28
ئەفرائىم، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇق بىر بېشارەت •••• بىردىنبىر ئۇل نېمە؟
ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي!
مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىغا تاقىۋالغان،
يەنى ئۇلارنىڭ سولىشىپ قالغان «پەخرى» بولغان گۈلىگە ۋاي!
ئى شارابنىڭ ئەسىرى بولغانلار!
مانا، رەب بىر كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسىنى ھازىرلىدى؛
ئۇ بولسا، مۆلدۈرلۈك جۇدۇن ھەم ۋەيران قىلغۇچى بوراندەك،
دەھشەت بىلەن تاشقان كەلكۈن سۇلىرىدەك،
ئەشەددىيلەرچە تاجنى يەرگە ئۇرىدۇ.
ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجى ئاياغ ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛
ۋە مۇنبەت جىلغىنىڭ بېشىدا تاقىۋالغان،
ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان سولىشىپ قالغان گۈلى بولسا،
بالدۇر پىشقان ئەنجۈردەك بولىدۇ؛
ئۇنى كۆرگەن كىشى كۆرۈپلا،
قولىغا ئېلىپ كاپ ئېتىپ يۇتۇۋالىدۇ.
شۇ كۈنىدە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن شەرەپلىك بىر تاج،
شۇنداقلا كۆركەم بىر چەمبىرەك بولىدۇ.
ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ،
ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ.
 
يېرۇسالېمدىكى ئەمىرلەرنىڭ ئەھۋالى •••• كىم خۇدانىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدۇ؟
بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى،
ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ
ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛
ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛
ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛
ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى،
ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛  
چۈنكى ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى.
 
ئەمىرلەر يەشايانى مازاق قىلىدۇ
«ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟
ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟»
 
يەشايا جاۋاب بېرىدۇ
10 ئېزىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟!
چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر،
قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر،
بۇ يەردە ئازراق،
شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ...



11 چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ.  
12 ئۇ ئۇلارغا: ــ
«مانا، ئارام مۇشۇ يەردە،
ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛
يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ دېگەن،
بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان.
13 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا: ــ
«ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر،
قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر.
مۇشۇ يەرگە ئازراق،
شۇ يەرگە ئازراق بولىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ،
پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ،
سۇندۇرۇلۇپ،
تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ.  
14 ــ شۇڭا ھەي سىلەر مازاق قىلغۇچىلار، يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇشۇ خەلقنى ئىدارە قىلغۇچىلار،
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!
15 چۈنكى سىلەر: ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق،
تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛
قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە،
ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛
چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق،
يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار،
16 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش،
سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش،
قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى،
ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن.
ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ.  
17 ۋە مەن ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن،
ھەققانىيلىقنى بولسا تىك ئۆلچىگۈچ يىپ قىلىمەن؛
مۆلدۈر باشپاناھى بولغان يالغانچىلىقنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ،
ۋە كەلكۈن مۆكۈۋالغان جايىنى تېشىپ ئەپكېتىدۇ.
18 شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛
سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛
قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە،
سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر.
19 ئۇ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا سىلەرنى تۇتىدۇ؛
ھەم سەھەر-سەھەرلەردە،
ھەم كېچە-كۈندۈزلەردىمۇ ئۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ،
بۇ خەۋەرنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋەھىمىگە چۈشۈش بولىدۇ.
20 چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ،
يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ.
21 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى،
يەنى ئۆزىنىڭ غەيرىي ئەمىلىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن،
ئۆزىگە يات بولغان ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن،
پەرازىم تېغىدا تۇرغىنىدەك ئورنىدىن تۇرىدۇ،
ئۇ گىبېئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلىنىدۇ؛
22 شۇڭا مازاق قىلغۇچىلار بولماڭلار؛
بولمىسا، كىشەنلىرىڭلار چىڭ بولىدۇ؛
چۈنكى مەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن بىر ھالاكەت توغرىسىدا،
يەنى پۈتكۈل يەر يۈزىگە قەتئىيلىك بىلەن بېكىتكەن بىر ھالاكەت توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانمەن.
 
ئەقىللىق دېھقاننىڭ تېرىش-يىغىشى توغرىسىدا بىر تەمسىل
23 ــ قۇلاق سېلىڭلار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار؛
تىڭشاڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار.
24 يەر ھەيدىگۈچى دېھقان تېرىش ئۈچۈن يەرنى كۈن بويى ھەيدەمدۇ؟
ئۇ پۈتۈن كۈن يەرنى ئاغدۇرۇپ،
چالمىلارنى ئېزەمدۇ؟
25 ئۇ يەرنىڭ يۈزىنى تەكشىلىگەندىن كېيىن،
قاراكۆز بەدىياننى تاشلاپ،
زىرىنى چېچىپ،
بۇغداينى تاپلاردا سېلىپ،
ئارپىنى تېرىشقا بېكىتىلگەن جايغا،
قارا بۇغداينى ئېتىز قىرلىرىغا تېرىمامدۇ؟
26 چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنى توغرا ھۆكۈم قىلىشقا نەسىھەت قىلىدۇ،
ئۇ ئۇنىڭغا ئۆگىتىدۇ.
27 بەرھەق، قاراكۆز بەدىيان چىشلىق تىرنا بىلەن تېپىلمەيدۇ؛
تۇلۇق زىرە ئۈستىدە ھەيدەلمەيدۇ؛
بەلكى قاراكۆز بەدىيان بولسا قامچا بىلەن سوقۇلىدۇ،
زىرە بولسا تۆمۈر-تاياق بىلەن ئۇرۇلۇپ دان ئاجرىتىلىدۇ.
28 ئۇن تارتىشقا داننى ئېزىش كېرەك، ئەمما دېھقان ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛
ئۇ ھارۋا چاقلىرى ياكى ئات تۇياقلىرى بىلەن ئۇنى مەڭگۈگە تېپېۋەرمەيدۇ؛
29 مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛
ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت،
دانالىقتا ئۇلۇغدۇر.


  
 
 
28:1 «ئەفرائىمدىكى مەيخورلارنىڭ بېشىدىكى تەكەببۇرلۇق بىلەن تاقىۋالغان گۈللۈك تاجىغا ۋاي!...» ــ ئەفرائىمنىڭ بەگلىرى ھاراق ئىچىشكە بەك ئامراق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن، ئابرۇيلۇق ئادەملەر ئولتۇرۇشلاردا گۈل تاج تاقايتتى. يەشايا پەيغەمبەر، ئۇلارنىڭ «پەخرى» بولغان گۈلى، يەنى ئۇلارنىڭ «شان-شەرىپى» سولىشىپ كېتىپ يوقاي دەپ قالدى، دەيدۇ. ئاچ ئادەم كۆرۈپلا يەۋالىدىغان بىر تال ئەنجۈردەك ئۇلار يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر بولسا، تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ياكى ئەيش-ئىشرەت قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بەلكى توۋا قىلىپ پەرياد كۆتۈرۈش كېرەك، دېگەنلىكتۇر. «مۇنبەت جىلغا» ــ شىمالىي پادىشاھلىق (ئىسرائىل)نىڭ پايتەختى بولغان سامارىيە جايلاشقان جىلغىنى كۆرسەتسە كېرەك. 28:6 «ئۇ يەنە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇرغانلارغا توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى روھ، ۋە دەرۋازىدا جەڭنى چېكىندۈرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ» ــ مۆتىۋەرلەر خەلق ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىش، سوت قىلىش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئولتۇراتتى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «دۈشمەننى دەرۋازىسىغىچە چېكىندۇرگۈچىگە كۈچ بولىدۇ» ــ دېمەك، ھۇجۇم قىلىدىغانلارغا كۈچ بولىدۇ. 28:7 «كاھىن» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خەلقلەرگە ۋەكىل بولۇپ قۇربانلىق قىلغۇچى. 28:7 يەش. 5‏:11 28:8 «ھەممە داستىخان بوش ئورۇن قالماي قۇسۇق ۋە نىجاسەت بىلەن تولدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، يەشايا ئوردا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن يېرۇسالېمدىكى ئەربابلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا قاتنىشالايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئولتۇرۇشنىڭ سەۋەبى، مىسىر بىلەن ئاسۇرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى توغرىسىدىكى كېلىشىم تۈزگەنلىكنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت ئىدى. يەشايا ھەردائىم مۇنداق ئىتتىپاقنى تۈزمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇلارنىڭ مازاقلىرىغا ئۇچرىغان. 28:9 «ئۇ كىمگە بىلىم ئۆگەتمەكچىدۇ؟ ئۇ زادى كىمنى مۇشۇ خەۋەرنى چۈشىنىدىغان قىلماقچىدۇ؟» ــ مۇشۇ سۆزلەر، بەلكىم، زىياپەتتە ئولتۇرغانلار يەشايانى مازاق قىلىدىغان سۆز بولۇشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار «پەقەت خۇداغىلا تايىنىشىمىز كېرەك» دېگەن خەۋەرنى ئىنتايىن ئاددىي، سەبىي بالىنىڭ كۆزقارىشى، خالاس، دەپ قارايتتى. 28:10 «ئېغىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟!» ــ مۇشۇ سۆزلەر، بەلكىم، يەشايانىڭ جاۋابىنىڭ باشلىنىشى. يەشايا ئۇلارنىڭ «مۇشۇ كۆزقارىشىڭ بەك ئاددىي ئىكەن» دېگەن مازاق گەپلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ: «پەقەت ئاددىي ئادەملەر، سەبىي بالىدەك كىچىك پېئىل كىشىلەرلا مۇشۇلارنى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلالايدۇ. تەكەببۇر، ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلار ھەرگىز چۈشىنەلمەيدۇ»، دەيدۇ. «چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ...» ــ مۇشۇ سۆزنىڭ ئۈچ مۇھىم نۇقتىسى بار: ــ (1) يەشايا مۇشۇ يەردە كىتابىدىكى بېشارەتلەرنى تولۇق چۈشىنىشكە تولىمۇ مۇھىم بىر ئاچقۇچنى بېرىدۇ. بېشارەتلەر بىر-بىرلەپ، بىرسى بۇ ھەقىقەتنى تەكىتلىسە، بىرسى ئۇ ھەقىقەتنى تەكىتلەيدۇ، ھەممە بېشارەت ئارقىلىق بىزگە قانداق قىلىپ خۇداغا پۈتۈنلەي، ئەتراپلىق ئىشىنىپ تايىنىشنى ئۆگىتىدۇ. (2) «ۋەزمۇۋەز، ... قۇرمۇقۇر...» ئىبرانىي تىلىدا «ساۋ، ساۋ،.... كاۋ، كاۋ، ....» دېگەندەك كىچىك بالىنىڭ تەلەپپۇزىدا ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كىچىك بالىغا ئوخشاش كىچىك پېئىللىق بولۇشى كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ. (3) بالا سۆزلىگەندەك «ساۋ، ساۋ،.... كاۋ، كاۋ، ....» دېگەن سۆزلەر يەنە كېلىپ يات بىر تىلدەك بولۇپ، 11-ئايەتنى تونۇشتۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. 28:11 «چۈنكى دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ» ــ دېمەك، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدالىقلار يات بىر دۆلەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، يات يۇرتقا يۆتكىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئاددىي سۆزلىرىنى «بالىلارچە گەپ» دەپ مازاق قىلىپ رەت قىلىدۇ، نەتىجىدە مۇشۇنداق ئاۋازلار ئۇلاردا يامراپ كېتىدۇ. 28:11 1كور. 14‏:21 28:12 «مانا، ئارام مۇشۇ يەردە، ھالى يوقلارنى ئارام ئالدۇرۇڭلار؛ يېڭىلىنىش مۇشۇدۇر» ــ بۇ سۆزلەر يەشايا يەتكۈزگەن خەۋەرنىڭ جەۋھىرىدۇر. خۇداغا تايىنىش ــ ئاراملىقتۇر! «دۇدۇقلايدىغان لەۋلەر ۋە يات بىر تىل بىلەن ئۇ (پەرۋەردىگار) مۇشۇ خەلققە سۆز قىلىدۇ... بىراق ئۇلار ھېچنېمىنى ئاڭلاشنى خالىمىغان» ــ مەزكۇر بېشارەت (11-13) توغرۇلۇقمۇ «1كور.» 21:14-22 ۋە ئۇنىڭغا باغلىق «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ. 28:13 «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغا كېتىۋېتىپ، پۇتلىشىپ، ئوڭدا چۈشىدۇ، ...تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالىدۇ» ــ ئۆزى تاللىغان يولى بىلەن ئالغا باسقىنى بىلەن، نەتىجىسى ھالاكەتتۇر، خالاس. 28:13 2كور. 2‏:16 28:15 «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق... يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ ھەرقانداق كىشى مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاغزى بىلەن دېمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى ئايان قىلىدۇ. شۇ چاغدىكى ئەھدە بولسا مىسىر بىلەن بولغانىدى، بىراق يەشايا بېشارەتتە شۇنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم مىسىردىكى بۇ ئەھدە كەلگۈسىدە ئادەمنى تېخىمۇ ئالدايدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى بىر ئەھدىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئەھدىنى ئىسرائىل شەيتاننىڭ ۋەكىلى دەججال بىلەن تۈزىدۇ. «دان.» 27:9، ئىنجىل «ۋەھ.» 2:11، 5:13نى كۆرۈڭ. 28:16 «سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا، «سىناق تېشى». بۇ ئىبارە باشقىلارنى سىنايدىغان ھەم ئۆزى سىناقتىن ئۆتكەن بىر تاش، دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. 28:16 زەب. 118‏:22؛ مات. 21‏:42؛ روس. 4‏:11؛ رىم. 9‏:33؛ 10‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:20؛ 1پېت. 2‏:6، 7، 8 28:17 «ئادالەتنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن» ــ ياكى «توغرا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆلچەم تانىسى قىلىمەن» (26-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 28:20 «چۈنكى كارىۋات سوزۇلۇپ يېتىشقا قىسقىلىق قىلىدۇ، يوتقان بولسا ئادەم تۈگۈلۈپ ياتسىمۇ تارلىق قىلىدۇ» ــ بۇ كىنايىلىك گەپ. ئۇلار خۇدانىڭ ئاراملىقىنى رەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارام ئالماقچى بولغان يولى بولسا ئۆزىگە ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. 28:21 «پەرازىم تېغى» ۋە «گىبېئون جىلغىسى» ــ بۇ ئىككى جايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەۋراتتىكى «2سام.» 17:5-20، 22-ئايەت قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ. خۇدا ئاشۇ يەرلەردە داۋۇت پادىشاھنىڭ تەختىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن فىلىستىيلەر ئۈستىدىن ئىككى قېتىم چوڭ غەلىبە قىلغانىدى. بىراق يەشايا قوبۇل قىلغان ۋەھىيگە ئاساسەن، ئادەمنى جازالاشتىكى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ مۇھەببەتلىك تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي غەيرىي، تۈپتىن يات كېلىدىغان، ئۆزى نەپرەتلىنىدىغان ئىش ئىكەنلىكى ئايان قىلىنىدۇ. 28:29 «مۇشۇ ئىشمۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن كېلىدۇ؛ ئۇ نەسىھەت بېرىشتە كارامەت، دانالىقتا ئۇلۇغدۇر» ــ 23-29-ئايەتلەرنىڭ ئەسلى تېكىستلىرىدىكى بەزى سۆزلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرىغاچقا، باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرشى مۇمكىن. بىراق ئۈچ ئىش ئېنىق تۇرىدۇ: ــ (1) يەر ھەيدەش ھەم داننى سوقۇپ ئاجرىتىشمۇ كۆرۈنۈشتە يەرگە ياكى دانغا قارىتا «قاتتىق قوللۇق مۇئامىلە» قىلىشقا ئوخشايدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار بەلكىم خۇدانىڭ بىزگە ئىشلىتىدىغان تەربىيە تەدبىرلىرىنى بىلدۈرۇشى مۇمكىن. (2) ھەممىمىز ئەقىللىق دېھقاندىن ئۆگىنەيلىكى، ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ھەممە ئىشنى قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىز يەر ھەيدەش ياكى دان سوقۇپ ئاجرىتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى زوقلىنىش ئۈچۈن قىلمايدۇ؛ ئۇ ئاخىرقى نىشانغا قاراپ، ھەرقايسى ئۇرۇقلارنىڭ ھوسۇلىنى كۆزلەيدۇ. خۇدامۇ ئوخشاشلا ھەممىمىزگە ئوخشىمايدىغان تەربىيىلىك ئۇسۇل قوللىنىپ، بىزدىن ھوسۇل چىقارماقچى. ئۇنىڭ بەزىدە مۇئامىلىسى «قوپال» ياكى قاتتىق كۆرۈنسىمۇ، ئۇ بەرىبىر ھەرقانداق داننىڭ ئۈنۈپ چىقىشىغا كېرەك بولغان شارائىتنى ئوبدان بىلىدۇ، ھەربىرىمىزدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھوسۇل چىقىرىش ئۇسۇلىنى بىلىدۇ. (3) مەلۇم بىر ھوسۇل ئۈچۈن ھەيدەپ-تېرىش ياكى دان ئاجرىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولغىنى بىلەن، ئەقىللىق دېھقان مۇشۇ ئۇسۇلنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي ئىشلىتىدۇ. خۇدا ئوخشاشلا ھەممىمىزنى كىچىك پېئىل، مۇھەببەتلىك كىشىلەردىن قىلىش ئۈچۈن دەل قانداق ھەم قانچىلىك دەرىجىدىكى مۇئامىلىنى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. 28:29 يەر. 32‏:19