31
مىسىر بىلەن ئىتتىپاقلاشماڭلار! •••• خۇدا ئۆزى ئاسۇرىيەنى يىقىتىدۇ
ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ،
كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا،
ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى!
بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ،
پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ.
بىراق ئۇمۇ دانادۇر!
ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ،
دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛
ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە،
شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ.
مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛
پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ،
ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛
ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛
ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ
«ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا،
شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي،
شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي،
بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ.
ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛
قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛
ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.   
 
خۇدانىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىشى
سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار،
ئى ئىسرائىل بالىلىرى!
چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ».
 
«شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ،
بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛
بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛
ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ،
ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ.
ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛
ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان،
يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار.   
 
 
31:1 زەب. 20‏:7؛ 33‏:16-17؛ پەند. 21‏:31؛ يەر. 17‏:5 31:2 «بىراق ئۇمۇ دانادۇر!» ــ «ئۇمۇ» دېگەن سۆز كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ: «سەن ئىسرائىل بەك ئەقىللىق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇمۇ (خۇدامۇ) دانالىقغۇ!» دېگەندەك. ئىسرائىلنىڭ ھېچ دانالىقى يوق ئىدى. 31:4 «توپ-توپ پادىچىلار» ــ بۇ ئىبارە مىسىرنى كۆرسەتسە، ناھايىتى كىنايىلىك گەپ بولىدۇ؛ چۈنكى مىسىرلىقلار قوي ۋە پادىچىلارغا ئۆچ ئىدى («يار.» 34:46نى كۆرۈڭ). بەلكىم مۇشۇ تەمسىلنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى، خۇدا ئىسرائىلنى (شىردەك، ئاسۇرىيە ئارقىلىق) جازالىماقچى بولسا، مىسىرلىقلارنى ياردەم بېرىشكە چاقىرىش بىھۇدىلىكتۇر. ئىككىنچى يېرىمى بولسا، خۇدا ئاخىردا ئۆزى (قۇشتەك ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ ــ 31-ئايەت) ئىسرائىلنى ئاسۇرىيەدىن قۇتقۇزىدۇ، دېگەن مەنىدە. «شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي،...» ــ ياكى «ئۇلارنىڭ ئالدىدا يولنى بوشاتمايدىغان،...». «ئۇ (پەرۋەردىگار) زىئون تېغى ... ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ» ــ پەرۋەردىگار كىمگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلىدۇ؟ يۇقىرىقى ئايەتكە قارىغاندا، ئۇ ئاۋۋال شىردەك (ئاسۇرىيە ئارقىلىق) ئۆز ئولجىسى قىلماقچى بولغان يېرۇسالېمنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئاندىن «ئوۋغا ياردەمچى سۈپىتىدە» «ئۇنى شىردىن قۇتقۇزىمىز» دېگەن مىسىر بىلەن جەڭ قىلىدۇ. ھېچبولمىغاندا، يېرۇسالېم خۇدانىڭ (ئاسۇرىيەلىكلەر ئارقىلىق بولغان) تەربىيە جازاسىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. بىراق 5-ئايەتتە، خۇدا ئاخىرىدا ئۇلارنى ئاسۇرىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن قۇتقۇزىدۇ، دەيدۇ. 31:5 «ئۇنىڭ (پەرۋەردىگارنىڭ) «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ» ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغاندا، ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن «ئۆتۈپ كېتىش»ى بىلەن ئۇلارنى جازالىماي، ئۇلارنى قۇتقۇزغان. تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «مىس.» 23:12 ۋە «زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ ــ ئۇ ئۆزى ئەۋەتكەن «ھالاك قىلغۇچى پەرىشتە» ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ كەلگەندە ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا «ئۆتۈپ تۇرۇش»ى بىلەن ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ يولىنى توسۇپ، مۇھاپىزەت قىلىپ ئۇلارنى ساق قالدۇرغان. «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەن سۆز ئىسرائىلنى مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق ئەسكەرتكەن بولسا كېرەك. «مىس.» 13:12، 23-ئايەت ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. 31:5 قان. 32‏:11 31:7 يەش. 2‏:20 31:8 «ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ ... قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ» ــ دېمەك، قىلىچ ئىنسان تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ (-36، 37-بابنى كۆرۈڭ). 31:9 «ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ...» ــ «ئۇل تېشى» ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولۇشى كېرەك. 31:9 2پاد. 19‏:36،37