27
شەيتاننىڭ جازالىنىشى •••• ئىسرائىللار يىغىلىپ خۇداغا مېۋە بېرىدۇ
شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى،
يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛
ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ.
  
شۇ كۈنى ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار بولىدۇ!
ئۇ توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىڭلار!
ئۆزۈم پەرۋەردىگار ئۇنى ساقلايمەن؛
مەن ھەر دەقىقە ئۇنى سۇغىرىمەن؛
بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ كېچە-كۈندۈز ساقلايمەن.
غەزەپ مەندە قالمىدى؛
ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى!
ئۇنداق بولسا مەن ئۇلارغا قارشى يۈرۈش قىلاتتىم،
ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم!
بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛
ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن،
دەرھەقىقەت، ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن!
كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛
ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ،
ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ.
  
 
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇئامىلىسى
پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك ئىسرائىلنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟
ئۇ قىرغانلاردەك ئىسرائىل قىرىلىپ باققانمۇ؟
سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛
شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن.  
ئەمدى شۇ يول بىلەن ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇكى، ــ
ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ پىشقان مېۋىسى شۇ بولىدۇكى: ــ
ئۇ قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ،
«ئاشەراھ»لارنى ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى زادىلا تۇرغۇزمايدۇ.
10 چۈنكى مۇستەھكەملەنگەن شەھەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ،
ئادەمزاتسىز ماكان ھەم تاشلىۋېتىلگەن باياۋاندەك بولىدۇ؛
شۇ يەردە موزاي ئوزۇقلىنىدۇ،
شۇ يەردە يېتىپ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى يەيدۇ.
11 ئۇنىڭ شاخلىرى سولىشىش بىلەن ئۈزۈلىدۇ؛
ئاياللار كېلىپ ئۇلارنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
چۈنكى بۇ بىر يورۇتۇلمىغان خەلق؛
شۇڭا ئۇلارنى ياراتقۇچى ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ؛
ئۇلارنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلارغا شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
12 ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى،
پەرۋەردىگار ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە ھەر يەرنى سىلكىيدۇ،
ۋە سىلەر بىر-بىرلەپ تېرىپ يىغىۋېلىنىسىلەر،
ئى ئىسرائىل بالىلىرى!  
13 ۋە شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى،
بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار،
ۋە مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار كېلىدۇ؛
ئۇلار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس تاغ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ.
 
 
27:1 «پەرۋەردىگار ... شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ» ــ لېۋىئاتان چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھايۋان. بەزى ئالىملار ئۇنى تىمساھ دەيدۇ، بىراق بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز. (تەۋراتتىكى «ئايۇپ» لېۋىئاتان توغرىسىدىكى 41-بابتىكى ئىزاھاتلىرىمىز ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ). «جازالاش» دېگەن سۆزدىن، بىرخىل يامان روھنىڭ كۈچىنىڭ لېۋىئاتاننىڭ كەينىدە تۇرۇشى بىلەن، لېۋىئاتاننى رەزىللىكنىڭ بىر ۋەكىلى بولىدۇ دەپ چۈشىنىمىز. ئىنجىل «ۋەھىي» 12-، 13- ھەم 20-بابقا ئاساسەن چۈشىنىمىزكى، لېۋىئاتان شەيتاننىڭ ئۆزى ھەم ئۆزىنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى ۋەكىلى بولغان دەججالنى بىلدۈرىدۇ. «ئۇچقۇر يىلان» ــ لېۋىئاتان شەيتاننىڭ ئاسماندىكى ئىپادىسى، «تولغانغۇچى يىلان» يەر يۈزىدىكى ئىپادىسى، «ئەجدىھا» دېڭىزدىكى ئىپادىسىدۇر. 27:1 ۋەھ. 12‏:9 27:2 «ساپ شاراب بېرىدىغان بىر ئۈزۈمزار» ــ ياكى «بەك يېقىملىق بىر ئۈزۈمزار». 27:4 «غەزەپ مەندە قالمىدى» ــ بەلكىم ئىسرائىلغا قارىتىلغان غەزەپنى كۆرسىتىدۇ. «ئاھ، ماڭا قارشى جەڭ قىلىدىغان تىكەنلەر ياكى جىغانلار بولسائىدى!... ئۇلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتەتتىم!» ــ خۇدانىڭ ئۆز ئۈزۈمزارى بولغان ئىسرائىلغا (5-بابنى يەنە كۆرۈڭ) شۇنچە خۇرسەنلىكى ۋە قىزغىنلىقى باركى، ئۇ «ئۇلارغا بولغان قوغداش مۇھەببىتىمنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بولسۇن ئۈچۈن، بىر تال تىكەنلا پەيدا بولسائىدى!» دەپ تىلىگەندەك قىلىدۇ. 27:5 «بولمىسا ئۇ مېنى باشپاناھلىق قىلىپ تۇتسۇن؛ ئۇ مەن بىلەن بىرلىكتە خاتىرجەملىكتە بولسۇن!...» ــ خۇدا ھەتتا ئۆزىگە قارشى تۇرغان بىر تىكەنگىمۇ توۋا قىلىش، خاتىرجەملىككە كېلىش پۇرسىتىنى يەتكۈزىدۇ! بۇنى ئىككى قېتىم دېيىش، بۇنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. 27:6 «ئۇلار (ئىسرائىل) پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ» ــ مۇشۇ سۆز بابىل شەھىرىنىڭ «يەر يۈزىنى شەھەرلەر بىلەن قاپلايلى» (21:14) دېگەن مەقسىتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شۇ چاغدا بولسا خۇدانىڭ ئۆز ئۈزۈمزارى بولغان ئىسرائىلدىن كۈتكەن ئۈمىدى (5-بابتا خاتىرىلەنگەندەك) كۆپ جەھەتلەردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 27:6 زەب. 72‏:16 27:7 «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرغانلارنى ئۇرغانچىلىك ئىسرائىلنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ قىرغانلاردەك ئىسرائىل قىرىلىپ باققانمۇ؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ ئىپادىلىنىدۇ: «ئۇ ئىسرائىلنى ئۇرغانلارنى ئۇرغان دەرىجىدە ئۇنى ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ئۇ (خۇدا) قىرغانلاردەك، ئۇ (ئىسرائىل) قىرىلىپ باققانمۇ؟». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى باشقىلار ئۇرغان دەرىجىدە ئۇرۇپ باققانمۇ؟ ياكى ئىسرائىل ئەللەر تەرىپىدىن قىرىلغاندەك پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قىرىلىپ باققانمۇ؟». 27:8 «سەن ئۇلارنى ئەيىبلىگەندە ئۆلچەمدىن تۆۋەن جازالاپ ئۇلارنى پالىۋەتكەنسەن؛ شەرق شامىلى چىققان كۈنىدە ئۇ ئۇنىڭ زەربلىك شامىلى بىلەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكەن» ــ دېمەك، 7-ئايەتتە دېيىلگىنىدەك، خۇدا ئىسرائىلنى تەربىيىلەپ جازالىغاندا «ئۆلچەمدىن تۆۋەن» جازالىغان؛ شەرق شامىلى زەربىلىك بولغىنى بىلەن دائىملىق ئەمەس، پەقەت تۇرۇپ-تۇرۇپ سوقۇپ تۇرىدۇ. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. 27:8 يەر. 30‏:11؛ 46‏:28 27:9 «ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى يېپىلىدۇ» ياكى «ياقۇپنىڭ قەبىھلىكى كافارەت قىلىنىدۇ». «قۇربانگاھتىكى ھەممە تاشلار...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «قۇربانگاھ» بەلكىم بۇتلارغا چوقۇنۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. «ئاشەراھ» ــ «ئاشەراھ» بۇتلىرى ۋە خۇشبۇيگاھلار بولسا، 17-باب، 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 27:10 «مۇستەھكەملەنگەن شەھەر» ــ مۇشۇ «مۇستەھكەملەنگەن شەھەر» بولسا، ئاۋۋال بابىلنى كۆرسەتسە كېرەك؛ بىراق 24:10-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا دېگىنىمىزدەك، بابىلنىڭ ئۆزى كەلگۈسى «پۈتكۈل خۇداسىز دۇنيا»نى بىلدۈرىدۇ. 27:12 «ئەفرات دەرياسىنىڭ ئېقىملىرىدىن تارتىپ مىسىر ۋادىسىغىچە» ــ مۇشۇ ئىبارە ئىسرائىلنىڭ بارلىق زېمىنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پات-پات ئىشلىتىلىدۇ. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ. 27:12 يەش. 17‏:5 27:13 «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، بۈيۈك كاناي چېلىنىدۇ» ــ خۇدانىڭ خەلقىنى چاقىرىدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى مۇشۇ «بۈيۈك كاناي» مۇقەددەس كىتابتا باشقا كۆپ يەرلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. يەشايا ئۆزى 18-بابتا ئۇ توغرىسىدا توختىلىدۇ. مۇشۇ يەردە، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاقلىقى، يەھۇدىي ئەمەسلەر (ئاسۇرىيە زېمىنىدا تۈگىشەي دەپ قالغانلار... مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانلار) خۇداغا تايانغان يەھۇدىيلار بىلەن بىللە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.