35
خۇدانىڭ چۆل-باياۋاننى گۈللەندۈرۈشى، •••• شۇنداقلا ئۆز مۆمىن-بەندىلىرى ئۈچۈن ئاچقان يولى
ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛
چۆل-باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛
ئۇ بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەيدۇ،
شادلىققا شادلىق قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىدۇ؛
لىۋاننىڭ شان-شەرىپى،
كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ؛
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى،
خۇدايىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھەيۋىتىنى كۆرىدۇ.
ئاجىز قوللارنى كۈچلەندۈرۈڭلار،
ئېگىلىپ ماڭىدىغان تىزلارنى چىڭىتىڭلار،
يۈرىكى ئاغقانلارغا: ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار!
مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛
قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ!
ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ!
ئاندىن قارىغۇنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ،
گاسنىڭ قۇلاقلىرى ئوچۇق قىلىنىدۇ،
ئاندىن ئاقساق-توكۇرلار كېيىكتەك ئويناقلاپ سەكرەيدۇ؛
گاچىنىڭ تىلى ناخشا ئېيتىدۇ؛
چۈنكى دالادا سۇلار،
چۆل-باياۋانلاردا دەريا-ئېقىنلار ئۇرغۇپ تاشىدۇ؛
پىژغىرىن چۆل-جەزىرە كۆلچەككە،
چاڭقىغان يەرلەر بۇلاقلارغا ئايلىنىدۇ؛
چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى ــ ئۇلار ياتقان جاي،
قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ، چىمەنلىككە ئايلىنىدۇ.
شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول،
تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛
ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛
ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ،
شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ
ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛
شۇ يەردە شىر بولمايدۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يىرتقۇچ ھايۋان (ئۇلار شۇ يەردە ھېچ تېپىلمايدۇ)
ــ نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار شۇ يەردە ماڭىدۇ!
10 پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ،
كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛
ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛
قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.
  
 
 
35:1 «دالا ... ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ» ــ يەشايا دەسلەپتە «ئۇلار»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ. بىلىش ئۈچۈن بېشارەتنى ئاخىرىغىچە (9-ئايەتكىچە) ئوقۇش كېرەك! (بۇ سۆزلەر «رىم.» 19:8-22 بىلەن مۇناسىۋەتلىك). 35:2 «لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر...» ــ لىۋان، كارمەل ۋە شارونلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يۇقىرىدا، 33-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا تەسۋىرلىنىدۇ. «ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى... كۆرىدۇ» ــ «ئۇلار» ــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتقا قاراڭ. 35:3 ئىبر. 12‏:12 35:5 مات. 9‏:27؛ 11‏:5؛ 12‏:22؛ 20‏:30؛ 21‏:14؛ يـۇھ. 9‏:6 35:6 مات. 9‏:32؛ 11‏:5؛ 15‏:30؛ 21‏:14؛ يـۇھ. 5‏:8، 9؛ 7‏:38، 39؛ روس. 3‏:2؛ 8‏:7؛ 14‏:8 35:8 «شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ» ــ يولنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى دېمەيدۇ؛ بىلىش ئۈچۈن 10-ئايەتكىچە ئوقۇش كېرەك. 35:9 «نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار» ــ بولسا ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز («گائال») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ سۆزنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن 14:41-ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 35:10 «پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ... قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ» ــ بېشارەتتىكى ۋەقەلەر ئىسرائىلنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغانلىقىغا ئوخشايدۇ؛ شۇنداقلا بۇ ئىشلارنى يېڭى بىر «مىسىردىن چىقىش» دېگىلى بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇسا، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى مۇشۇلار بىلەن تەپسىلىي ھالدا سېلىشتۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. مۇشۇ «چىقىپ-قۇتقۇزۇش» بولسا «مىسىردىن چىقىش»تىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ، نەچچە ھەسسە شەرەپلىك بولىدۇ. كېيىن كۆرىمىزكى، خۇدا قۇتقۇزغان خەلق پەقەت مىسىردىن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىن چىقىپ قۇتقۇزۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق دەشت-باياۋاندىن ئۆتۈشىنىڭ ئورنىدا، ئۆزلىرىنى قارشى ئالىدىغان، چىمەنباغقا ئايلاندۇرۇلغان زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن تۈز، ئوڭۇشلۇق، راۋان ھەم خەتەرسىز بولىدۇ. 35:10 ۋەھ. 21‏:4