 تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر بۇزۇلىدۇ؛
ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ؛


11 كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛
بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ؛
يەر-زېمىندىكى شادلىق يوقايدۇ.
12 شەھەردە پەقەت ۋەيرانچىلىقلا قالىدۇ،
دەرۋازا بولسا چېقىلغان،
ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ!
 
ئىنساننىڭ «قالدىسى»
13 چۈنكى خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا،
يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بولىدۇكى،
زەيتۇن دەرىخىنى قاققاندىن كېيىن قېپ قالغان زەيتۇنلاردەك،
ئۈزۈم ھوسۇلىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن تەرگۈدەك بىرنەچچىلا ئۈزۈم قالغاندەك، بىر قالدىسى قالدۇرۇلىدۇ.  
14  قالدىلار بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛
پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسىگە قاراپ تەنتەنە قىلىدۇ؛
ئۇلار دېڭىز تەرەپتىن سۈرەن سالىدۇ.
15 شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ،
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛
16 جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ
«ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!»
 
بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ
«ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي!
چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛
بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!
17 ئى يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار!
ۋەھىمە، ئورا ۋە تۇزاق بېشىڭغا چۈشىدۇ؛
18 ۋە شۇنداق بولىدۇكى،
ۋەھىمە ساداسىدىن قاچقانلار ئورىغا چۈشىدۇ،
ئورىدىن چىققان بولسا تۇزاققا تۇتۇلىدۇ.
چۈنكى ئاسماندىكى دېرىزىلەر ئېچىلىدۇ،
يەر ئۇللىرى تەۋرەپ كېتىدۇ.  
19 يەر مۇتلەق دەزلىنىپ كېتىدۇ،
يەر پۈتۈنلەي پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ،
يەر دەھشەتلىك تەۋرىنىدۇ.
20 يەر مەست ئادەمدەك ئىلەڭ-سىلەڭ ماڭىدۇ؛
خۇددى لاپاستەك ئىرغاڭشىپ قالىدۇ.
چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاسىيلىق گۇناھى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ،
ئۇ يىقىلىپ، ئىككىنچى تۇرالمايدۇ.
21 شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى،
پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا،
ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ.
22 ئۇلار ئورەككە يىغىلىدىغان بىر توپ ئەسىرلەردەك يىغىۋېلىنىدۇ،
گۇندىخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ.
نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ.
23 ئاي ئۇياتلىقتا قالىدۇ؛
كۈنمۇ خىجىل بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ؛
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا، يەنى يېرۇسالېمدا سەلتەنىتىنى يۈرگۈزىدۇ؛
ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئۆز ئاقساقاللىرى ئالدىدا پارلايدۇ!
 
 
24:2 «كاھىن» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خەلقلەرگە ۋەكىل بولغان قۇربانلىق قىلغۇچى. «سېتىۋالغۇچى قانداق بولسا، سېتىۋەتكۈچى شۇنداق بولىدۇ... ئۆسۈم ئالغۇچى قانداق بولسا، ئۆسۈم بەرگۈچى شۇنداق بولىدۇ» ــ دېمەك، جەمئىيەتنىڭ ھەربىر تەبىقىدىكىلىرى ئوخشاشلا خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ. 24:2 ئ‍ەز. 7‏:12، 13 24:5 «چۈنكى ئۇلار كۆرسەتمە-قانۇندىن چەتلىگەن؛ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەت-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن...» ــ قايسى كۆرسەتمە-قانۇنلارنى بۇزغان؟ پەقەت مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگىنىلا ئەمەس، يەنە نۇھ پەيغەمبەرگە كۆرسىتىلگەن قانۇن ۋە ئەھدىنى كۆرسەتسە كېرەك. «يار.» 9-بابنى كۆرۈڭ. نۇھ پەيغەمبەرگە ھەم مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇشۇ ئىككى ئەھدىگە ئاساسەن قاتىللىق قەتئىي مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇھقا تاپشۇرۇلغان ئەھدە بويىچە، خۇدا ھاۋا رايىنى ھەم يەر يۈزىدىكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بېكىتكەن؛ بىراق ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ھاۋا رايىنى بۇزۇپ تاشلىغان، شۇنداقلا بۈگۈنمۇ بۇزماقتا، شۇنىڭدەك ئىنسانلار نۇرغۇن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ۋە بولىدۇ. مەسىلەن، ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇپ، بەچچىۋازلىقنى نورمال ئىش دەپ بىلىش قاتارلىقلار. 24:6 يەش. 9‏:18؛ 10‏:16 24:8 يەر. 7‏:34؛ 16‏:9؛ 25‏:10؛ ئ‍ەز. 26‏:13؛ ھوش. 2‏:13 24:9 يەش. 16‏:1 24:10 «تەرتىپسىز، مەنىسىز شەھەر» ــ يەشايا قايسى شەھەر ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ. 13-بابتا بابىل شەھىرى پۈتۈن خۇداسىز دۇنيانى كۆرسەتكەندەك (مەسىلەن، 13-باب، 5- ۋە 9-ئايەتنى كۆرۈڭ) مۇشۇ ئايەتلەر ئوخشاشلا پۈتكۈل خۇداسىز دۇنيانى بىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، يەشايا ئوقۇرمەنلەرگە يەنە، بابىل (بابىلون) شەھىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى (تەۋرات، «يارىتىلش» 11-بابنى كۆرۈڭ). شەھەرلەر بولسا ئىنسانىيەتنىڭ بار كۈچ-قۇدرىتى، قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولىدۇ. بىراق مۇشۇلار ئىخلاسسىز، خۇداغا تايانمىغان ھالدا قىلىنغان بولسا، ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولىدۇ، خالاس. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نامسىز شەھەر خۇداسىز دۇنيانى بىلدۈرىدۇ. شەھەر مەنىسىز، ئۇنىڭكى تۇرمۇشى مەنىسىز، خۇداسىز ياشاش مەنىسىز. باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن (مەسىلەن، دانىيال) كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيا بىر شەھەر، بىر مۇستەبىت ھۆكۈمدار ئاستىدا بولىدۇ. مۇشۇ شەھەر بەلكىم «يېڭى بىر بابىل» بولۇشى كېرەك. 1985-يىلى ئىراقتىكى سادام ھۈسەين قەدىمكى بابىل شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇشنى نىيەت قىلغىنى بىلەن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي جېنىدىن ئايرىلدى. «ھېچكىم كىرمىسۇن دەپ ھەممە ئۆيلەر ئېتىلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەممە ئۆينىڭ ئىشىكى توسۇلۇپ قېلىپ، ھېچكىم كىرەلمەيدۇ». 24:11 «كوچىلاردا شاراب ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ بار شاد-خۇراملىق تۈتەككە ئايلىنىدۇ...» ــ غەلىتە ئىش شۇكى، شاراب خەقلەرگە ھېچ تەسەللى بېرەلمىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى ئىزدەيدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر! 24:12 «دەرۋازا بولسا چېقىلغان، ھەممىسى ــ خاراب بولىدۇ» ــ دەرۋازا ھېچقانداق مۇداپىئە رولى قالمايدۇ. 24:13 «يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا» ــ ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. 24:13 يەش. 17‏:6 24:14 «قالدىلار بولسا ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» ــ يۇقىرىدىكى 6-ئايەتتە «ئىنسانلار ئاز قالىدۇ» دېيىلىدۇ. مۇشۇ ئايەتتىكى «قالدىلار» بولسا دەل شۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بالايىئاپەت ئىچىدە توۋا قىلىپ خۇدانى ئىزدىگەنلەردۇر. بۇ خۇداغا سادىق بولغان «قالدى خەلق» «يەشايا» ۋە تەۋراتتىكى كۆپ باشقا كىتابلاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. 24:16 «بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! ... بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!» ــ بۇ سۆزلەر پەيغەمبەرنىڭ خۇدانىڭ ئاخىر زامانلار توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئايان قىلغان ۋەھىيلىرىگە بولغان ئىنكاسىنى ــ ھەم خۇشاللىق ھەم خۇشاللىق ئىچىدە بولغان قايغۇسىنى، يەنى دۇنيانىڭ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ قايغۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ ... خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!» ــ مۇشۇ تەكرارلاش، بەلكىم، ئاخىردا ھەر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلمىغان بولسا، ناھايىتى قاتتىق گۇناھقا چۆمۈپ كېتىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارغا گۇناھ بېكىتىلگەندەك قىلىدۇ (ئىنجىل، «ۋەھ.» 22:11نى كۆرۈڭ). يەشايا گۇناھنىڭ جازاسىنى كۆرۈپلا يەنە ناھايىتى ئازابلىنىدۇ. 24:17 يەر. 48‏:43 24:18 «ۋەھىمە.. ئورا.. تۇزاق..» ــ بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ئاھاڭى ئىبرانىي تىلىدا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر. 24:18 يەر. 48‏:44؛ ئام. 5‏:19 24:20 ئايۇپ 27‏:18؛ يەش. 1‏:8؛ 19‏:14 24:21 «يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلار» ــ بەلكىم شەيتاننىڭ جىنلاردىن تەركىب تاپقان، تۆۋەن ئاسمانلاردا يۈرىدىغان قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 24:22 «نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار جازالىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نۇرغۇن كۈنلەردىن كېيىن ئۇلار يوقلىنىدۇ». خۇدا مەلۇم خەلقنى «يوقلىسا»، بۇ يوقلاشنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنى (ئا) بەرىكەتلەش ئۈچۈن ياكى (ئە) جازالاش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ سىرلىق بېشارەتنى ئىنجىل «ۋەھىي» قىسمىدىن كۆپرەك چۈشىنىمىز. قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بۇ دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە، بار جىن-شەيتانلار (ئۈستۈندىكى قوشۇنلار...)نى ھاڭغا تاشلايدۇ. ئۇلار يەنە بىر مىڭ يىلدىن كېيىن يەر يۈزىدىكىلەرنى سىناش ئۈچۈن ۋاقىتلىق قويۇۋېتىلىدۇ. «ۋەھىي» 19-20-بابلارنى كۆرۈڭ. 24:23 يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:31؛ 3‏:15