30
مىسىر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ــ خۇداغا تايانماسلىقتۇر
«ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
- «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛
ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ،
بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛
شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ.
ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛
پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ،
مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە!
چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ.
مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ.
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ،
ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ،
ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان،
ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان،
بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان،
ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ.
 
يۈك ئارتىلىپ مىسىرغا مېڭىشقا تەييارلانغان بىچارە ئۇلاغلار!
نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛
شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار،
چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛
ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە،
گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ،
ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ.
مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر!
شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن.
 
ئىشەنمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى
ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن،
گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن،
ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن.
چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق،
نائەھلى ئوغۇللار،
پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر.
10 ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»،
ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛
بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛
11 سەنلەر دۇرۇس يولدىن چىقىش،
توغرا تەرىقىدىن ئايرىلىش!
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ.
12 ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ
«چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ،
زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
13 شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ،
تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛
14 خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛
ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك،
باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ».  
15 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ
«يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛
خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»،
ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر.
16 سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار،
شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر!
ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛
ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ.
17 مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛
بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە ھەممىڭلار قاچىسىلەر؛
قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك،
دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر.   
 
خۇدانىڭ كۈتكەن ئۈمىدى •••• ئۇنىڭ ئاخىرقى پىلانلىرى ــ پارلاق كېلەچەك
18 ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛
شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛
ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!  
19 چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛
شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛
كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛
ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ.
20 رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى،
سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ،
شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ،
بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛
21 سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار،
ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار،
قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ
«يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن.
22 شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە،
قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛
سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ
«نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر.
23 ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛
يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛
شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛
24 يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا،
گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ.
25 چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى،
يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى،
ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا،
ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ.
26 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان،
ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە،
ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ،
قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ،
يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ.
 
ئاسۇرىيە ھۇجۇم قىلمايدۇ ــ •••• ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان جازا
27 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ،
ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ،
قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛
لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ،
تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ.
28 ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ،
شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ.  
29 مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ،
ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ.
30 پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛
ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ.
31 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ،
ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى بولغان ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ!

32 ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا،
بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛
ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ.
33 چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛
بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان،
پەرۋەردىگار ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛
ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار،
پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ.
 
 
30:4 «پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ،...» ــ شۇ چاغلاردا مىسىر يېڭى بىر پادىشاھ، يەنى پىرەۋن شاباكونىڭ قول ئاستىدا كۈچلۈك، ئىتتىپاقلاشقان بىر دۆلەتكە ئايلانغانىدى. زوئان ۋە ھانەسنىڭ مىسىرنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇشى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك بىرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. 30:5 يەر. 2‏:36 30:6 «نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ نەگەۋ بولسا يەھۇدانىڭ جەنۇبى قىسمى بولۇپ، پۈتۈنلەي دەھشەتلىك چۆل-باياۋان. مىسىرغا ماڭىدىغان بىر يول نەگەۋدىن ئۆتىدۇ. «...يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ مۇشۇ بېشارەتنىڭ تېمىسى بىلەن يەشايا چاقچاق قىلىدۇ. «ۋەھىي»نىڭ ئىبرانىي تىلىدا «يۈك» دېگەن يەنە بىر مەنىسى بار. شۇنىڭ بىلەن تېمىنى يەنە «نەگەۋدىكى ئۇلاغلارنىڭ يۈكى» ــ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلاغلار ئەلچىلەرنىڭ ئۆزىنى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈك، ھەدىيىلەرنى كۆتۈرۈپ مىسىرغا بارىدىغان جاپالىق يولدا مېڭىپ ھېرىپ كېتىدۇ. لېكىن مىسىر بىلەن بولىدىغان «ئىتتىپاق» ھېچنېمىگە ئەرزىمىگەچكە، ئۇلارنىڭ يولى بىكارغا كېتىدۇ. يەشايا بىچارە ئۇلاغلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگىنى بىلەن ئەلچىلەرگە ھېچقانداق ھېسداشلىق بىلدۈرمەيدۇ! «ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ...» ــ قىزىق يېرى شۇكى، مىسىرغا ئادەتتە ماڭىدىغان يول نەگەۋدىن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەدىن ئۆتىدۇ. نەگەۋدىن ماڭىدىغان يول ناھايىتى جاپالىقتۇر. نېمىشقا مۇشۇ يول بىلەن ماڭىدىكىن؟ ھۆكۈمرانلار مەقسەت-پىلانلىرىنى فىلىستىيەدىن ياكى ئۆز خەلقىدىن مەخپىي ساقلاش ئۈچۈن بولسا كېرەك. قىزىق ئىش شۇكى، ئىسرائىل مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىپ، دەل شۇ يول بىلەن قانائانغا (پەلەستىنگە) كەلگەن. يەشايا كىنايىلىك بىلەن ئۇلاردىن، سىلەر مىسىردىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن يەنە ئاشۇ يەرگە «كەلگەن ئىزىڭلار بىلەن قايتىپ» ياردەم سوراشقا راست بارامسىلەر؟ ــ دەپ سورىماقچى. 30:7 «مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن» ــ «راھاب» مىسىرنىڭ باشقا بىر ئىسمى، مەنىسى «ھاكاۋۇرلۇق»، «ھالى ئۈستۈنلۈك». 30:8 «...ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن» ــ «بۇنى» بىزنىڭ قارىشىمىزچە، يۇقىرىقى 6-7-ئايەتتىكى بېشارەتنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «بۇنى» 8-14-ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى دەپ قارايدۇ. 30:9 «پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسى» ــ «تەۋرات» بولسا «تەربىيە»، «نەسىھەت»، «يوليورۇق» دېگەن مەنىدە. 30:10 «ئالدىن كۆرگۈچىلەر» ــ ئادەتتە خۇدانىڭ سۆزىنى غايىبانە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق بىلىپ چۈشىنىدىغان ھەم ئۇلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەردۇر. 30:11 «سەنلەر دۇرۇس يولدىن چىقىش، توغرا تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ مۇشۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغان ئاساسلىق سۆزلىرى، ياكى ئاللىقاچان دېگەن سۆزلەرنىڭ تۈپ مەنىسىدۇر. 30:13 يەش. 29‏:5 30:14 «خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى (تامنى) چېقىۋېتىدۇ» ــ تام چاققۇچىنى خۇدانىڭ ئۆزى دەپ قارايمىز. تامدا پەيدا بولغان يېرىق بولسا ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكىدۇر (13-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىنى ئىچىدىن (يېرىق تامنى ۋەيران قىلغاندەك) ۋەيران قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدانىڭ جازالىشى ئۇنىڭغا چۈشۈش بىلەن ئۇ تېخىمۇ تۈگىشىدۇ. 30:14 يەر. 19‏:11 30:15 «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!» ــ مۇشۇ سۆز يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ جەۋھىرى. 30:17 «مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە ھەممىڭلار قاچىسىلەر» ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتىكى «لاۋىيلار» دېگەن قىسىمدا 8:26-ئايەتتە خۇدانىڭ مۇنداق ۋەدىسىنى خاتىرىلىگەن: «(ماڭا تايانغان بولساڭلار) بەشىڭلار يۈز (ئادەم)نى، يۈزۈڭلار بىر تۈمەننى قوغلىۋېتىسىلەر». ئەمدىكى ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە. «تاغ ئۈستىدىكى بايراق... دۆڭ ئۈستىدىكى... تۇغ» ــ (1) دېمەك، قالغان ئادەملەر ناھايىتى ئاز. (2) مۇشۇ ئىككى نەرسە (بايراق ۋە تۇغ) ئادەتتە ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۇرۇشتىكى بىر تەرەپ مەغلۇپ بولسا مۇشۇ نەرسىلەر تاشلىنىپ قالىدۇ؛ غەلىبە قىلسا ئۇلار ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يەردە مەغلۇبىيەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ. 