56
«يەشايا» 3-قىسمى •••• ئاخىرقى زامانلارنى، تەلتۆكۈس نىجاتلىقنى كۈتۈش •••• رەبكە تەشنا بولغانلارنى، كەمسىتىلگەنلەرنى، مۇساپىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ئادالەت ھەم ھىدايەتتە چىڭ تۇرۇڭلار،
ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىۋېرىڭلار؛
چۈنكى مېنىڭ نىجاتىم يېقىنلاشتى،
ھەققانىيلىقىم ئايان قىلىناي دەۋاتىدۇ،
مۇشۇلارنى قىلغۇچى كىشى،
مۇشۇلاردا چىڭ تۇرغۇچى ئىنسان بالىسى ــ
شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغۇچى،
قولىنى ھەرقانداق رەزىللىكتىن تارتقۇچى كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغان يات يۇرتلۇق ئادەم: ــ «پەرۋەردىگار چوقۇم مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ!»،
ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن.
چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۆز «شابات كۈنلىرىم»نى ساقلايدىغان،
كۆڭلۈمدىكى ئىشلارنى تاللىغان،
ئەھدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئاغۋاتلارغا مۇنداق دەيمەنكى: ــ
مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە،
يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن؛
مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛
مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا،
ئۇنىڭ نامىغا سېغىنىشقا،
ئۇنىڭ قۇللىرى بولۇشقا پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى باغلىغان،
شابات كۈنىنى بۇلغىماي پاك-مۇقەددەس ساقلىغان،
ئەھدەمنى چىڭ تۇتقان يات يۇرتلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولسا،
ئۇلارنىمۇ ئۆز مۇقەددەس تېغىمغا ئېلىپ كېلىمەن،
مېنىڭ دۇئاگاھ بولغان ئۆيۈمدە ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن؛
ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرى ھەم تەشەككۈر قۇرنانلىقلىرى مېنىڭ قۇربانگاھىم ئۈستىدە قوبۇل قىلىنىدۇ؛
چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم «بارلىق ئەل-يۇرتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدىغان ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىسرائىلدىن تارقىلىپ كەتكەن غېرىبلارنى يىغىپ قايتۇرىدىغان رەب پەرۋەردىگار: ــ
مەن يەنە ئۇنىڭغا باشقىلارنى،
يەنى يىغىلىپ بولغانلارغا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ يىغىمەن! ــ دەيدۇ.
 
ئىسرائىلدىكى يېتەكلىگۈچىلەرگە بولغان بىر بېشارەت
ــ ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار،
ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار!
10  ئىسرائىلنىڭ كۆزەتچىلىرى ھەممىسى قارىغۇ؛
ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ؛
ھەممىسى قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلار،
چۈشەكەپ ياتىدىغان، ئۇيقۇغا ئامراقلار!
11 مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ،
ئۇلار بولسا خەلقىمنى «باققۇچى»لارمىش تېخى!
ئۇلار يورۇتۇلۇشنى ھېچ بىلمەيدۇ،
ئۇلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە يول تاللاپ قېيىپ كەتكەن،
بىرسىمۇ قالماي ھەربىرى ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يۈرگۈچىلەر!
12 ئۇلار: «قېنى، شاراب كەلتۈرىمەن،
ھاراقنى قانغۇچە ئىچەيلى؛
ئەتىمۇ بولسا بۈگۈنكىدەك بولىدۇ،
تېخىمۇ مولچىلىق بولىدۇ يەنە!» ــ دەۋېرىدۇ.
 
 
56:1 «ئادالەت ھەم ھىدايەت» ــ (ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) ــ مۇشۇ يەردە مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۇقەددەس قانۇن-پەرمانلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 56:2 «شابات كۈنى» ــ ئىبرانىي تىلىدا ھەم «يەتتىنچى» ھەم «توختىتىش» دېگەن مەنىدە. خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلغا «يەتتىنچى كۈنى»دە، يەنە شەنبە كۈنىدە ئۆز شەخسىي ئىش-خىزمىتىنى توختىتىپ، ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىدە دەم ئېلىشنى بۇيرۇغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق قىلىش ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسرائىللاردەك دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئىمان-ئىشەنچى بار-يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشتۇر. مەيلى سودىگەر ياكى دېھقان بولسۇن: ــ «شەنبە كۈنىدە ئىشلىسەم ئالغان پايدام بەلكىم ئالتىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولار» ــ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. 56:3 «ياكى ئاغۋات بولغان كىشى: ــ «مانا، قاقشال بىر دەرەخمەن!» دېگۈچى بولمىسۇن ــ «ئاغۋات» پىچىۋېتىلگەن ئادەم. كونا جەمئىيەتلەردە ئۇلار پادىشاھلارنىڭ ياكى بايلارنىڭ ھەرەمخانىلىرىدا ئايال-كېنىزەكلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قىلاتتى. مۇشۇ يەردە ئاغۋاتلار بەلكىم بارلىق مېيىپلەرگە، بارلىق ئورنى پەسلەرگە، بارلىق كۆزگە ئىلىنمايدىغان كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. 56:5 «مەن ئۇلارغا ئۆز ئۆيۈمدە، يەنى ئۆز تاملىرىم ئىچىدە ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆيۈم» بولسا، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسى. ئەسلىدە مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇنغا ئاساسەن، ئاغۋاتلار ۋە مېيىپلار ئىبادەتخانىغا كىرىشكە بولمايتتى؛ بىراق «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» قىلغان ئىشلاردىن كېيىن كىرىشكە بولىدىغان بولغان؛ مۇشۇنداق بولۇپلا قالماي، خۇدا ئۇلارغا «مۇقىم ئورۇن»نى بېرىدۇ، دېمەك خالىسا مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر جاينى بېرىدۇ. ئەسلىي ئىبرانىيچە تېكىستتە «قول ۋە نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن» دېيىلگەن. بىز ئۇنى «ئورۇن ۋە نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. «قول» بىزنىڭچە «تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئورۇن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئاغۋاتلارنىڭ مۇقەددەس چېدىرغا ياكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرىش ھوقۇقى يوق ئىدى («قان.» 1:23) «ئورۇن ھەم نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن...» باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نام-ئەمەل ئابىدىسى تىكلەيمەن،...». «... ئۇلارغا... نام-ئاتاق ئاتا قىلىمەن.... مۇشۇ نام-ئاتاق ئوغۇل-قىزلىرى بارلارنىڭكىدىن ئەۋزەلدۇر؛ مەن ئۇلارغا ئۈزۈلمەس، مەڭگۈلۈك نامنى بېرىمەن» ــ ئاغۋاتنىڭ پەرزەنت كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. 56:7 مات. 21‏:13؛ مار. 11‏:17؛ لۇقا 19‏:46 56:9 «ئى دالالاردىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىپ ئوزۇقتىن ئېلىڭلار، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار، كېلىڭلار!» ــ خۇدا ئۆزىنىڭ جازالىشىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ھايۋانلارنى تەكلىپ قىلىدۇ. 56:11 «مۇشۇ ئىتلار بولسا نەپسى يامان، تويغاننى بىلمەيدۇ، ئۇلار بولسا خەلقىمنى «باققۇچى»لارمىش تېخى!» ــ «باققۇچى» ياكى «كۆزەتچى» (يېتەكلىگۈچى)نىڭ ئىككى مۇھىم رولى بار: ــ (1) كۆزەتچىلىك؛ يەنى سىرتتىن كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ئەھۋالىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى تېپىش؛ (2) «باققۇچىلىق»؛ ئۆز خەلقىگە كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان چۈشىنىپ خەۋەر ئېلىشتۇر.