62
مەسىھنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى
ــ «تاكى زىئوننىڭ ھەققانىيلىقى جۇلالىنىپ چاقناپ چىققۇچە،
ئۇنىڭ نىجاتى لاۋۇلداۋاتقان مەشئەلدەك چىققۇچە،
زىئون ئۈچۈن ھېچ ئارام ئالمايمەن،
يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن؛
ھەم ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى،
بارلىق پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ؛
ھەم سەن پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن ساڭا قويىدىغان يېڭى بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىسەن،
شۇنداقلا سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا تۇرغان گۈزەل بىر تاج،
خۇدايىڭنىڭ قولىدىكى شاھانە باش چەمبىرىكى بولىسەن.
سەن ئىككىنچى: «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن،
زېمىنىڭ ئىككىنچى: «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛
بەلكى سەن: «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن،
ھەم زېمىنىڭ: «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ،
زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ.
چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك،
ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛
توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك،
خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ.
مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم،
ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛
ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار!
ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە،
ئۇنى يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت-مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە،
ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!».
پەرۋەردىگار ئوڭ قولى ھەم ئۆز كۈچى بولغان بىلىكى بىلەن مۇنداق قەسەم ئىچتى: ــ
«مەن زىرائەتلىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئوزۇق بولۇشقا ئىككىنچى بەرمەيمەن؛
جاپا تارتىپ ئىشلىگەن يېڭى شارابنىمۇ ياتلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككىنچى ئىچمەيدۇ؛
زىرائەتلەرنى ئورۇپ يىغقانلار ئۆزلىرىلا ئۇنى يەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ؛
ئۈزۈملەرنى ئۈزگەنلەر مۇقەددەس ئۆيۈمنىڭ سەينالىرىدا ئۇلاردىن ئىچىدۇ».
10 ــ ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار!
خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار!
يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛
تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار؛
خەلق-مىللەتلەر ئۈچۈن يول كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى كۆتۈرۈڭلار.  
11 مانا، پەرۋەردىگار جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ــ
زىئون قىزىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ
«قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ!
قارا، ئۇنىڭ ئۆزى ئالغان مۇكاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە،
ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ.
12 ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»،
«پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛
سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن.
 
 
62:2 يەش. 65‏:15 62:4 «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خېفزىباھ». «نىكاھلانغان» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىيۇلاھ». 62:6 «مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار!» ــ مەسىھ مۇشۇ «كۆزەتچىلەر»نى، يەنى «پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچىلەر»نى ئۆزىگە ئوخشاش زىئون ئۈچۈن توختىماي دۇئا قىلىش خىزمىتىگە بېكىتكەن. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ (1-ئايەتنى كۆرۈڭ). 62:10 «ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار» ــ يولنى، ئىسرائىلدىكى تارقىلىپ كەتكەن، باشقا يۇرتلاردا سۈرگۈن بولغانلار، شۇنداقلا خۇدانى ئىزدىگەن مۇساپىرلار بىلەن بىللە زىئونغا كەلمەكچى بولغانلار ئۈچۈن تەييارلاڭلار، دېمەكچى بولسا كېرەك. 62:10 يەش. 40‏:3؛ 57‏:14 62:11 «قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ!... ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ» ــ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا قارىغاندا، مۇنۇ «نىجات-قۇتۇلۇش» بىر شەخس، يەنى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ «ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپىتى» ھەم «ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى» 10- ھەم 12-ئايەتكە قارىغاندا دەل ئۆزى قۇتقۇزغان «خەلقىم» ھەم «خەلق-مىللەتلەر»دىن ئىبارەتتۇر. 62:12 «ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»... دەيدۇ» ــ «ئۇلار» دەل 10-ئايەتتە دېيىلگەن، زىئونغا كەلمەكچى بولغان «خەلق» ھەم «خەلق-مىللەتلەر»دۇر. «سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»،... دەپ ئاتىلىسەن» ــ «سەن» زىئوننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.