41
خۇدانىڭ ئەل-مىللەتلەرگە بەرگەن تەكلىپى
ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛
خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن!
ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛
توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!»
 
ئەللەرنىڭ مەسىلىسى ــ بۇتپەرەسلىكتۇر •••• خۇدا ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەرگەن بىر بېشارەت
«كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ،
ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟
ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ،
ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛
ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ،
ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ.
ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ،
پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛
ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ،
بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟
مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن،
ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛
مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن.  
ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛
جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛
ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ،
ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ،
مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ.
 
خۇدانىڭ ئىسرائىلغا ئىلھام بېرىشى
بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل،
ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ،
ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ
مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن،
يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛
مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن،
مەن سېنى تاللىغان،
سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم.
10 ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛
ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛
چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛
مەن سېنى كۈچەيتىمەن،
بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!
بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن.
11 مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛
ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ.
12 سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛
سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ
ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ.
13 چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ
«قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن.
14 قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ،
ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى!
مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى.
15 مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛
سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن،
دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن.
16 سەن ئۇلارنى سورۇيسەن،
شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،
قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛
ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن،
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن.
17 بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛
ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛
مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛
مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن.
18 مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى،
جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛
دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن،
تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن.
19 دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛
چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛
20 شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ
«پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان،
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ.
 
خۇدانىڭ بۇتپەرەسلەرنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى يەنە بىر سۆزى
21 ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى.
22 ــ بۇتلىرىڭلار ئېلىپ كىرىلسۇن،
بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛
ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن،
شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛
ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛
23 سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن،
كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛
قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن،
بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار!
24 مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا،
ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛
سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر.
 
بېشارەت تەكرارلىنىدۇ؛ خۇدا بارلىق ئەل-يۇرتلارغا «مېنىڭ قۇلۇمنى تونۇڭلار» دەپ تونۇشتۇرىدۇ
25 بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛
ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛
ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛
26 بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟
ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟
ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛
بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛
سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر!
27 مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم،
يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم.
28 مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ
مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق،
شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق.
 
داۋامى
29 قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛
ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر،
قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر.
 
 
41:2 «...ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا: ــ «ھەققانىيلىقنىڭ ئۆزى، (يەنى خۇدا) بۇ كىشىنى ئۆز پۇتى ئالدىغا چاقىردى؟». 41:3 «ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ» ــ يەشايا پەيغەمبەر بېشارەت قىلغان مۇشۇ نامسىز تاجاۋۇزچىنىڭ ئىسمى كېيىنرەك چىقىدۇ. مۇشۇ يەردە كۆرىمىزكى، (1) ئۇ قىلىدىغان ئۇرۇشلار بەك ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ؛ (3) ئۇنىڭ قىلىدىغان ئۇرۇشلىرى باشقا ئەللەرنى ھودۇقتۇرۇپ پاتىپاراق قىلىۋېتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە، مېڭىپ باقمىغان يول بىلەن كېلىدۇ». 41:4 «بارلىققا كەل» ــ ياكى «يېنىمغا كەل». «ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، خۇدا ئالدىنئالا (پەيغەمبەر ئارقىلىق) ئېيتقان ئىشلار يۈز بەرگىنىدە، ئەللەر بېشارەتلەرنىڭ توغرا چىقىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنى گۇناھلىرىنى تاشلاپ، ئۆزىگە يېقىن كېلىپ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشىگە چاقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. «ئاخىرى بولغانلار» ــ دۇنيادا ئەڭ ئاخىرى ھاتات بولغان ئىنسانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 41:4 يەش. 43‏:10؛ 44‏:6؛ 48‏:12؛ ۋەھ. 1‏:17؛ 22‏:13 41:7 «شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ...» ــ ئەللەر خۇدا بېشارەت قىلغان تاجاۋۇزچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قورقىدۇ (5-ئايەت). بىراق بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈشى بىلەن، بۇتپەرەسلىكىنى تاشلاپ خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىشىنىڭ ئورنىدا، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن (تۇمار سۈپىتىدە) بۇتلارنى ياساتماقچى بولىدۇ. 41:8 قان. 7‏:6؛ 10‏:15؛ 14‏:2؛ 2تار. 20‏:7؛ زەب. 135‏:4؛ يەش. 43‏:1؛ 44‏:1؛ ياق. 2‏:23 41:9 «مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنى ئېسىگە كەلتۈرسۇنكى، خۇدا ئىبراھىمنى يىراق يۇرتتىن قانائانغا (پەلەستىنگە) چاقىرغانىدى؛ كېيىن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مىسىردىن قۇتقۇزغانىدى. «سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «سېنى چەتكە قاقمىغانمەن». 41:11 مىس. 23‏:22؛ يەش. 60‏:12؛ زەك. 12‏:3 41:14 «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن مۇشۇ سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى كەمبەغەل بولۇپ، ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس قانۇنغا ئاساسەن، مۇشۇ كىشىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرىنىڭ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ («گوئېل») سېتىۋالغۇچى ئادەمگە پۇل بېرىپلا، ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار دېگەنلىكتۇر. ھوقۇقنى ئىشلىتىش ھەمجەمەتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. ئۇ ئىشلەتمەكچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توسالمايتتى. يەشايا خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن دەل مۇشۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ. دېمەك، خۇدا ئىسرائىلغا «ھەمجەمەت»لىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ «گوئېل»ى، يەنى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى» بولىدۇ. ئۇ ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 41:15 يەش. 17‏:13؛ 29‏:5 41:17 مات. 5‏:6 41:18 زەب. 107‏:35؛ يەش. 35‏:7؛ 44‏:3 41:19 «دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ ... ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن» ــ مۇشۇ دەرەخلەر (زەيتۇن دەرىخىدىن سىرت) مېۋە ئۈچۈن ئەمەس، سايە بېرىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ؛ بىرقانچە خىل دەرەخ بىرخىل مۇھىت ئاستىدا تەڭ ئۆسۈشى مۇمكىن ئەمەس. قارىغاندا بۇ بېشارەت ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇ چاغدا خۇدا ئىسرائىلنى يېڭى بىر «مىسىردىن چىقىش» (ئەمەلىيەتتە، «جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن چىقىرىش») يولى بىلەن قۇتقۇزىدۇ. 41:23 «بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىش قىلىڭلار» ــ مۇشۇ ئىبارە «ھەرقانداق بىرەر ئىشنى قىلىڭلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇتلار ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. 41:25 «بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ» ــ تاجاۋۇزچى تېخى نامسىز، بىراق ھازىر ئۇ توغرۇلۇق يەنە بىر پاكىت بار؛ ئۇ شەرقتىن ھەمدە شىمال تەرەپتىنمۇ كېلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىپ كېلىدۇ». 41:28 «شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق» ــ «شۇلار» شۈبھىسىزكى، بۇتپەرەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ.