55
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ ئەجىرىنىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى •••• ئۇنىڭ دۇنياغا سۇنغان يېڭى ھاياتقا ئىگە بولۇشقا تەكلىپى
ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر،
سۇغا كېلىڭلار!
پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛
مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛  
نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟
ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟
گېپىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشىسىدىن يەڭلار،
كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ؛
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛
ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛
ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ
شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر!  
مانا، مەن ئۇنى ئەل-يۇرتلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە،
ئەل-يۇرتلارغا يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم ــ
ــ «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن،
سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؛
سەۋەبى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر؛
چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى».
ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛
ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار!
رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى،
ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن،
پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن،
ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛
خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن،
ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ.
چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس،
مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛
چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك،
مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن،
مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.
10 يامغۇر ھەم قار ئاسماندىن چۈشۈپ،
يەر يۈزىنى سۇغىرىپ ئۇنى كۆكەرتىپ، چېچەكلىتىپ،
تېرىغۇچىغا ئۇرۇقنى، يېگۈچىگە ئاش-ناننى تەمىنلىگۈچە قايتمايدىغاندەك،
11 مانا مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم شۇنداقتۇر؛
ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە،
ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە،
ئۇ ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ.
12 چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛
ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛
تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ،
دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛  
13 يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي،
جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ؛
مۇشۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا بىر نام كەلتۈرىدۇ،
مەڭگۈگە ئۈزۈلمەس كارامەت بولىدۇ.
 
 
55:1 «سۇغا كېلىڭلار!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سۇ» كۆپلۈك شەكلىدە بولۇپ («سۇلارغا كېلىڭلار!»)، سۇنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. «پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار!» ــ خۇدا يەشايا ئارقىلىق كوچىدىكى ساتارمەندەك پۈتۈن دۇنياغا سۆز قىلىدۇ. بىراق ئۇ ھېچقانداق گەپ ساتمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى خۇدانىڭ مۇشۇ ئىلتىپاتىغا پۇل بىلەن ئېرىشكىلى بولمىسا، ئۇنىڭغا قانداق باھادا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ جاۋاب دەل 3-ئايەتتە دېيىلىدۇ: ــ ئۇ بولسا پەقەتلا ئادەمنىڭ خۇداغا قۇلاق سېلىشتىكى دىققىتىدىن ئىبارەت. چۈنكى 53-بابتا كۆرگىنىمىزدەك، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بارلىق ئىنسان ئۈچۈن قۇربان بولۇپ بەدەل تۆلەيدۇ. 55:1 يـۇھ. 7‏:37،38 55:2 «نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇش كېرەككى، 44-باب، 20-ئايەتتە، خۇدا ئۆزىنى تونۇمىغانلار توغرۇلۇق «ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر!» دېگەنىدى. «كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «جېنىڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ». 55:3 «مەن داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەر» ــ مۇشۇ سۆزلەر «زەبۇر» 18-كۈي ھەم 89-كۈيدىن ئېلىنغان. خۇدا شۇ كۈيلەردە داۋۇت پەيغەمبەرگە ئىككى ۋەدىنى بەرگەن: (1) داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى ئۇنىڭ تەختىدە مەڭگۈ ئولتۇرىدۇ. (2) مۇشۇ ئەۋلادى پەقەت ئىسرائىلغىلا ئەمەس، بەلكى جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. تۆۋەندىكى 4-ئايەتتە مۇشۇ كىشى دەل «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ؛ ئۇنىڭ شاپائىتى بىلەن مۇشۇ بەرىكەتلەر «نە بەدەل نە پۇل تۆلىمەيلا» ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. 55:3 روس. 13‏:34 55:4 «مانا، مەن ئۇنى ... يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۇنى» ــ مۇشۇ يەردە يەنە «داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەر» بولغان «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ (6:42، 6:49-8نى كۆرۈڭ). شۇنىڭدەك 5-ئايەتتىكى «سەن» دېگەن سۆزمۇ شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ. 55:5 «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن، سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ... چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى» ــ مۇشۇ ئايەتتە «سەن» يەنە «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى»نى كەرسىتىدۇ، سۆزلەر ئۇنىڭغا ئېيتىلىدۇ. 55:11 «مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم ... ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، ...ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ.» ــ مۇشۇ سۆزلەر 6-10-ئايەتلەر بىلەن تولۇق باغلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئويلىرى گۇناھكار ئىنساننىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ كۈچلۈك سۆزى توۋا قىلغان ئادەمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ھەمراھلىققا ئىگە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇدانىڭ ئويلىرىنى ھەم يوللىرىنى چۈشىنىشكە باشلاپ، خۇدانىڭ سىرلىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق بولۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ. 55:12 «چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر...» ــ ئۇلار زادى نەدىن چىقىدۇ؟ ئاخىرقى زامانلاردا، بەلكىم خۇدانىڭ يولىدا ماڭغانلار زىئونغا قاراپ ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ بىراق شۇ ئارىلىقتا، ھەربىر توۋا قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ بىر «چىقىشى» بولۇشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ تاللىغان يوللىرىدىن، گۇناھلىرىدىن، شەخسىيەتچىلىكىدىن، تەكەببۇرلۇقىدىن، بارلىق ئەنئەنىۋىي كۆزقاراشلىرىدىن خۇدانىڭ يېڭىلىقىغا ھەم چاقىرىقىغا قاراپ «چىقىشى» كېرەك. ئەمدى مۇشۇ يول جاپالىق ھەم «خەتەرلىك» بولغىنى بىلەن ئۇ بەرىبىر يەنىلا جاھان-ئالەمدىكى ئەڭ شاد-خۇرام ھەم ئەھمىيەتلىك يولدۇر. 55:12 1تار. 16‏:33 55:13 «يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي، جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ» ــ دېمىسەكمۇ، ئىككى خىل دەرەخ (قارىغاي ۋە خاداس) «دائىم يېشىل تۇرىدىغان» دەرەخلەردۇر.