25
خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى ناخشا
پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛
مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن،
مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن،
چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى،
سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن.
چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك،
قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب،
ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن،
ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ.
شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ،
ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛
4‏-5 چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان،
يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان،
بورانغا دالدا،
ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛
چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك،
قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى.
بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك،
سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛
ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ.
ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ
مايلىق يېمەكلىكلەر،
سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار،
يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر،
سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛
ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى،
بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛
ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ!
رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛
پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان.
ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ
«مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن،
ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛
مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن،
بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز.
10 چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛
ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛
11  موئاب ئاشۇ تېزەكلىك ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ،
بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، رەب ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ.  
12 ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ،
يەر بىلەن يەكسان قىلىپ،
توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ.
 
 
25:2 يەش. 21‏:9؛ 23‏:13؛ ۋەھ. 14‏:8؛ 18‏:2 25:6 «يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر» ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن، شۇنداقلا بارلىق قەدىمكى خەلقلەر ئۈچۈن مايلىق ۋە يىلىكلىك يېمەكلىكلەر ئەڭ ئېسىل تاماق ئىدى. 25:8 1كور. 15‏:54 25:10 «مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ» ــ دېمەك، خۇدا شۇنداق قىلىپ، بەخت ۋە ئارام ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تونۇتىدۇ. 25:11 «رەب ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ». 25:11 يەش. 16‏:6