43
داۋامى
بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار،
ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ
«قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛
سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛
سەن مېنىڭكىدۇرسەن!
سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛
دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛
سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛
يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ.   
چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، قۇتقۇزغۇچىڭدۇرمەن؛
سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم،
ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم.
سەن نەزىرىمدە قىممەتلىك بولغاچقا،
مەن ساڭا ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرگەن ھەم سېنى سۆيگەن؛
شۇڭا مەن يەنە ئورنۇڭغا ئادەملەرنى،
جېنىڭغا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن؛
قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛
مەن نەسلىڭنى شەرقتىن،
سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛
مەن شىمالغا: ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!»
ۋە جەنۇبقا: ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما!
ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛
مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى،
مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن،
ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»».
 
«سوتتا» ــ خۇدا ۋە بۇتلار ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىڭلار!
ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى،
يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن،
خەلقلەر جەم بولسۇن!
ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟
يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟
بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛
بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن!
10 سىلەر خەلقىم مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم،
ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر،
شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ،
ماڭا ئىشىنىپ،
ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: ــ
«مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن،
مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن،
ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛  
11 مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛
مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر».
12 ــ ئاراڭلاردا «يات ئىلاھ» بولمىغان ۋاقىتتا،
مەن مەقسىتىمنى جاكارلىغان،
مەن قۇتقۇزغان ھەم شۇ ئىشلارنىڭ داڭقىنى چىقارغانمەن؛
شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
13 «بەرھەق، ئەزەلدىن بۇيان مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن،
مېنىڭ قولۇمدىن ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛
مەن ئىش قىلسام، كىم توسالىسۇن؟
 
خۇدا ئىسرائىلنى بابىلدىن قۇتقۇزىدۇ
14 ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ
سىلەرنى دەپ مەن بابىلنى جازالاتقۇزۇپ،
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى،
قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن.
15 مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.
16 دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى،
داۋالغۇغان سۇلاردىن يول ئاچقۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
17 (ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ
ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ؛
ئۇلار ئۆچۈپ قالغان، چىراغ پىلىكىدەك ئۆچۈرۈلگەن)
18 ــ مۇشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەڭلار،
قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇقمۇ ئويلانماڭلار؛
19 چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛
ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛
سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟!
مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن،
چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن!
20 دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛
چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە،
دالالاردا سۇلارنى،
چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن.
21 مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛
ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ.
  
 
ئىسرائىلنىڭ مەنىسىز قۇربانلىقلىرى •••• خۇدانىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتمەكچى بولغان مېھىر-شەپقىتى
22 بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ،
ئى ئىسرائىل، ئەكسىچە سەن مەندىن كۆڭلۈڭ يېنىپ ھارسىندىڭ؛
23 سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس،
«ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەن ئەمەسسەن؛
مەن «ئاشلىق ھەدىيە»نى قىلىش بىلەن سېنى «قۇللۇق»قا قويماقچى ئەمەسمەن،
خۇشبۇي يېقىپ سېنى ھارسىندۇرماقچى بولغان ئەمەسمەن!
24 سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن،
سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛
ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن،
ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ.
25 مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن،
مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن.
26 ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن،
مۇنازىرە قىلىشايلى،
ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن!  
27 بىرىنچى ئاتاڭ گۇناھ قىلغان؛
سېنىڭ شەرھچىلىرىڭ بولسا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.
28 شۇڭا مەن ئىبادەتخانامدىكى يېتەكلىگۈچىلەرنى ناپاك قىلىمەن،
ھەمدە ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا،
ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم.
 
 
43:2 «سۇلاردىن... دەريالاردىن.. ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە...» ــ يۇقىرىقى 42-باب، 25-ئايەتتە ئىسرائىلغا تەربىيە بېرىلگەن ئوت تىلغا ئېلىندى. بىراق مۇشۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، خۇدا ئۇلارغا ئەشەددىي قاتتىق تەربىيە (مەسىلەن، ئۇلارنى سۇلاردىن ۋە ئوتلاردىن ئۆتكۈزۈپ) بەرگىنى بىلەن، ئۇ ھامان ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 43:2 زەب. 66‏:12 43:3 «سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىر پادىشاھى پىرەۋن قاتتىق قارشى چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل يۇرتى (جۈملىدىن مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى يۇرتلار ئېفىئوپىيە، سېبامۇ) زور زىيان تارتقان. 43:5 يەش. 44‏:2؛ يەر. 30‏:10؛ 46‏:27 43:8 «... «كۆزى بار» قارىغۇ... «قۇلىقى بار» گاسلار» ــ شۈبھىسىزكى ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى، خۇدا ئۇلارنى ئۆزىگە گۇۋاھلىق قىلىشقا ئالدىغا كەلتۈرگەن. 43:9 «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «(يات) ئەللەر» ھەم «خەلقلەر» بولسا، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلدىن سىرت بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. «يەشايا» دېگەن كىتابتا «ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە بارلىق ئەل-يۇرتلار (ئىسرائىلدىن سىرت) بۇتپەرەسلىككە چۆكۈپ كەتتى. خۇدا ئۇلاردىن: «ئاراڭلاردىن: ــ «بىزنىڭ چوقۇنغان بۇتىمىز سېنىڭ «ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىش»ىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىشنى قىلغان» دېگۈچىلەر بارمىدۇ؟ ــ بار بولسا گۇۋاھچىلىق قىلسۇن» ــ دېگەندەك سورايدۇ. ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈچى يوق. 43:10 «سىلەر خەلقىم مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر خەلقىم مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، شۇنداقلا مېنىڭ تاللىغان قۇلۇمسىلەركى،...». 43:10 يەش. 41‏:4؛ 44‏:8؛ 45‏:21؛ ھوش. 13‏:4 43:12 «شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر...» ــ دېمەك، خۇدا: «سىلەرنى مىسىردىن قۇتقۇزىمەن» ــ دېگەن؛ ئۇ شۇنداق قىلغان؛ ئاندىن مۇشۇ ئىشلارنى دۇنياغا ئايان قىلغان. خۇدا ئىسرائىلنى مۇشۇ ئىشلىرىدا ئۆزىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بۇ ئايەتكە قارىغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا ھېچ گۇۋاھلىق بەرمىگەن. 43:13 يەش. 14‏:27 43:14 «ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى بابىل شەھىرى پارسلىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى كېمىلىرى بىلەن ئەفرات دەرياسى يولى ئارقىلىق قاچماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. 43:17 «دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى ... پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ...)» ــ (16-17-ئايەتلەر) مۇسا پەيغەمبەر ياشىغان دەۋرىدە، مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىللارنى «دېڭىزدا ئېچىلغان يول»دا قوغلاپ، دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولۇپ، 16-17-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر بىلەن ۋەيران قىلىنغان. شۇ يول بىلەن خۇدا ئىسرائىلنى قۇتقۇزغان. تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش»، 14-بابنى كۆرۈڭ. 43:19 ۋەھ. 21‏:5 43:21 «...مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ» ــ مۇشۇ 14-21-ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىل بابىل ئىمپېرىيەسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن قايتىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا خۇدا ئۇلارنىڭ يولىنى ئاجايىب تەييارلاپ بېرىدۇ ۋە ھەم يولدا موھتاج بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى (مىسىردىن چىقىپ ئازاد بولغان ۋاقىتقا ئوخشاش) مۆجىزىلەر ئارقىلىق تەمىنلەپ بېرىدۇ. ئىسرائىل بابىلدىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) ئازاد بولغان. شۇ چاغدا بابىلنىڭ قاچقۇنلىرى (14-ئايەت) كېمىلىرى بىلەن ئەفرات دەرياسى بىلەن قاچماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بىلىشىمىزچە بۇ ئىشتىن باشقا، شۇ چاغدا بېشارەت قىلىنغان مۇشۇ كارامەت ئىشلار يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزقارىشىمىز شۇكى، ئاخىرقى زاماندا ئىسرائىلنىڭ ئىككىنچى قېتىم بابىلدىن (شۇنداقلا جاھاننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرىدىن) قېچىشى مۇقەررەر بولىدۇ؛ شۇ چاغدا خۇدا ئۇلار ئۈچۈن 14-21-ئايەتلەردە بېشارەت قىلىنغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ. 43:21 لۇقا 1‏:74،75 43:22 «بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ» ــ دېگەن ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق سۆز. بىرىنچى مەنىسى تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك «نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ» («ئۆزۈمنى» دېگەن سۆز ناھايىتى تەكىتلەنگەن). ئىككىنچى مەنىسى، «سەن مېنىڭ نامىمنى ھېچ چاقىرمىدىڭ» ــ دېمەك، ھېچ دۇئا قىلمىدىڭ. بىزنىڭچە بىرىنچىسى توغرا، ئۇلار كۆپ دۇئا قىلغىنى بىلەن چىن دىلدىن ئەمەس ئىدى. 23-24ئايەتلەرنىمۇ كۆرۈڭ. 43:23 «سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس...» ــ يۇقىرىقى ئىزاھىتىمىزدەك، ئىككىنچى بىرخىل تەرجىمىسى بار: ــ «ماڭا ھېچقانداق قۇربانلىقلار ئېلىپ كەلمىدىڭ» دېگەندەك ئاساسىي مەنىدە بولىدۇ. بىراق «يەشايا» 1-بابقا ئاساسەن، ئۇلار كۆپتىن-كۆپ قۇربانلىقلار قىلىپ تۇراتتى. ئۇلار شۇنداق قىلغىنى بىلەن ھەممىسى بىكار. 43:24 «سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن...» ــ شەرھىمىزچە، مۇشۇ ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ. «پۇل خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن» ــ دېمەك، ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىڭ (كۆپ بولسىمۇ) ماڭا خۇددى ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىگەندەك بىلىنىدۇ؛ مەن ئۇلاردىن ئىنتايىن بىزارمەن، دېگەنلىكتۇر. «مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن» ــ ئەگەردە بىرسى ھېچ توۋا قىلماي، چىن دىلىدىن دۇئا قىلماي تۇرۇپ (ئۆتكەن زامانلاردا) قۇربانلىق قىلسا، مۇشۇنداق ئىش خۇدانىڭ ئالدىدا «جادۇگەرلىك»كە باراۋەر. دېمەك، «مەن پەقەت بىرەر «دىنىي پائالىيەت»لىك ئىش قىلساملا، خۇدا چوقۇم مەندىن رازى بولىدۇ، دۇئالىرىمنى ئاڭلايدۇ» دېگەنلىك خۇدانى ئۆزىگە قۇل قىلىش بىلەن باراۋەردۇر. 43:25 ئ‍ەز. 36‏:22-38 43:26 «مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن» ــ دېمەك، ئەگەر سەن «ئۆزۈم پاك، سېنىڭ رەھىمدىللىقلىرىڭغا كېرەك ئەمەسمەن» دەپ قارىساڭ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا گەپ قىل! 43:26 يەش. 1‏:18 43:27 «بىرىنچى ئاتاڭ...» ــ بەلكىم ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ياقۇپتۇر. «بسېنىڭ شەرھچىلىرىڭ...» ــ ئۇلارنىڭ «شەرھچىلىرى» بولسا بەلكىم تۆۋەندىكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى يېتەكچىلەر»، يەنى كاھىنلار ئىدى. دېمەك، ئۇلار باشتىن-ئاخىرغىچە، ھەتتا ئۆزلىرى تەرىپىدىن «ئالىيجاناب» دەپ ھېسابلانغان روھانىيلارمۇ گۇناھقا پېتىپ كەتكەنىدى. 43:28 «مەن ئىبادەتخانىدىكى يېتەكچىلەرنى ناپاك قىلىمەن» ــ خەلق ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغۇچى بولغان بۇ كاھىنلار ئۆلۈككە تەگسىلا بىر ھەپتە «ناپاك» دەپ ھېسابلىنىپ، قۇربانلىق قىلىشقا سالاھىيەتسىز بولاتتى. شۇڭا، مۇشۇ گەپنىڭ مەنىسى بەلكىم: «سىلەر كۆپ ئۆلۈكلەرگە ئۇچرايسىلەر (دېمەك، بىر بالايىئاپەت چۈشىدۇ)، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مېنى بىزار قىلىدىغان مۇشۇ قۇربانلىقلارنى قىلالمايدىغان بولىدۇ». «... ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم» ــ قارىغاندا، ئىسرائىل ئۈچۈن ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى. بىراق 44-باب، 1-ئايەتنى كۆرۈڭ!