30:17 يەش. 17‏:6؛ 24‏:6،13 30:18 «ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ... ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر!» ــ مۇشۇ ئايەت بەلكىم كىتابنىڭ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يەرلىرىدىن بىرىدۇر. نېمىشقا ئىسرائىلنىڭ كاجلىقى، خۇدانىڭ قاتتىق جازالىشى تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن ئايەت «شۇڭا» بىلەن باشلىنىدۇ؟ خۇدانىڭ ئىسرائىلنى قاتتىق جازالىغىنى بىلەن ئۇ ئەڭ ئاخىردا ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ رەھىمدىللىق كۆرسەتمەكچى. يۇقىرىقى جازالار بەلكىم ئىسرائىلنىڭ «قالدىسى»نى خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلايدۇ. «شۇڭا» خۇدا بۇنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتىدۇ. 30:18 زەب. 2‏:12؛ 34‏:8؛ پەند. 16‏:20؛ يەر. 17‏:7 30:20 «سېنىڭ ئۇستازىڭ» ــ مۇشۇ يەردە بۇ سۆز ياكى (كۆپلۈك شەكلىدە) «ئۇستازلىرىڭ» ياكى (بىرلىك شەكلىدە) «ئۇستازىڭ» مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، «ئۇستاز» بولسا كېرەك. «ئۆزىنى يوشۇرغان» «ئۇستازىڭ»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇشۇ ئايەتنى 8-باب، 17-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. 30:25 «چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى...» ــ قايسى قىرغىنچىلىقنىڭ بولغانلىقى، قايسى مۇنارلارنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ ئىشلار جىسمانىي ھەم روھىي دۈشمەنلەرنىڭ يوقىتىلىشىنى بىلدۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئىشلار ئاخىرقى زامانلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. «ئەنھار» ــ كىچىك ئېرىق. 30:26 «ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتى» ــ ياكى «ئۆز خەلقىنىڭ سۇنغان يېرىنى». 30:28 «ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ» ــ يۇقىرىقى 8-باب، 8-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. ئاسۇرىيە ئىسرائىلغا قانداق قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارغا (ئاسۇرىيلەرگە) شۇنداق قىلىدۇ. «بىمەنىلىك بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر» ــ «بىمەنىلىك» بەلكىم بۇتلارغا ئىشىنىپ-تايىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ (پەرۋەردىگار) .... شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تۇتۇۋالغان ئەسىرلىرىنىڭ ئاغزىغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى ئاشۇنداق رەھىمسىز يول بىلەن ئېلىپ ماڭاتتى. مۇشۇ يەردە ئاسۇرىيەدىن باشقا ئەللەرنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، بېشارەتنىڭ ھەم شۇ چاغدىكى ئاسۇرىيەنى ھەم ئاخىرقى زاماندىكى «ئاخىرقى ئۇرۇش»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە كېرەك. ئۇنداق بولسا ئاسۇرىيە پادىشاھى يەنە ئاخىرقى زاماندىكى دەججالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى «بېشارەتلىك رەسىم» بولىدۇ. 30:28 يەش. 8‏:8 30:31 «پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى بولغان ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ!» ــ ئاسۇرىيەنىڭ خۇدانىڭ تايىقى ئىكەنلىكى 10-باب، 5-ئايەتتە كۆرسىتىلگەن. «باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى (بولغان ئاسۇرىيە) يانجىلىدۇ!» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇ (پەرۋەردىگار) ئۇنى (ئاسۇرىيەنى) تاياق بىلەن ئۇرىدۇ». 30:33 «توفەت» ــ يېرۇسالېم سىرتىدىكى، ئەخلەت كۆيدۈرىدىغان بىر جىلغا. ئۇ يەنە «گې-خىننوم» ــ «ھالاكەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ دوزاقنىڭ كۈچلۈك بىر سىمۋولى بولىدۇ (ئەرەبچە «جەھەننەم» دېگەن سۆز دەل بۇ «گې-خىننوم»دىن كەلگەن). «بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان؛ پەرۋەردىگار ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان، ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار...» ــ دېمەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى يەھۇداغا قارشى يۈرۈش قىلغاندا، ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان «جەسەتنى كۆيدۈرۈش» گۇلخانىغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى.