34
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى •••• ئېدومنىڭ جازالىنىشلىرى
يېقىن كېلىڭلار، ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار!
ئى قوۋم-خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار!
يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار،
جىمى ئالەم ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققان ھەممە مەۋجۇداتلار،
تىڭشاڭلار!
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەرگە قارىتا غەزىپى بار،
ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرىدۇ؛
ئۇ ئۇلارنى ھالاكەتكە پۈتۈپ قويغان،
ئۇلارنى قىرغىنچىلىققا تاپشۇرۇۋەتكەن؛
ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر سىرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ،
جەسەتلىرىدىن سېسىقچىلىق پۇرايدۇ،
تاغلار ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن ئېرىتىلىدۇ؛
ئاسمانلاردىكى جىمىكى جىسىم-قوشۇنلار چىرىپ يوق بولىدۇ،
ئاسمانلار يۆگىمە كىتابدەك تۈرۈلىدۇ؛
ئۈزۈم تېلىنىڭ يوپۇرماقلىرى خازان بولۇپ، سولىشىپ چۈشكەندەك،
يىگلەپ كەتكەن ئەنجۈر شېخىدىن چۈشكەندەك،
ئۇلارنىڭ جىمىكى جىسىم-قوشۇنلىرى يىقىلىدۇ؛
چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا قان بىلەن سۇغۇرۇلدى؛
قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە،
يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛
پەرۋەردىگارنىڭ بىر شەمشىرى بار؛
ئۇ قانغا بويالدى؛
ئۇ ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن،
ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن،
قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان؛
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى،
ئېدومدا زور بىر قىرغىنچىلىقى بار.  
مۇشۇ قىرغىنچىلىقلار بىلەن ياۋايى كالىلار،
تورپاقلار ۋە كۈچلۈك بۇقىلارمۇ يىقىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا چۆمۈلىدۇ،
توپا-چاڭلىرى ياغ بىلەن مايلىشىپ كېتىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان بىر كۈنى،
زىئون دەۋاسىدىكى ھېساب ئالىدىغان يىلى بار.
ئېدومدىكى ئېقىنلار قارىمايغا،
ئۇنىڭ توپىلىرى گۈڭگۈرتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛
زېمىنى بولسا كۆيۈۋاتقان قارىماي بولىدۇ.
10 ئۇنىڭ ئوتى كېچە-كۈندۈز ئۆچۈرۈلمەيدۇ؛
ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈگە ئۆرلەيدۇ؛
ئۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە خارابىلىكتە تۇرىدۇ؛
ھېچكىم ئىككىنچى ئۇ يەرگە ئاياغ باسمايدۇ.
11 چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛
چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛
خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى،
ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ.  
12 بىرسى كېلىپ ئېدومنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىشقا چاقىرسا،
ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ؛
ئۇنىڭ ئەمىرلىرى يوق قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ.
13 ئوردىلىرىدا تىكەنلەر،
قەلئە-قورغانلىرىدا چاققاق-جىغانلار ئۆسۈپ چىقىدۇ؛
ئۇ چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى،
«ھۇۋقۇشلارنىڭ ئوردىسى» بولىدۇ.
14 شۇ يەردە چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار، ياۋايى ئىتلار جەم بولىدۇ؛
ھەربىر «ئۆچكە جىن» ئۆز قېرىندىشىغا توۋلايدۇ؛
تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ،
ئۇنى ئۆزىگە ئارامگاھ قىلىپ تۇرىدۇ.
15 «ئوق يىلان» شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ،
ئۇنىڭ سايىسىدە تۇخۇملايدۇ،
بالىلىرىنى يىغىپ باقىدۇ.
قورۇلتاز-تاپقۇشلار ھەربىرى ئۆز جۈپى بىلەن شۇ يەردە توپلىنىدۇ؛
16 پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابىدىن ئىزدەپ ئوقۇپ باققىن؛
ئۇلاردىن ھېچبىرى چۈشۈپ قالمايدۇ؛
ھېچقايسىسىنىڭ ئۆز جورىسى كەم بولمايدۇ؛
چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان؛
ئۇنىڭ ئۆز روھى ئۇلارنى توپلىغان.
17 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلاپ،
ئۆز قولى بىلەن زېمىنغا تانا تارتىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن؛
ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈگە ئىگىدارلىق قىلىدۇ،
دەۋردىن-دەۋرگىچە شۇ يەرنى ماكان قىلىدۇ.
 
 
34:4 ۋەھ. 6‏:13، 14 34:5 «... شەمشىرىم ئاسمانلاردا قان بىلەن سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، خۇدانىڭ ئاخىرقى زاماندىكى جازالاشلىرى ئاسماندا باشلىنىپ، كېيىن يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. 1-8-ئايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا نۇرغۇن ئەل-يۇرتلار ئېدومدا يىغىلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ؛ بىراق خۇدا ئۇلارنى يوقىتىدۇ. ئېدوم دېگەن يۇرتنىڭ ئۆزى ئىسرائىلغا كۆپ يىل قىلغان رەھىمسىز زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. 34:6 «ئۇ (پەرۋەردىگارنىڭ شەمشىرى) ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان» ــ مۇشۇلار (ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى... بۆرەك يېغى قاتارلىقلار)نىڭ ھەممىسى قۇربانلىقلارنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرى بولىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى... بار» ــ بوزراھ شەھىرى ئېدومنىڭ پايتەختى (ھازىر «پېترا» دېيىلىدۇ). خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ. 34:6 يەش. 63‏:1، 2 34:7 «كۈچلۈك بۇقىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈچلۈكلەر» دېيىلىدۇ. «ياۋايى كالىلار»، «تورپاقلار»، «كۈچلۈك بۇقىلار» مۇشۇ يەردە «كۈچلۈك، ھوقۇقلۇق بەگلەر»نىمۇ كۆرسەتسە كېرەك. 34:8 «زئىئون دەۋاسى» ــ مۇشۇ «دەۋا»نىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار. كۆپ كىشىلەر «نېمىشقا خۇدا ئىسرائىلغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ؟» دەپ قاقشاپ، يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرى خۇداغا كۆپ قېتىم ئاسىيلىق قىلغىنى بىلەن قانداقلا بولمىسۇن، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئۇ ئۇلارنى «ئۆز خەلقىم» دەپ قارايدۇ. بۇ خۇدانىڭ تاللىشىدۇر؛ باشقىلار ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل توغرۇلۇق دەۋالاشماقچى بولسا ئۆزى يامان ئاقىۋەتنى كۆرىدۇ. گىتلېر گەۋدىلىك بىر مىسالىدۇر. 34:10 ۋەھ. 14‏:11؛ 19‏:3 34:11 «چۆل ھۇۋقۇشى ... چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ...چوڭ ھۇۋقۇش... » ــ مۇشۇ ئايەتتىكى قۇش-ھايۋانلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توپ-توغرا دېيىش تەس. 34:11 يەش. 13‏:21،22؛ زەف. 2‏:14؛ ۋەھ. 18‏:2 34:12 «بىرسى كېلىپ ئېدومنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىشقا چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ...» ــ بۇنىڭ باشقا تەرجىمىلىرى بار، بىراق ئاساسىي مەنىسى: ــ «ئېدومدىكى پادىشاھلىقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئادەم يوق»تۇر. ئېدومدا ھېچكىم، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرمۇ قالمايدۇ. 34:14 «تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ» ــ ياكى: «تۈن (كېچە) ئالۋاستىسى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ». 34:15 «ئوق يىلان» ــ بۇنىڭمۇ قايسى ھايۋان ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. 34:16 «پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابى» ــ يۇقىرىدا يەشايا خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن ئۆزى يازغان ماتېرىياللارنى يىغىپ تەۋرات-قانۇنلىرى بىلەن ساقلىتىپ قويغان (8-بابنى كۆرۈڭ). كېيىن ئۇ يەنە «يۆگىمە كىتاب»نى تىلغا ئالدى (29-بابنى كۆرۈڭ). «پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابى» بەلكىم يەشايانىڭ ئۆزى يازغان ماتېرىياللىرى ۋە مۇسا، يەشۇئا، سامۇئىل، داۋۇت قاتارلىق پەيغەمبەرلەر خاتىرىلىۋالغان بارلىق ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ماتېرىياللار «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ باشلىنىشلىرى بولۇشى كېرەك؛ «پەرۋەردىگارنىڭ كىتابى»دا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، بىزگە كېرەك بولغان ھەممە تەپسىلاتلار بار، ئۇنىڭدا ھەتتا قۇش-ھايۋانلارنىڭ خەۋىرىمۇ بار، دېگەنلىكتۇر. خۇدانىڭ قۇش-ھايۋانلارغا تەپسىلىي ھالدا مىراس قىلغان تەقسىماتى خاتىرىلەنگەن يەردە، ئۆزىنىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈچۈن بېغىشلىماقچى بولغان مىراسلار مۇقەددەس كىتابتا تېخىمۇ ئېنىق خاتىرىلەكلىك بولمامدۇ؟ «مۇقەددەس كىتاب»تىن ئىزدەپ ئوقۇپ بېقىڭ»! «ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان» ــ خۇدانىڭ ئاغزى بۇيرۇغان، ئەلۋەتتە.