6
خۇدانىڭ يەشايانى پەيغەمبەر قىلىپ چاقىرىشى
ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛
ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛
ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛
ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛
ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى،
ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى،
ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى.  
ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر!
بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» ــ دەپ توۋلاۋاتاتتى.  
توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى،
ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى.
شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» ــ دېدىم.
شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛ ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: ــ «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ دېدى.  
ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم.
ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛
كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر.
10 مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛
ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر،
كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛
بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان،
قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان،
كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ،
يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى».  
11 ئاندىن مەن: ــ «رەب، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» ــ دەپ سورىۋىدىم،
ئۇ جاۋابەن: ــ «تا شەھەرلەر خاراب قىلىنىپ ئاھالىسىز،
ئۆيلەر ئادەمزاتسىز،
زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە،
12 پەرۋەردىگار ئادەملىرىنى يىراقلارغا يۆتكەپ،
زېمىندىكى تاشلىۋېتىلگەن يەرلەر كۆپ بولغۇچە بولىدۇ» ــ دېدى.
13 «ھالبۇكى، زېمىندا ئادەملەرنىڭ ئوندىن بىرىلا قالىدۇ؛
ئۇلار زېمىنغا قايتىپ كېلىپ يەنە يۇتۇۋېتىلىدۇ،
كېسىلگەن بىر دۇب ياكى ئارئار دەرىخىنىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ؛
كۆتەك بولسا «مۇقەددەس نەسىل» بولۇر.
 
 
6:1 2پاد. 15‏:7 6:2 «سارافلار» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «كۆيگۈچىلەر» «كۆيىۋاتقانلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئىبرانىي تىلىدىكى مۇشۇ كۆپلۈك ئىسىم بولسا «ئۈچ ياكى ئۈچتىن كۆپ»نى بىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار بىرخىل پەرىشتىدۇر. ئۇلار ئاز دېگەندە ئۈچ بولىدۇ، بىراق زادى قانچىسى بارلىقىنى بىلمەيمىز. 6:2 ۋەھ. 4‏:8 6:3 «... مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۈپەت ئىككى قېتىم تەكرالانسا، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. پۈتكۈل مۇقەددەس كىتابتا مەلۇم بىر سۈپەتنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى پەقەت مۇشۇ يەردىلا تېپىلىدۇ؛ خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەسلىكى، شۈبھىسىزكى، «مۇكەممەل، ئىنسان تەسسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجە»دە بولغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. 6:3 ۋەھ. 4‏:8 6:5 «مەن تۈگەشتىم!» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ ۋە «مەن پارچە-پارچە قىلىندىم!» ھەم «مەن سۈكۈتتە تۇرغۇزۇلدۇم» دېگەننىمۇ ئىپادىلەيدۇ. 6:7 «گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ «كافارەت» توغرۇلۇق «مىس.» 17:25 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 6:7 يەر. 1‏:9؛ دان. 10‏:16 6:9 مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8 6:10 «مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن» ــ «يۈرىكى تاش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا «يۈرىكى مايلىق» دەپ ئېلىنغان. «كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، ... يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى» ــ مۇشۇ قورقۇنچلۇق سۆزلەرگە قارىغاندا، يەشايا مەزكۇر كىتابتىكى بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى شۇنداق ئېچىنىشلىق بولىدۇكى، ئىسرائىللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز گۇناھلىرىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ھالاك بولۇش يولىنى تاللايدىغان بولىدۇ. 6:10 يەر. 5‏:21 6:11 «زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە،...» ــ «زېمىن» ئىسرائىل تۇرۇۋاتقان زېمىننى كۆرسىتىدۇ. 6:13 «مۇقەددەس نەسىل» ــ خۇداغا سادىق بولغان، يۇقىرىدا دېيىلگەن «قالدى»، يەنى خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىنى، خۇداغا سادىق بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.