7
داۋۇت جەمەتىگە سېلىنغان تەھدىت؛ •••• قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى توغرۇلۇق بېشارەت
يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ۋە ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى.  
داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ
«سۇرىيە ئەفرائىم بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ دېگەن خەۋەر كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى ئورمانلار شامالدا سىلكىنىپ كەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى.
ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن. سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە! چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ
«بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«بۇ سۆز ئاقمايدۇ، ھېچ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛
چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛
ۋە ئاتمىش بەش يىل ئىچىدە ئەفرائىم شۇنداق بىتچىت بولىدۇكى، ئۇلارنى «بىر خەلق» دېگىلى بولمايدۇ؛
ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر،
سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛
سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ دېگىن».
10 پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ
11 «ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى.
12 بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى.
13 ئاندىن يەشايا: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟ 14 شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ
مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ.    15 ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. 16 چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ. 17 چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر!
18 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ 19 ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ.
20 ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛ 21 شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ، 22 ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ.
23 ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ 24 ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. 25 ئىلگىرى كەتمەن چېپىلغان ھەربىر تاغلىق جىلغىلارغا بولسا، ــ ئۇلار ئۇ يەرلەرگە جىغانلاردىن ۋە تىكەنلەردىن قورقۇپ بارمايدۇ؛
بۇ يەرلەر پەقەت كالىلارنى ئوتلىتىدىغان،
قويلار دەسسەپ-چەيلەيدىغان جايلار بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
 
 
7:1 «ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيا...» ــ «يەشايا» كىتابنىڭ پەقەت مۇشۇ يېرىدىلا ۋە 1:9-21-ئايەتلەردە، «ئىسرائىل» ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قىسىم پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۇلايمان ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن ئىسرائىل ئىككىگە بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي قىسىم «يەھۇدا»، (ئاساسەن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر)، شىمالىي قىسىم «ئىسرائىل» ياكى بەزىدە «ئەفرائىم» (ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەر ۋە باشقا توققۇز قەبىلىدىكىلەردىن تەركىب تاپقان) دەپ ئاتالغانىدى. كىتابتا باشقا ھەر يەرلەردە، «ئىسرائىل» ئون ئىككى قەبىلىلىك پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. 7:1 2پاد. 16‏:5؛ 2تار. 28‏:5 7:2 «ئەفرائىم» ــ مۇشۇ يەردە شىمالىي پادىشاھلىقتىكى «ئىسرائىل»نىڭ كۆپ سانلىق قەبىلىسى. مۇشۇ يەردە «ئەفرائىم» باشقا توققۇز قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «...ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ مۇشۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 7:3 «ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب» ــ «شېئار-جاشۇب» «بىر قالدى قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن مەنىدە. يەشايانىڭ بۇ ئوغلىنى بىللە ئېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 16-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «سەن ... يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ،...» ــ شۈبھىسىزكى، ئاھاز ئاشۇ يەردە تۇرۇپ، مۇشۇ قوشۇنلار چوقۇم كېلىپ بىزنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ، شۇڭا سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىم لازىم دېگەن ئويدا ئىدى. 7:6 «ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىپ،...». 7:9 «ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر» ــ سامارىيە شەھىرى ئەفرائىمنىڭ پايتەختى. «دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس،... سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ ھازىرقى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، سۇرىيە بىلەن ئىسرائىل ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ئىككى دۆلەت يەھۇدانى ئىتتىپاققا قوشۇلۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولدى. ئاھاز پادىشاھ بۇنى رەت قىلدى، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئاسۇرىيەلەر بىلەن يوشۇرۇن ھالدا بىر «سۇلھ» تۈزمەكچى بولغان ياكى تۈزگەن. مانا بۇ ئۇنىڭ يەشايانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلىقىنىڭ، يەنى خۇدادىن بېشارەت سورىماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ ئايەتتىكى ئاخىرقى جۈملە: «...ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» دېگەن سۆزلەر ئىبرانىي تىلدا ئاھاڭداش سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن: ــ «ئىما تا-ئامىنۇ، كىما تا-ئامىنۇ». «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بۇ سۆزلەر پەقەت ئاھازغىلا ئەمەس، بەلكى داۋۇتنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە ئېيتىلغان بولسا كېرەك. 7:11 «يەرنىڭ تېگى» ــ مۇشۇ يەردە «يەرنىڭ تېگى» «شېئول»نى، يەنى «تەھتىسارا»نى، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 7:12 «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ «خۇدانى سىناش» گۇناھدۇر؛ بىراق مۇشۇ يەردىكى «بېشارەت سوراش» خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ تەكلىپى بولۇپ، گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. 7:14 «شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ...» ــ مۇشۇ بېشارەت بولسا، ئۇلارغا ئىشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇلارغا بولغان نارازىلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. «ئىممانۇئېل» ــ «خۇدا بىز بىلەن بىللە» دېگەن مەنىدە. 7:14 مات. 1‏:23؛ لۇقا 1‏:31 7:15 «ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە...» ــ ياكى «ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلىشى ئۈچۈن». «پىشلاق ۋە بال يەيدۇ» ــ بۇ تاماقلار زېمىننىڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەم ئاز بولغاچقا، تېرىلغۇ يەرلەرمۇ ئاز بولىدۇ. ئادەملەر پەقەت مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېرىلغۇ يەرلەر ياۋايى ھايۋناتلار، ھەرە قاتارلىقلارغا تاشلىنىپ قالىدۇ (21-23-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). ئىممانۇئېل كەمبەغەل شارائىتلاردا تۇغۇلىدۇ ھەم بەلكىم چوڭ بولغۇچە شۇ غۆرىگىل يېمەكلىكىنى جاڭگالدىن تېرىپ يەيدۇ، دېمەكچى. 7:16 «چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بۇ ياش بالا» ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم ئىممانۇئېلنىڭ ئۆزى ھەم يەشايانىڭ ئوغلى «شېئار-جاشۇب»نىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، «شېئار-جاشۇب» چوڭ بولغۇچە، سۇرىيە ھەم ئىسرائىل (شىمالىي پادىشاھلىق) تاشلاندۇق بولۇپ تۇرىدۇ. بېشارەتتىن ئۈچ يىلدىن كېيىن سۇرىيە زېمىنى ۋە ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن ئىسرائىل زېمىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى يەھۇدانىڭ زېمىنىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئۇنى بۇلاپ-تالايدۇ، بىراق ئۇنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. كېيىنكى بابلارنى، بولۇپمۇ 36-37-بابنى كۆرۈڭ. «ئىممانۇئېل» دېگەن بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى بېشارەت ئاھازغا ئەمەس، «داۋۇت جەمەتىگە» چۈشىدۇ، دېيىلىدۇ. قارىغاندا، «ئىممانۇئېل» داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىكى بىر «پاك قىز»دىن تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ بالىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىنجىلدىكى «ماتتا» 1-، 2-بابنى، «لۇقا» 1-، 2-بابنى كۆرۈڭ. 7:19 «ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، ...ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ» ــ دېمەك، ئادەملەر يوشۇرۇنماقچى بولغان ھەربىر جاي بىخەتەر بولمايدۇ، دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. مۇشۇ ئايەتتە ئىبرانىي تىلىدا ئاھاڭداش سۆز ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، بىر توپ ھاشارەتنىڭ «غۇڭ-غۇڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارغىنىغا ئوخشىتىلغان. 7:20 «مۇشۇ ئۇستىرا ... پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ» ــ «پۇتنىڭ تۈكلىرى» مۇشۇ يەردە پۈتۈن بەدەندىكى تۈكلەرنى كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ، سەل سىلىقلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن. دېمەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلارنى بەلكىم يالىڭاچ قالدۇرىدۇ. 7:22 «...ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ» ــ دېمەك، ئادەملەر شۇنچە ئاز، تېرىلغۇ يەر يوق دېيەرلىك، زىرائەتلەرنىڭ ئورنىدا ياۋا ئوت-چۆپ كۆپ بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ئاساسەن پەقەت سۈت ھەم بال بولىدۇ. 7:23 لاۋ. 26‏:22 7:24 «ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ...» ــ دېمەك، بۇنداق ئۈزۈمزار ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئادەملەر ئۇ يەرگە بارىدىغان بولسا، ئۆزىنى قوغداش ياكى ئوۋ قىلىش ئۈچۈن قوراللارنى كۆتۈرگەن ھالەتتىلا بارىدۇ.