64
دۇئانىڭ داۋامى
1‏-2 ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ،
يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى!
تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى! مانا مۇشۇنداق بولغاندا تۇتۇرۇققا ئوت ياققاندەك،
ئوت سۇنى قايناتقاندەك،
سەن نامىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئايان قىلغان بولاتتىڭ،
ئەللەر يۈزۈڭدىنلا تىترەپ كېتەتتى!
سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا،
سەن چۈشكەنىدىڭ؛
يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى!
سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى،
ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان،
قۇلاققا يېتىپ باقمىغان،
كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر!
سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ،
يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛
بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ،
بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛
ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولىۋەردى؛
ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟
ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق،
قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛
ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق،
قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى.
سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى،
ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛
چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ،
قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ.
بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛
بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛
ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن،
قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛
مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز!
10 مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال،
زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛
يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛
11 ئاتا-بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي،
پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛
قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى.
12 مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟
سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟
بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرىۋېرەمسەن؟»
 
 
64:1‏-2 «ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشسەڭ ئىدىڭ! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى!». 64:3 «يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى!» ــ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، خۇدا ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇقەددەس قانۇن-پەرمانلىرىنى بەرگەن ۋاقتىدا، سىناي تاغلىرى شۇنداقلا ئېرىپ كەتتى. يەشايا پەيغەمبەر بەلكىم مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. 64:4 زەب. 31‏:19،20؛ 1كور. 2‏:9 64:6 زەب. 90‏:5-8 64:9 زەب. 79‏:8 64:11 «...پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆيىمىز» مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە. «ئۆي» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى بولسا، خۇدانىڭ ئەسلى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئىبادەتخانىسىدا) تۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىز»نىڭ ئەڭ ئېسىلى بولسا يەنىلا ئىبادەتخانىدىكى بۇيۇم-جابدۇقلار بولغانىدى. بابىللىقلارنىڭ يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلغانلىقى بەلكىم مۇشۇ بېشارەتتىن كېيىنكى 100 يىل ئەتراپىدا بولدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى). مۇشۇ ئايەتتە، پەيغەمبەر (15:63-19-ئايەتلەردىكى ئەھۋالغا ئوخشاش) ئۆزى ئاشۇ دەۋردە تۇرغاندەك سۆز قىلىدۇ؛ ئۇ ئاشۇ دەۋردىكىلەرگە ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلىدۇ.