51
نىجات-قۇتۇلۇش سىلەرگە يېقىن تۇرىدۇ!
«ئى ھەققانىيلىققا ئىنتىلگۈچىلەر،
پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر،
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ
سىلەرنى يونۇپ چىقارغان تاشقا،
سىلەرنى كولاپ چىقارغان ئورەككە نەزەر سېلىڭلار؛
ئاتاڭلار ئىبراھىمغا، سىلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ساراھقا نەزەر سېلىڭلار؛
چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز چېغىدا چاقىردىم،
ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدىم،
ھەم ئۇنى ئاۋۇندۇردۇم.
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئونغا تەسەللى بەرمەي قويمايدۇ؛
ئۇنىڭ بارلىق خارابە يەرلىرىگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ؛
ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ جاڭگاللىرىنى ئېرەن باغچىسىدەك،
ئۇنىڭ چۆل-باياۋانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ بېغىدەك قىلىدۇ؛
ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم شاد-خۇراملىق،
رەھمەتلەر ھەم ناخشا ئاۋازلىرى تېپىلىدۇ.
مېنىڭ خەلقىم، گېپىمنى ئاڭلاڭلار،
ئۆز ئېلىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
چۈنكى مەندىن بىر قانۇن-تەلىم كېلىدۇ،
ۋە مەن ھۆكۈم-ھەقىقىتىمنى ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن بىر نۇر قىلىپ تىكلەيمەن.
مېنىڭ ھەققانىيلىقىم سىلەرگە يېقىن،
مېنىڭ نىجاتىم يولغا چىقتى؛
مېنىڭ بىلەكلىرىم ئەل-يۇرتلارغا ھۆكۈم-ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ؛
ئاراللار مېنى كۈتۈپ ئۇمىد باغلايدۇ،
ئۇلار مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىدۇ.
بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا،
ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛
چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ،
يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛
ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛
بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر،
مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ.
ئى ھەققانىيلىقىمنى بىلگەنلەر،
كۆڭلىگە قانۇن-تەلىمىمنى پۈككەن خەلق،
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
ئىنسانلارنىڭ ھاقارەتلىرىدىن قورقماڭلار،
ئۇلاردىكى كۇپۇرلۇق ۋە غالجىرلاشلاردىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمەڭلار؛
چۈنكى كۈيە ئۇلارنى كىيىمنى يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ،
قۇرت يۇڭ يەۋالغاندەك يەۋالىدۇ؛
بىراق ھەققانىيلىقىم ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر،
مېنىڭ نىجاتىم دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر.
 
خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ بىر دۇئاسى
ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى!
قەدىمكى ۋاقىتلاردا،
ئۆتكەن زامانلاردىكى دەۋرلەردە ئويغانغىنىڭدەك ئويغان!
راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن،
ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟


10 دېڭىزنى، دەھشەتلىك ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتىۋېتىپ،
دېڭىزنىڭ تېگىلىرىنى سەن ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ ئۆتۈش يولى قىلغان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟
11 شۇڭا پەرۋەردىگار بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلار قايتىپ كېلىدۇ،
ئۇلار ناخشىلارنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛
ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا ئېرىشىدۇ؛
قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.
12 سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛
ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن،
تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟  
13 ئاسمانلارنى كەرگەن،
يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن،
شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن؛
ئەمدى زالىمنىڭ قەھرى قېنى؟  
14 باش ئەگكەن ئەسىر بولسا تېزدىن بوشىتىلىدۇ؛
ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ،
ئۇنىڭ رىسقىمۇ تۈگەپ قالمايدۇ.
15 مەن بولسام دېڭىزنى قوزغاپ، دولقۇنلارنى ھۆركىرەتكۈچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر؛
16 ۋە ئاسمانلارنى تىكلەشكە،
يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا،
ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە،
مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن،
سەن قۇلۇمنى قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن.
17 ئى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرلىك قەدەھنى ئىچىۋەتكەن يېرۇسالېم،
ئويغان، ئويغان، ئورنۇڭدىن تۇر؛
ئادەمنى ۋەھىمىگە سالغۇچى جام-قەدەھنى سەن ئىچتىڭ، بىراقلا كۆتۈرىۋەتتىڭ؛
18 ئۇنىڭ تۇغۇپ بەرگەن بارلىق بالىلىرى ئارىسىدا ئۇنى يېتەكلىگۈدەك ھېچكىم يوق،
ئۇنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان بارلىق بالىلىرىدىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلىگۈدەك ھېچبىرىمۇ يوق.
19 بۇ ئىككى ئىش بېشىڭغا چۈشتى ــ
(كىم سەن ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ يىغلار؟!)
ــ بۇلاڭچىلىق ھەم ۋەيرانچىلىق،
ئاچارچىلىق ھەم قىلىچ؛
مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟  
20 سېنىڭ بالىلىرىڭ ھالسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتتى،
تورغا چۈشكەن جەرەندەك ھەربىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ياتىدۇ؛
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى بىلەن،
خۇدايىڭنىڭ تەنبىھى بىلەن تولدۇرۇلدى؛
21 شۇڭا ھازىر بۇنى ئاڭلاپ قوي، ئى خار بولغان،
ــ مەست بولغان، بىراق شاراب بىلەن ئەمەس: ــ
22 ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى يۈرگۈزگۈچى رەببىڭ پەرۋەردىگار،
يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مانا، مەن قولۇڭدىن ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان جام-قەدەھنى،
يەنى قەھرىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىۋالدىم؛
سەن ئىككىنچى ئۇنىڭدىن ھېچ ئىچمەيسەن؛
23 مەن ئۇنى سېنى خارلىۋاتقانلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛
ئۇلار ساڭا: «بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز، ئېگىلىپ تۇر» دېدى؛
شۇنىڭ بىلەن سەن تېنىڭنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ،
ئۈستۈڭدىن ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كوچىدىكى يول قىلدىڭ».
 
 
51:7 زەب. 37‏:31؛ 118‏:6-7؛ يەش. 51‏:12 51:8 يەش. 50‏:9 51:9 «ئويغان، ئويغان، كۈچنى ئۆزۈڭگە كىيىم قىلىپ كىيگەيسەن، ئى پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى!... راھابنى قىيما-چىيما قىلىپ چېپىۋەتكەن، ئەجدىھانى سانجىپ زەخىملەندۈرگەن ئەسلى سەن ئەمەسمۇ؟» ــ (1) مۇشۇ ئايەتتە «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى»گە قارىتىلغان بىر دۇئا كۆرسىتىلىدۇ. مۇشۇ دۇئاغا بولغان بىرىنچى جاۋاب بىزنىڭچە 12-ئايەتتە خاتىرىلىنىدۇ ــ دېمەك، مەن ھەردائىم سەگەك تۇرىمەن، ساڭا تەسەللى ھەم كۈچ بەرگۈچىدۇرمەن. بىزنىڭچە ئىككىنچى جاۋاب 53-بابتا ئاشكارىلىنىدۇ. (2) «راھاب» ــ مىسىرنىڭ باشقا بىر ئىسمى، مەنىسى «ھاكاۋۇرلۇق»تۇر». بابىللىقلارنىڭ ھەم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەپسانىلىرىگە ئاساسەن، خۇدا دۇنيانى يارىتىپ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال دېڭىزدا تۇرغان بەزى يامان كۈچلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ كۈچلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى «راھاب» ئىدى. ئايەتكە قارىغاندا مۇشۇ كونا «ئەپسانىلەر»نىڭ مەلۇم ئاساسى بار؛ مۇشۇ يەردە خۇدا ئۆز خەلقىنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغاندا، دېڭىزنى قۇرۇتقان، شۇنداق قىلىپ دېڭىزدىكى بارلىق «يامان كۈچلىرىنى» ئاسانلا ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (3) بىزنىڭچە مۇشۇ يەردىكى «ئەجدىھا» 27-باب، 1-ئايەتتىكى «لېۋىئاتان»دۇر. «مىسىردىن چىقىش» ۋاقتىدا، خۇدا ئۇنى «سانجىغان»، بىراق تېخى ئۆلتۈرگەن ئەمەس. «لېۋىئاتان» شەيتاننىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ، (27-بابتا دېيىلگەندەك) ئاخىرقى زامانلاردا پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 51:10 يەش. 43‏:16 51:12 «ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنسان» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆلۈۋاتقان بىر ئىنسان» دېگەن قىزىق سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىزنىڭچە بۇنىڭ مەنىسى، خۇدانى تونۇمىغانلارنىڭ ھاياتىمۇ ئۆلگەن ئادەمگە ئوخشاش بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەتتۇر. «سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ... ئۆزۈمدۇرمەن؛ ... (سېنىڭ) تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سىلەر» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرەنچە رود»تا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بەلكىم بارلىق خەلقلەرنى، «سەن» بولسا «ئايالچە رود» شەكىلدە بولۇپ، بەلكىم «زىئون»نىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 51:12 زەب. 118‏:6-8؛ يەش. 51‏:7 51:13 «ئاسمانلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان ياسىغۇچىڭ پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ يۈرىسەن، شۇنداقلا كۈن بويى ھالاكەت يۈرگۈزمەكچى بولغان زالىمنىڭ قەھرىدىن توختاۋسىز قورقۇپ يۈرىسەن...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرەنچە رود»تا بولۇپ، بەلكىم زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى (يات ئەللەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلارنى) كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ 14-ئايەتنى كۆرۈڭ. 51:13 ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 42‏:5؛ 44‏:24 51:14 «ئۇ ھاڭغا چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ ئۆلۈكى (جىنايەتچىدەك) ئورىغا تاشلىۋېتىلمەيدۇ». 51:15 ««ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» مېنىڭ نامىمدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا ««ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامىدۇر». 51:16 «ئاسمانلارنى تىكلەشكە، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سېلىشقا، ۋە زىئونغا: «سەن مېنىڭ خەلقىمدۇر» دېيىشكە، مەن سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيغانمەن، سەن قۇلۇمنى قولۇمنىڭ سايىسى بىلەن ياپقانمەن» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «سەن» بولسا ئەسلى 9-10-ئايەتتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى»، يەنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»غا ئېيتىلغان گەپ بولۇشى كېرەك؛ شۇڭا بىز «سەن قۇلۇمنى ياپقانمەن» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. ئەمدى 16-ئايەتكە قارىغاندا خۇدانىڭ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرى ئارىسىدا، يېڭى ئاسمان-زېمىننى بەرپا قىلىشمۇ بولغان بولىدۇ. 51:17 يەش. 52‏:1 51:19 «مەنمۇ ساڭا تەسەللى بېرەلەيمەنمىكىن؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «مەندىن باشقا ھېچكىم ساڭا تەسەللى بېرەلمەيدۇ». 51:19 يەش. 47‏:9 51:20 يىغ. 2‏:11،12