42
قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا!
جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛
مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.  
ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ.
تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە،
يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ،
تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛
ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەر يۈزىدە تىكلىمىگۈچە،
ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ؛
ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ.





ئاسمانلارنى يارىتىپ ئۇلارنى كەرگەن،
يەر-زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن چىققانلارنى يايغان،
ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلققە نەپەس،
ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلارغا روھ بەرگۈچى تەڭرى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى،
ــ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن،
سېنى قوغداپ ساقلايمەن،
ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە،
ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛
قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا،
زىنداندىن مەھبۇسلارنى،
تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى ئەۋەتىمەن.



مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛
شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە،
ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.
مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛
سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛
ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە،
مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن.
10 ــ پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار،
ئى دېڭىزدا يۈرگەنلەر ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار،
ئاراللار ھەم ئۇلاردا تۇرغانلارمۇ،
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!  
11 دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر،
كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن،
سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن،
تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن!
12 ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن،
ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى ئاراللاردىمۇ جاكارلانسۇن.
13 پەرۋەردىگار پالۋاندەك چىقىدۇ،
باتۇر لەشكەردەك ئوتلۇق مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ؛
ئۇ ۋارقىرايدۇ، بەرھەق شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛
دۈشمەنلىرى ئۈستىگە زور كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.
14 ــ «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛
جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛
بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛
ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن!
15 مەن تاغلارنى ھەم دۆڭلەرنى چۆلدەرىتىمەن،
ئۇلارنىڭ ھەممە يېشىللىقلىرىنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛
دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛
كۆلچەكلەرنىمۇ قاغجىرىتىمەن.
16 قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن،
ئۇلارنى ئۇلار بىلمىگەن يوللاردا يېتەكلەيمەن؛
ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقنى نۇر،
ئەگرى-توقاي يەرلەرنى تۈپتۈز قىلىمەن.
مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن،
ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن.
17 ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار،
قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا،
ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ،
قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ.
18 ــ «ئاڭلاڭلار، ئى گاسلار!
قارىغۇلار، كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭلار!
19 مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟
مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟
كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟
كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟
20 سەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگىنىڭ بىلەن،
بىراق نەزىرىڭگە ھېچ ئالمايسەن؛
ئۇنىڭ قۇلىقى ئېچىلغىنى بىلەن،
ئۇ ئاڭلىمايدۇ».
21 پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى،
تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى.
22 بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورا-تۇزاقتا تۇتۇلغان،
گۈندىخانىلاردا قامىلىپ غايىب بولىدۇ؛
ئۇلار غەنىيمەت بولىدۇ،
ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ؛
ئۇلار ئولجا بولىدۇ،
ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ.
23 بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟
كىم بۇلارنى ئاڭلاپ كەلگۈسى زامانلارغا كۆڭۈل قويسۇن؟
24 ئەمدى كىم ياقۇپنى ئولجا قىلغان؟
كىم ئىسرائىلنى بۇلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؟
بۇنى قىلغىنى بولسا، بىز گۇناھ قىلىپ كەمسىتكەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشنى خالىمايتتى؛
ياكى ئۇنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلمايتتى.
25 شۇڭا ئۇ ئۇلار ئۈستىگە غەزەپ-قەھرىنى،
ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىنى تۆكۈپ چۈشۈردى؛
بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت تۇتاشتۇردى؛
بىراق ئۇ تونۇپ يەتمىدى؛
بۇلار ئۇنى كۆيدۈردى، بىراق ئۇ ھېچ ساۋاق ئالمىدى.
 
 
42:1 «ئۆز قۇلۇم ، يەنى (پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» ــ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ «يات ئەللەر»گە بېغىشلىغان، ئۇلارنى بۇتپەرەسلىكتىن قۇتقۇزىدىغان جاۋابىدۇر. مۇشۇ ئايەتتىكى «قاراڭلار، مانا...» دېگەننى، 41-باب 29-ئايەتتىكى «جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىم يوق» قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. قارىغاندا، خۇدا تاللىغان مۇشۇ مۇلايىم، مۇھەببەتلىك كىشى ئەل-يۇرتلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ كېلىدۇ. «ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ» ــ «ھۆكۈم-ھەقىقەت» (ئىبرانىي تىلىدا «مىشپات») ئېلىپ بېرىش» دېگەنلىك بولۇپ، ئۈچ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ــ (1) يۇقىرىقى -41بابتىكى (خۇدا بۇتلار بىلەن مۇھاكىمە قىلغان) «سوت»تىكى «ھۆكۈم-ھەقىقەت»، يەنى «خۇدا دېگەن تىرىك ھەم بىردۇر، بۇتلار يوقتىن بولغان نەرسە» دېگەن ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت. ھەقىقەتسىزلەر ھەقىقەتكە ئېرىشىدۇ؛ (2) خۇدانىڭ «ھەققانىي قۇل»ى خۇدانىڭ ئادىل قانۇن-پەرمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ، چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ (3) خاتالىقنى تۈزىتىش، ئۇۋال بولغانلارغا ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ. 42:1 يەش. 11‏:2؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ يـۇھ. 3‏:34؛ ئ‍ەف. 1‏:6 42:2 «ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ» ــ بۇنىڭ مەنىسى، بەلكىم «ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ»، «ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئېلان قىلمايدۇ». 42:3 «ھۆكۈم-ھەقىقەت» ــ توغرۇلۇق 1:42دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 42:4 «ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ...» ــ «ھالسىزلانمايدۇ» ۋە «كۆڭلى يانمايدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىبرانىي تىلىدا 3-ئايەتتىكى «تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان» ھەم «يانجىلغان» دېگەنلەر بىلەن يىلتىزداشتۇر. «ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ» ــ ھازىر (يەشايا كىتابىدىكى مۇشۇ يەرگىچە) «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق شۇنداق خەۋىرىمىز بار: ــ (1) خۇدا ئۇنى پەۋقۇلئاددە ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن زور خۇشاللىق ئالىدۇ. (2) خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ تۇرىدۇ. (3) ئۇ تالاش-تارتىش قىلمايدىغان، كەمتەر، كىچىك پېئىللىق ئادەم بولىدۇ. (4) ئۇ ئىنتايىن مۇلايىم ئادەم بولۇپ، ھەتتا «ئۈمىد يوق» بولغۇدەك «يانجىلغان قومۇش» ياكى «تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىك»كىمۇ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. (5) ئۇ دۇنياغا كەلگەندە، خۇدانىڭ ھەقىقەتلىرىنى، توغرا ھۆكۈملىرىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزمىگۈچە ھەرگىز يولدىن يانمايدۇ. (6) پۈتۈن دۇنيا، ھەتتا ئەڭ چەت جايلاردىكىلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنىڭ سۆز-ھۆكۈملىرىگە تەشنا بولىدۇ. 42:6 «ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن» ــ «خەلق» تەۋراتتا ئادەتتە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ، «ئەللەر» «ئىسرائىلدىن باشقا خەلقلەر»نى، «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. 42:7 «قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، زىنداندىن مەھبۇسلارنى، تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى ئەۋەتىمەن» ــ بۇ ئايەتلەردىن «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرىسىدا شۇلارنىمۇ كۆرۈمىزكى: ــ (7) ئۇ خۇدانىڭ زور ياردىمىگە ئىگە بولىدۇ؛ (8) ئۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆزى بىر «ئەھدە» بولىدۇ ھەم ئۆزى «نۇر» بولىدۇ. (9) بۇ ئەھدىنىڭ مەزمۇنى بولسا (5-ئايەت خۇدانىڭ دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ غېمىدە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەندەك) خەلقلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. (10) خۇدا ئۇنى (مەسىھنى) ئەھدە سۈپىتىدە جاھاندىكى بارلىق خەلققە ھەدىيە قىلغاندەك «بېرىدۇ». 42:8 يەش. 48‏:11 42:9 «مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن...» ــ «ئالدىنقى ئىشلار» بەلكىم 41-باب، 1-4-ئايەتتىكى، «تاجاۋۇزچى»نىڭ ئىشلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «يېڭى ئىشلار» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى» توغرۇلۇقتۇر. «تاجاۋۇزچى» ۋە «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى سېلىشتۇرساق، تاجاۋۇزچى ۋەيرانچىلىق قىلىدۇ، ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ، بۇتپەرەسلىك تېخىمۇ كۈچىيىدۇ؛ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» بولسا خەقلەرگە رەھىم قىلىدۇ، ئادەمنى ساقايتىدۇ، ئەل-يۇرتلارنى، يەنى «يات ئەللەر»نى خۇداغا قارىتىپ ئۇنىڭ نۇرىغا يېتەكلەيدۇ. 42:10 «دېڭىزدا يۈرگەنلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دېڭىزغا چۈشكەنلەر» ــ «زەب.» 23:107نى كۆرۈڭ. 42:10 زەب. 33‏:3 42:11 «كېدار قەبىلىسىدىكىلەر... سېلادىكىلەر...» ــ «كېدار قەبىلىسى» ئەرەبلەرنىڭ بىر قەبىلىسى ئىدى. «سېلا» بولسا ئېدومنىڭ بىر شەھىرى (سېلا قورام تاش ئۈستىگە سېلىنغان ــ مەنىسى «قورام تاش»). يۇقىرىقى 34-بابتا دېيىلگەندەك، ئېدوم خۇدانىڭ سۆزىگە قارشى تۇرغىنى بىلەن، ئېدومدىن خۇداغا توۋا قىلىپ ھەقىقىي ئىبادەت قىلىدىغانلار بولىدۇ. 42:14 «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن!» ــ «يېڭى ئىشلار» يەنى ئۇنىڭ «ھەققانىي قۇلى»نىڭ دۇنياغا كېلىشى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھلىرىنىڭ ئاسارەتلىرىدىن قۇتقۇزۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا بۇ «يېڭى ئىشلار»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى تۇتقاندەك بولىدۇ (10-17-ئايەتلەر تولۇق بىر بۆلۈمدۇر). دېمىسەكمۇ، مۇشۇ «يېڭى ئىشلار» خۇداغا نىسبەتەن پۈتكۈل ئالەمدىن مۇھىمدەك تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئاسمان-زېمىننى بىر سۆز بىلەنلا ياراتقان؛ بىراق مۇشۇ ئىشلارنى ئۇ تەشنالىق بىلەن ئۇزۇن، يەنى ئەبەدىلئەبەد كۈتۈپ كەلگەن ھەم ئۇلارنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر جاپا ھەم ئازاب تارتقاندەك قىلىدۇ. مۇشۇ ئىنتايىن سىرلىق ئىشتۇر! «ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن» ــ ئىككى ئىشنىڭ تەڭ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 42:16 «قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن... مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن» ــ 15- ۋە 16-ئايەتكە قارىغاندا، «يېڭى ئىشلار» دۇنياغا كەلگەندە، بەزى كىشلەر ئۈچۈن ئازابلىق بولىدۇ؛ يەر-زېمىن ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇدا باشقا بىرنەچچە «قارىغۇلار» (بەلكىم، گۇناھىنى، جۈملىدىن بۇتپەرەسلىكنى تونۇپ يېتىدىغانلار) ئۈچۈن موھتاجلىرىنى تەمىنلەيدىغان مەخسۇس شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. 42:17 زەب. 97‏:7؛ يەش. 1‏:29؛ 44‏:11؛ 45‏:16 42:19 «مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك» ــ ياكى «مەن بىلەن ئىناق قىلىنغاندەك». «...كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟» ــ بىر سوئال تۇغۇلىدۇكى، مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «مېنىڭ قۇلۇم» يۇقىرىقى «خۇشاللىقىم بولغان قۇلۇم»مۇ ياكى باشقىسىمۇ؟ تېزلا كۆرىمىزكى، ئۇ ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلنىڭ ئۆزى بولىدۇ (مەسىلەن، 22-ئايەتنى كۆرۈڭ). خۇدا 18-ئايەتتە، ئۆزى تەرىپىدىن ساقايتىلغان (16-ئايەت)، ئەسلى بۇتپەرەس «قارىغۇ» بولغان ئەل-يۇرتلارنى («يات ئەللەرنى») ئۆزىنىڭ «قارىغۇ» خەلقىنى، يەنى ئىسرائىلنى نەزىرىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ. دېمەك، ئىسرائىل تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ «قارىغۇ» دەپ ھېسابلانغانلار كۆرەلەيدىغان بولىدۇ، بىراق (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) خۇدانىڭ نۇرىنى قوبۇل قىلغان ئىسرائىللار بولسا، ئاسىيلىق قىلىپ قارىغۇ بولۇپ قالدى. 42:20 رىم. 2‏:2-11 42:21 «پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى» ــ خۇدا ئىسرائىلغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇقەددەس قانۇن-پەرماننى بەرگەن. شۇڭا ئۇلار بۇتپەرەسلىككە تولغان دۇنيا ئارىسىدا بىردىنبىر خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان خەلق بولۇپ، زور ئىمتىيازغا ئېرىشكەنىدى. خۇدانىڭ مەقسىتى، ئۇلار ئارقىلىق «مېنىڭ قۇلۇم» ھەم «ئۈلگە» سۈپىتىدە، مۇشۇ نۇرىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزمەكچى. بىراق ئىسرائىللار ئۇنىڭ شۇ مەقسىتىنى ھېچ ئەتىۋارلىماي، كۆپ جەھەتتىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن. 42:22 «بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر...ئۇلار ئولجا بولىدۇ، ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ» ــ ئەگەر ئىسرائىل خۇدانىڭ سۆزىگە كىرگەن بولسا، نۇرغۇن ئەللەر ئۇلارغا بېقىندى بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىگەندىن كېيىن، ئەھۋالى دەل ئۇنىڭ ئەكسى بولدى. 42:23 «بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ كىم ... كۆڭۈل قويسۇن؟» ــ مۇشۇ گەپكە قارىغاندا، ھەتتا خۇدانىڭ تەربىيىلىك جازاسى بېشىغا چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئاڭلىغۇچى قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزلىرى بارلار يەنىلا ئاز بولسا كېرەك.