48
ئىسرائىلنىڭ جاھىللىقى: ــ ئۇلار بابىلدىن قۇتقۇزۇلغىنى بىلەن، گۇناھلىرىدىن ساقىت بولمايدۇ
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار،
«يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر،
ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر،
بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس!
مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ
(چۈنكى ئۇلار «مۇقەددەس شەھەر»نىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىدۇ،
تېخى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا «تايىنار»مىش!
ئۇنىڭ نامى بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردۇر!)
مەن بۇرۇنلا «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بايان قىلدىم؛
ئۇلار ئۆز ئاغزىمدىن چىققان، مەن ئۇلارنى ئاڭلاتتىم؛
مەن بۇلارنى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىپ،
ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛
  
چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر،
يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛
سېنىڭ: «مېنىڭ بۇتۇم مۇشۇلارنى قىلدى»،
ياكى «ئويما مەبۇدۇم، قۇيما مەبۇدۇم بۇلارنى بۇيرۇدى» ــ دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن،
شۇڭا مەن بالدۇر مۇشۇلارنى ساڭا بايان قىلدىم؛
ئىش يۈز بەرگۈچە ئۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ تۇردۇم.
سەن بۇلارنى ئاڭلىغانسەن؛
ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باق!
بۇنى راست دەپ ئېتىراپ قىلمامسىلەر؟
مەن باياتىن «يېڭى ئىشلار»نى، يەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم،
سەن بۇلارنى بىلگەن ئەمەسسەن.
سېنىڭ: «دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇلاردىن بالدۇر خەۋىرىم بار ئىدى» دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن،
ئۇلار بۇرۇن ئەمەس، ھازىرلا يارىتىلىدۇ؛
مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى سەن ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانسەن.
بەرھەق، سەن قۇلاق سالمىدىڭ،
بەرھەق، سەن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ،
بەرھەق، سېنىڭ قۇلىقىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېچىلماي ئېتىكلىك قالدى؛
چۈنكى مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدىغانلىقىڭنى،
بالىياتقۇدىكى چېغىڭدىن تارتىپ «ئاسىي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىڭنى بىلدىم.
ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن،
شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛
10 قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم،
بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛
مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛
11 ئۆز سەۋەبىمدىن، ئۆز سەۋەبىمدىن مەن مۇشۇنى قىلىمەن؛
مېنىڭ نامىمغا داغ تەگسە قانداق بولىدۇ؟
مەن ئۆزۈمنىڭ شان-شۆھرىتىمنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن.
12 ئى ياقۇپ،
ئى چاقىرغىنىم ئىسرائىل!
ماڭا قۇلاق سالغىن؛
مەن «ئۇ»دۇرمەن؛
مەن تۇنجىدۇرمەن، بەرھەق ھەم ئاخىرقىدۇرمەن؛
13 مېنىڭ قولۇم يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان،
ئوڭ قولۇم ئاسمانلارنى كەرگەن؛
مەن ئۇلارنى چاقىرساملا، ئۇلار جەم بولۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ.
14 ھەممىڭلار، جەم بولۇپ يىغىلىڭلار، ئاڭلاپ قويۇڭلار؛
بۇتلار ئارىسىدا قايسىسى مۇشۇنداق ئىشلارنى بايان قىلغان؟
پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بابىلدا ئادا قىلىدۇ،
ئۇنىڭ بىلەك-قولى كالدىيلەرنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن چۈشىدۇ؛  
15 مەن، مەن سۆز قىلغانمەن؛
دەرھەقىقەت، مەن ئۇنى چاقىردىم؛
مەن ئۇنى ئالدىغا چىقىرىۋالدىم؛
ئۇنىڭ يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
 
16 ــ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛
مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛
سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن؛
ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى!


  
17 ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى،
ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛
18 سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى!
ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك،
ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى!
19 سېنىڭ نەسلىڭ بولسا ئۇنىڭ قۇملىرىدەك،
ئىچ-قارنىڭدىن چىققان پەرزەنتلىرىڭ قۇم دانچىلىرىدەك سانسىز بولاتتى!
ئۇلارنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىغان ياكى يوقىتىۋېتىلمەيدىغان بولاتتى!
20 بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار!
ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ مۇشۇنى جاكارلاڭلار،
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىتىڭلار،
جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئۇنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەڭلار: ــ
«پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزدى!

  
21 ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛
ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛
بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!».
22 «رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر».
 
 
48:3 «ئىلگىرىكى ئىشلار» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىلگىرىكى ئىشلار» شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ «قورەش پىلانى»دۇر (12:46دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). مۇشۇنى جەزمەنلەشتۇرۇش ئۈچۈن يەشايا «قوشۇمچە سۆز»دىكى 4-مىسال (48-بابنىڭ ئالاھىدە شەكلى توغرىسىدا) دېگەن گرافىنى كۆرۈڭ. ئاشۇ گرافىغا قارىغاندا، 48-باب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قىسىمدىكى «ئىلگىرىكى ئىشلار» دەل «قورەش پىلانى»غا باراۋەر كېلىدۇ؛ 6-ئايەتتىكى «يېڭى ئىشلار» بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ ئىشلىرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ تەھلىل قىلىنىش 42-بابتىكىگە ئوخشاش. 48:4 «يۈزۈڭنىڭ داپ ئىكەنلىكىنى...» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «پېشانەڭنىڭ مىستىن ئىكەنلىكىنى...». 48:6 ««يېڭى ئىشلار»نىەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم،...» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا دېگىنىمىزدەك، «يېڭى ئىشلار»نى دەل «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق خۇش خەۋەر دەپ بىلىمىز (42-بابنىمۇ كۆرۈڭ). 48:9 يەش. 43‏:21، 25 48:10 «كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم» ــ دېمەك، ئىسرائىل كۈمۈشنىڭ بارلىق داشقىلىنى ئايرىۋالغۇچە تاۋلانغاندەك تاۋلانسا، بەلكىم ھېچنەرسە قالمايتتى! (1-باب، 22، 25-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). «ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا» ــ بەلكىم بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇلارغا قارىتا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 48:11 يەش. 42‏:8 48:12 يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ ۋەھ. 1‏:17؛ 22‏:13 48:14 «پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى» ــ مۇشۇ يەردە قورەشنى كۆرسىتىدۇ. 48:14 يەش. 41‏:23،22 48:16 «ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن» ــ دېمەك، سۆزلىگۈچى خۇدانىڭ «جاكارچىسى» ھەم ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىنى بەجا كەلتۈرگۈچىدۇر. كېيىنكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەگەر ۋاقىت دېگەن نەرسىنى بار دېسەڭ، مانا مەن ئۆزۈمدۇرمەن». «ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى!» ــ سۆزلىگۈچى يەنە «ئەزەلدىن تارتىپ خۇدا بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى يەر يۈزىدىكىلەرگە يەتكۈزگۈچى» بولۇپ، ئاخىردا خۇدا ھەم خۇدانىڭ روھى تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپ ئۆزى مۇشۇ دۇنياغا كېلىدۇ (6-باب، 8-ئايەتنى كۆرۈڭ). تۆۋەندىكى 49-بابتا مۇشۇ زات، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرىسىدىكى مەزمۇنلاردا كۆپرەك ئاشكارىلىنىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار مېنى ئۇنىڭ روھى بىلەن ئەۋەتكەن!». 48:16 پەند. 8‏:1-5؛ زەك. 2‏:9؛ 6‏:15؛ 10‏:12؛ يـۇھ. 11‏:42؛ 17‏:21 48:18 قان. 32‏:29؛ زەب. 81‏:13-16 48:20 «بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار!» ــ ئىسرائىل بابىلدىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 536-يىلى) قۇتۇلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قايتىپ كەلدى. نۇرغۇن يەھۇدىيلار پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ يەردىكى ئەھۋالىنى ياخشى دەپ قارايتتى. ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئادەم سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بېيىپ كەتتى. ئۇلار ئېرىشكەن پاراۋان تۇرمۇشنى تاشلاپ ئۆز يۇرتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش جاپاسىدىن باش تارتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمايتتى. ئادەملەر مۇشۇ دۇنيادىكى مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆز گۇناھىدىن، شەخسىيەتچىلىكىدىن، ئۆزىدىن «ئازاد قىلىنىش»ى ياكى «قۇتقۇزۇلۇش»ى ئەڭ مۇھىمدۇر. قورەش بولسا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش يولىنى ئاچقان. بىراق گۇناھلىرىدىن ساقىت بولمىسا، ھەممىسى قۇرۇق، بىكارغا كېتىدۇ. بېشارەتلەر بويىچە مۇشۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن، ئىنساننى گۇناھدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» ئەۋەتىلىدۇ. ئۇنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرى تۆۋەندىكى 49-55-بابتىكى بېشارەتلەرنىڭ تېمىسى بولىدۇ. (مۇشۇ بېشارەتلەر بەلكىم ئىككىنچى قېتىم ئاخىرقى زامانلاردىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، شۇ چاغدا ئىسرائىل «يېڭى بابىل»دىن ھەم دۇنيادىكى چەت-چەتلەردىن زىئونغا قايتىدۇ). 48:20 يەش. 52‏:11؛ يەر. 50‏:8؛ 51‏:45،6؛ ۋەھ. 18‏:4 48:21 «ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ ...سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!» ــ «مىس.» 17-بابنى كۆرۈڭ. شۇ چاغدا ئىسرائىللار خۇدادىن نارازى بولۇپ قاقشاپ كەتتى. بەلكىم 22-ئايەت مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. 48:22 يەش. 57‏:21