47
ئىسرائىلنى سۈرگۈن قىلغان بابىل تۈگەشتى!
«ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛
ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر!
چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن.
«تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى،
چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا،
كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت،
پاچىقىڭنى يالىڭاچلا،
دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛
ئۇياتلىقىڭ ئېچىلىدۇ؛
بەرھەق، نومۇسۇڭغا تېگىلىدۇ؛
مەن ئىنتىقام ئالىمەن،
ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن.
بىزنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بولسا،
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامى؛
ئۇ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدۇر.
ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، سۈكۈت قېلىپ جىم ئولتۇر،
قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت؛
چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى «سەلتەنەتلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالمايسەن.
مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم،
شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم،
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛
سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛
ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛
شۇنىڭ بىلەن سەن: ــ
«مەن مەڭگۈگە خانىش بولىمەن» دەپ،
مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ؛
ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلاپ باقمىدىڭسەن.
ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى،
ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر،
مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى،
ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن،
شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ
«دەل مۇشۇ ئىككى ئىش،
ــ بالىلاردىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۇللۇق ــ
بىر دەقىقىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا بېشىڭغا تەڭ چۈشىدۇ؛
نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن،
بەك كۆپ ئەپسۇنلىرىڭ ئۈچۈن ئۇلار تولۇق بېشىڭغا كېلىدۇ.
10 چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن،
سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛
سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ،
سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ.
11 بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛
سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛
ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛
سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛
سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ.
12 ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى،
شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛
كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟
بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟!
13 سەن ئالغان مەسلىھەتلىرىڭ بىلەن ھالسىزلىنىپ كەتتىڭ؛
ئەمدى ئاسمانلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلەر،
يۇلتۇزلارغا قاراپ پالچىلىق قىلغۇچىلار،
يېڭى ئايلارنى كۆزىتىپ مۇنەججىملىك قىلىپ ئىشلارنى «ئالدىنئالا ئېيتقۇچىلار» ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ بېشىڭغا چۈشىدىغانلاردىن سېنى قۇتقۇزسۇن!
14 مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛
ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛
ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛
بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر،
ياكى ئادەم ئىسسىنغۇدەك ھېچ گۈلخان يوقتۇر!
15 سېنى ئاۋارە قىلغان،
ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛
ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ؛
سېنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم يوقتۇر.
  
 
 
47:1 يەش. 26‏:5 47:2 «تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، ...» ــ دېمىسەكمۇ، مۇشۇ ئىشلار ئەسىرگە چۈشۈشتىكى ئالامەتلەر. ھەم بابىللىقلار، ھەم پارسلار ئۆز ئەسىرلىرىگە رەھىمسىزلىك قىلىپ ئۇلارنى يالىڭاچ مېڭىشقا مەجبۇرلايتتى. 47:3 يەش. 3‏:17؛ ناھ. 3‏:5 47:4 «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ــ كونا ئىسرائىلدا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» (گوئېل)نىڭ يەنە قىلىدىغان بىر ئىشى ئۆزىنىڭ ئۇۋال بولغان جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى يۈرگۈزۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرسى قاتىللىق قەستىگە ئۇچرىغان بولسا، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى ھەم ۋەزىپىسى بار ئىدى. 47:5 «قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت» ــ «قاراڭغۇلۇق» بەلكىم زىنداندىكى قاراڭغۇلۇقنى بىلدۈرىدۇ. 47:6 «ئۆزۈمنىڭ مىراسىم» ــ خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئۆزى ئۈچۈن مىراس دەپ ھېسابلايدۇ. 47:7 ۋەھ. 18‏:7 47:8 «ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر.. دېگۈچى، ... شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ» ــ خۇدا ئۆز خەلقىگە «تەربىيە جازاسى»نى بەرمەكچى بولۇپ، ئۇلارنى بابىلنىڭ رەھىمسىز قولىغا تاپشۇرۇشى بىلەن، بابىللىقلارمۇ ئۆز رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن جازاغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. بابىلنىڭ: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگىنى، باشقىلارغا پۈتۈنلەي «پەرۋايىم پەلەك» دېگەنلىك ھەم «مەن ئالەمدە يەككە-يېگانە» دېگەن تەكەببۇرلۇقتۇر. 47:9 يەش. 51‏:19 47:10 «سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ» ــ يۇقىرىقى (8-ئايەتتىكى) «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن، باشقىلارغا «پەرۋايىم پەلەك» دېگەنلىك. مۇشۇ يەردە بولسا «خۇداغىمۇ پەرۋايىم پەلەك» دېگەنلىك. 47:14 «مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر... يوقتۇر!» ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم، ھەقىقىي خۇدانىڭ غەزىپى كۈچلۈك ھەم ئوتلۇق؛ ئاتالمىش «بۇتلارنىڭ غەزىپى»نىڭ بولسا، ئادەمنى ئىسسىتقۇدەكمۇ ئوتى يوق؛ باشقا مەنىسى بار دېيىلسە: ــ مۇشۇ پالچىلار ھېچنېمىگە يارىمايدۇكى، ھەتتا (خۇدانىڭ جازاسى بىلەن) كۆيدۈرۈلگەن ۋاقىتتىمۇ ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھارارىتى بولمايدۇ. 47:15 «سېنى ئاۋارە قىلغان، ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ...» ــ بابىلدا پال سېلىش، سېھىرگەرلىك قاتارلىق خۇراپىيلىقلار بەلكىم «ئەڭ چوڭ سودا» بولۇشى مۇمكىن. بىراق بېشارەت بويىچە پالچىلار خېرىدارلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ باشقا يۇرتلارغا يول ئالماقچى بولىدۇ. ئارخېئولوگلار كونا بابىل شەھىرىدىن قازغان ئاسارئەتىقىلەر ئىچىدىن نۇرغۇن «پالنامىلەر» ھەم «رەممالنامىلەر» تېپىلدى. بىراق بۇلاردىن ھېچقايسىسىدىن «بابىل ۋەيران بولىدۇ» دېگەن بېشارەتنى تاپقىلى بولمايدۇ؛ ھەممىسى «كېلەچىكىڭ پارلاق» دېگەندەك سۆزلەردۇر (ئەمەلىيەتتە بارلىق پالچىلىق شۇنداق ئەمەسمۇ؟!). 47:15 ۋەھ. 17‏:16