32
يېڭى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يېڭى جەمئىيىتى
1 مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛
ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ.
2 ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك،
بورانغا پاناھ بولغۇدەك،
قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك،
چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ.
3 شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ،
ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛
4 بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ،
كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ.
5 پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ،
پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ،
6 چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ،
ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ،
ئىپلاسلىق قىلىشقا،
پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە،
ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا،
چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ.
7 بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛
ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ،
مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن،
يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.
8 پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛
ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ.
مەڭگۈلۈك بەختنى ياكى بالايىئاپەتنى ــ ھازىر تاللاش كېرەك!
9 ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار!
ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
10 بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار،
پاراكەندە قىلىنىسىلەر!
چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ،
مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ.
11 ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار!
ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار!
كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!
12 گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن،
مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار!
13 ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن،
شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار!
14 چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ،
ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ،
ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان،
قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ.
15 تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە،
دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە،
مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.
16 شۇ چاغدا ئادالەت دالانى،
ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ.
17 ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ،
خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ.
18 شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا،
ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ.
جازا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى بەخت-بەرىكەت
19 ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ،
شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ،
20 سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار،
كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر!