61
زىئوننىڭ پارلاق كېلەچىكى ــ داۋامى •••• «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ يەنە بىر سۆزى
«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا،
چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن.
ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا،
تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى،
چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛  
پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى،
ھەم خۇدايىمىزنىڭ قىساسلىق كۈنىنى جاكارلاشقا،
بارلىق قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىشكە مېنى ئەۋەتتى.
زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە،
كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى،
ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى،
غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا،
مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛
شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»،
«پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ،
ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.
ئۇلار قەدىمكى خارابزارلىقلارنى قايتىدىن قۇرىدۇ،
ئەسلىدە ۋەيران قىلىنغان جايلارنى قايتىدىن تىكلەيدۇ،
خارابە شەھەرلەرنى، دەۋردىن-دەۋرگە ۋەيرانلىقتا ياتقان جايلارنى يېڭىباشتىن قۇرىدۇ؛
ياقا يۇرتلۇقلار تۇرغۇزۇلۇپ، پادىلىرىڭنى باقىدۇ؛
ياتلارنىڭ بالىلىرى قوشچىلىرىڭلار، ئۈزۈمچىلىرىڭلار بولىدۇ.
بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛
سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛
ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ،
سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر.  
خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ؛
رەسۋا قىلىنغانلىقنىڭ ئورنىغا ئۇلار تەقسىماتىدا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زېمىنغا ئىككى ھەسسىلەپ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛
مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق ئۇلارنىڭكى بولىدۇ.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار توغرا ھۆكۈم، ھەقىقەتنى ئەزىزلەيمەن؛
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتا ھەرقانداق بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا نەپرەتلىنىمەن؛
مەن ئۇلارغا ھەقىقەت بىلەن تېگىشلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛
مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزىمەن.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ داڭقى ئەللەر ئارىسىدا،
پەرزەنتلىرىنىڭ داڭقى خەلقى-ئالەم ئارىسىدا چىقىدۇ؛
ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى تونۇپ ئېتىراپ قىلىدۇكى،
«ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر»».
 
مەسىھ يەنە سۆز قىلىدۇ
10 ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن،
جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛
چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك،
توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك،
ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى،
ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.
11 چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك،
باغ ئۆزىدە تېرىلغانلارنى ئۈندۈرگىنىدەك،
رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ».
 
 
61:1 «رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن» ــ «مەسىھلىگەن» ياكى «مەسىھ قىلغان» ــ مۇشۇ يەردە بىز قايتىدىن بۇ ئىبارىگە چۈشەنچە بېرىمىز، شۇنداقلا «مەسىھ» توغرۇلۇق توختىلىمىز. خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ماي سۈرتۈلۈش كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دەپ ئاتىلىپ، شۇ چاغدىن باشلاپ مۇشۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان «قۇربانلىق قىلغۇچى» كاھىنلارمۇ مۇشۇ خىزمەتكە كىرىشىش ئۈچۈن «مەسىھ قىلىنىشى» كېرەك ئىدى. «مەسىھ قىلىنىش» بەزىدە پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۆتكۈزۈلەتتى. بىراق مۇشۇ ئايەتتىكى «مەسىھ قىلىش» زەيتۇن مېيى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز مۇقەددەس روھى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئىنسان تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، خۇدانىڭ ئۆزى ئۆتكۈزىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرىسىدىكى سۆزلەرنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ «پادىشاھ» (پۈتكۈل ئالەمنىڭكى)، پەيغەمبەر («سۆزۈمنى ئاغزىڭغا قۇيىمەن») ھەم «قۇتقۇزغۇچى كاھىن»دۇر (گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربانلىق قىلىدۇ، گۇناھكارلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ). شۇ ئۈچ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ خۇدانىڭ روھى بىلەن «مەسىھ قىلىنىشى» كېرەك ئىدى. مۇشۇ يەردىن باشلاپ بىز «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى «مەسىھ» دېگەن نام بىلەن چاقىرىمىز. ئىسرائىلنىڭ 60- ھەم 61-بابتا كۆرسىتىلگەن بەختىنىڭ، ئەللەرنىڭ (ئىسرائىل ئارقىلىق بولغان) بەختىنىڭمۇ ھەممىسى مەسىھنىڭ قىلغان ئىشىدۇر. 61:1 لۇقا 4‏:17،18،19،20 61:2 «پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلى» ــ «لاۋىيلار» 25-بابتا كۆرسىتىلگەن «بۇرغا (چېلىش) يىلى»، يەنى «ئازادلىق يىلى»، ياكى «شادلىق يىلى» بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلى»نى ئالدىنئالا ئايان قىلغان «بېشارەتلىك بىر رەسىم» بولسا كېرەك. ئىنجىل، «لۇقا» 18:4-19نى كۆرۈڭ. 61:3 «پەرۋەردىگار... زىئوندىكى ... كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى» ــ قايغۇ-ھەسرەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئادەملەر كۈللەردە ئولتۇراتتى ياكى ئۇلارنى پېشانىسىغا سۈرتەتتى. مەسىھ بولسا «كۈللەرنىڭ ئورنىغا» خۇشاللىقنى بىلدۈرىدىغان ماينى ئادەمنىڭ پېشانىسىغا سۈرتىدۇ. «مەدھىيە تونى» ــ مۇشۇ «تون» پۈتۈن بەدەننى ئورايدىغان چوڭ بىر كىيىم بولۇپ، بەلكىم ھەممە غەشلىك كېتىپ، ئادەمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇش پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ» ــ يۇقىرىدىكى 29:1-، 5:57-ئايەتتە، «چوڭ دەرەخلەر» بۇتپەرەسلىك قىلىنىدىغان جايلار ئىدى. ھازىر ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. 61:4 يەش. 58‏:12 61:6 «بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر» ــ ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، «كاھىن»لار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتچىلەر بولۇپ، خەلقلەرگە ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەرخىل قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرگۈچى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ھۆكۈملىرىنى ئۆگىتىش ۋەزىپىسى بار ئىدى («مال.» 7:2). مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدە، خۇدا «بارلىق خەلقىمنى ئۆزۈمگە ئاتاپ كاھىنلار قىلىمەن» دېگەنىدى («مىس.» 6:19). بىراق خەلقنىڭ كۆپىنچىسى ئىتائەتسىزلىك بىلەن مۇشۇ ۋەدىدىن مەھرۇم بولدى؛ پەقەت «لاۋىي» دېگەن قەبىلىدىكىلەر كاھىنلىق رولنى ئۆتىيەلىگەنىدى. بىراق مۇشۇ ئايەت بىزگە ئايان قىلىدۇكى، خۇدانىڭ ئەسلىدىكى نىشانى ھامان ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر» ــ ياكى «ئۇلارنىڭ شان-شەرەبلىرىدىن تەنتەنە قىلىسىلەر». 61:6 1پېت. 2‏:5، 9؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10 61:7 «خورلىنىپ، شەرمەندىلىكتە قالغىنىڭلارنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر بېرىلىدۇ» ــ «ئىككى ھەسسە نېسىۋەڭلەر» توغرۇلۇق يەنە 40-باب، 2-ئايەتنى كۆرۈڭ. 61:8 «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق پۈتۈن پېتى خۇداغا (تولۇق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن) ئاتاپ كۆيدۈرۈلەتتى. ئادەم (مەيلى بەرگۈچى، مەيلى كاھىن بولسۇن) قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ھېچ يېمەتتى. ئەگەر مۇشۇنداق قۇربانلىق قىلغاندا، بىرسى خۇدادىن بىر زەررىچىنى قالدۇرغان بولسا، بۇ «بۇلاڭچىلىق»قا باراۋەر ئىدى. ئەمدى تۆۋەندە، خۇدا ئۆزى ئىنسانىيەتكە، ئۆز خەلقىگە مەلۇم بىر نەرسىنى ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» توغرىسىدىكى مۇقەددەس قانۇنىغا ئۆزى بويسۇنغانغا ئوخشاش، ئۇ بەرگەن نەرسىدە قىلچە بىر كەملىك ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلغانلىرىدىن ھېچنەرسىنى قالدۇرمايدۇ. 61:9 «ئۇلار بولسا پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر» ــ «زەب.» 30:22-31نى كۆرۈڭ. يۇقىرىقى 59:21-ئايەتتە دېيىلگەن «ئەھدە»گە ئاساسەن، زىئوننىڭ نەسلى «مەسىھ»نىڭ روھى ھەم سۆز-كالامىغا ئىگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ 8- ھەم 9-ئايەتتە شۇ ئەھدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەتىجىسى يەنە كۆرسىتىلىدۇ. 61:10 «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن... ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.» ــ مەسىھ خۇدانىڭ زىئون ھەم ئەل-يۇرتلارنى قۇتقۇزۇشتىكى خىزمىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ تەييارلىغان كىيىم-كېچەكنى قوبۇل قىلىدۇ. «توي قىلىدىغان يىگىت» ھەم «توي قىلىدىغان قىز» بولسا، ئەلۋەتتە ناھايىتى دىققەت بىلەن ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىمىنى كىيىدۇ. مۇشۇ كىيىم پەقەتلا مۇشۇ مەقسەت بىلەنلا كىيىلىدۇ؛ ئوخشاشلا مەسىھ «ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن» خۇشاللىق بىلەن خۇدا بەرگەن مەخسۇس كىيىمنى كىيىدۇ. مۇشۇ كىيىم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنى نىجات، مۇتلەق ھەققانىيلىقتىن ھەم «كاھىنلىق سەللە» (يەنى ئىنسان ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىكى رول)دىن ئىبارەتتۇر. دۇنيادا كىم مۇشۇنداق «كىيىم» كىيىۋالغان پېتى پەيدا بولسا، ھەربىر ئەقلى بار ئادەم ئۇنى خۇدا ئەۋەتكەن مەسىھ دەپ تونۇپ يېتىشى كېرەك. 61:11 «چۈنكى زېمىن ئۆزىنىڭ بىخىنى چىقارغىنىدەك،... رەب پەرۋەردىگار ئوخشاشلا بارلىق ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىقنى ھەم مەدھىيىنى ئۈندۈرىدۇ» ــ مۇشۇ ئىش مەسىھنىڭ يەنە بىر خۇشاللىقىنىڭ سەۋەبى ــ ئۇنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؛ ئۇ نىجاتنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى گۇناھتىن قۇتقۇزىدۇ.