50
خۇدانىڭ چاقىرىقىغا كىم: «مانا مەن» ــ دەيدۇ؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟
ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟
مانا، سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈڭلارنى سېتىۋەتكەنسىلەر؛
سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى.
مەن سىلەردىنمۇ سورايمەن:
مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟
مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟
ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟
قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟
مانا، مەن بىر ئەيىبلەپلا دېڭىزنى قۇرۇتۇپ،
دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛
سۇ بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى سېسىپ كېتىدۇ،
ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ؛  
ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن،
ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى قارا بۆزدىن قىلىمەن».
 
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەنە سۆزلەيدۇ
«رەب پەرۋەردىگار مېنىڭ جاپا چەككەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ياساشنى بىلىشىم ئۈچۈن ماڭا تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلارنىڭ تىلىنى تەقدىم قىلدى؛
ئۇ مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ،
تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ.
رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛
مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم،
ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم.  
دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا،
مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛
خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛
بىراق رەب پەرۋەردىگار ياردىمىمدە بولىدۇ؛
شۇڭا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن؛
شۇڭا مەن نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم؛
خىجىللىققا قالدۇرۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛
كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟
بار بولسا بىرلىكتە دەۋالىشايلى؛
كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا،
ئالدىمغا كەلسۇن!  
ماڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇر؛
ئەمدى مېنى ئەرز قىلالايدىغان كىمكەن؟
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تال كىيىمدەك ئەسكىرەپ كېتىدۇ؛
پەرۋانىلەر ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ».
10 ــ «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان،
ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟
قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، يورۇقلۇقى بولمىغان كىشى بولسا،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىشىنىپ خاتىرجەملەنسۇن،
خۇداسىغا يۆلەنسۇن!
11 مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان،
ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار!
قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا،
ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛
بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ
«ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!».
 
 
50:1 «مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟... سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى» ــ خۇدا ئىسرائىلغا «ئۆز ئايالىم»دەك قارايدۇ. «قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟» ــ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەن قانۇنغا ئاساسەن، «تالاق خەت» بولمىسا، «ئاجراشقانلار» قايتىدىن ئەپلەشسە بولىدۇ. دېمەك، ئىسرائىلنىڭ خۇدانىڭ يېنىغا قايتىش يولى ئوچۇق كۆرۈنىدى. «ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟» ــ خۇداغا قەرز بەرگۈچى يوق، ئەلۋەتتە. خۇدا «ئۆز مەنپەئىتى»نى كۆزلىگەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈرۈشىگە يول قويغان (ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، يەشايا ئاساسەن مۇشۇ بېشارەتلەرنى ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋر ئۈچۈن سۆزلەيدۇ). 50:2 «مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟ مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟ قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم يۇقىرىقى «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، رەب مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» دېگەن قاقشاشلارغا بېرىلگەن ئىككىنچى بىر جاۋاب. خۇدا زىئوننى ئۇنتۇمىدى؛ بىراق ئۇ ئۇلاردىن ئۆز خىزمىتىنى قىلغۇدەك ئادەمنى چاقىرسا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ھېچكىم چىقمايدۇ. بىرسى چىقسىلا، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. 50:2 چۆل. 11‏:23؛ يەش. 59‏:1 50:3 «ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى قارا بۆزدىن قىلىمەن» ــ ئىسرائىلنىڭ «مىسىردىن چىقىش» دەۋرىدە مۇشۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەن. «مىسىردىن چىقىش»نى كۆرۈڭ. 50:4 «... تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلار... تەربىيىلەنگەنلەر...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلار» ۋە تۆۋەندىكى «تەربىيىلەنگەنلەر» ھەم «مۇخلىسلار» (8-باب، 16-ئايەت) بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «پەرۋەردىگار مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ، تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ» ــ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلدىن ھېچكىم چىقمىدى. خۇدانىڭ نىيىتىدىكى ئىشنى قىلىشقا چىقىدىغىنى ھەم شۇنداقلا شۇ ئىشىنى قىلالىغۇچى پەقەتلا خۇدانىڭ قۇلى مەسىھ ئىدى. پەقەت بىر قېتىملا ئەمەس، ئۇ «ھەر سەھەردە» خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەربىيىنى قوبۇل قىلىدۇ. 50:5 «رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛ مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم» ــ قۇل بولسا ھەر سەھەر خۇدانىڭ سۆزىنى ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايدۇ. بىر كۈنى ئۇ خۇدانىڭ ۋەھىيسى بىلەن، خۇدانىڭ كۆڭۈلدىكىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرنى، ئادەملەرنىڭ رەزىل خورلاشلىرىنى تارتىش كېرەك دەپ بىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ باش تارتمايدۇ، بەلكى مۇشۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا قەتئىي بەل باغلايدۇ (6-7-ئايەت). 50:5 يـۇھ. 14‏:31؛ فىل. 2‏:8؛ ئىبر. 10‏:5-10 50:7 «شۇڭا مەن نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم» ــ «ئالماس» ئىبرانىي تىلىدىكى «چاقماق تېشى» دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدە (ئەڭ قاتتىق تاش). 50:8 «مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛ كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟ ... كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا، ئالدىمغا كەلسۇن!» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، قۇل سوت قىلىنىپ قاتتىق تۆھمەت-شىكايەتلەرگە ئۇچرايدۇ. 50:8 رىم. 8‏:32،33 50:10 «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟» ــ بېشارەت بويىچە «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش» ھەم «ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى ئىش ئەمەلىيەتتە ئوخشاشتۇر. 50:11 «مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار!.. «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!»» ــ بۇ تۈركۈم كىشىلەر: «خۇدادىن ھېچ نۇر كەلمىدى ھەم كەلمەيدۇ» دەپ ئۆز-ئۆزىگە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى «نۇر»نى ياقىدۇ. ئەگەر «نۇر» خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بولمىسا، ساختا پەيغەمبەرلەردىن، ئىنسانلاردىكى پەلسەپىلەردىن ياكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ خىيال-تەپەككۇرىدىن كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ھامان: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىدۇ».